ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

دېھقان قىزى

يالقۇن ئۆمەر شېئىرى، ئۆركەش جاپپار فوتوسى

2017.12.12 12:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

          دېھقان قىزى ھېرىقماي كېچە- كۈندۈز تىرمىشىپ،
          ئەل- ئاۋامنى ئامەت- قۇت مەنزىلىگە باشلايدۇ.
          بوشاشماستىن ھەربارە مۈشكۈل بىلەن چىرمىشىپ،
          تۆھپىسىدىن بەر قارار كۆڭۈللەرنى شاشلايدۇ.

          بەل پۈكمەستىن ھېچقاچان مۇشەققەتكە، جاپاغا،
          مېھنىتىدىن گۈل تىكەر قاقاسلىققا، تاشلىققا.
          مەزمۇت چىگىپ ئەقىدە، ئىخلاسىنى ۋاپاغا،
          يۇرتنىڭ دالا- تۈزىنى تولدۇرىدۇ ئاشلىققا.
          
          ھەرقەدەمدە، سىلجىشتا بەرپا قىلىپ دارامەت،
          گۈلزار كەبى ئۇز قىلىپ بېزەيدۇ بۇ ئالەمنى.
          ئىقتىدارى، زېھنىدىن كۆرسىتىپ كۆپ كارامەت،
          ئېچىلدۇرسام دەر ھامان مېھنىتىمدىن لالەمنى.

          چۈشسە ئەگەر بەيگىگە ئەرلەر بىلەن يەكمۇيەك،
          مەنزىللەردە، داۋاندا بوشاشماستىن چاپار تەڭ.
          «يېرىم دۇنيا» رولىغا كەلتۈرمەستىن قىلچە شەك،
          خېلى قىيىن ئىشقىمۇ مەڭدىمەستىن تۈرەر يەڭ.

          ۋۇجۇدىدا جاسارەت ئامىللىرى ئۇرغاچ جۇش،
          ئىرادىسى تەۋرىنىش، قورقۇشقا يات ئەزەلدىن.
          يېڭى ئىستەك، يېڭى ھېس باش كۆتۈرەر تۇشمۇتۇش،
          ئېتىز- قىردا ئۇ ئېيتقان جاراڭلىق شوخ غەزەلدىن.
          
          ئاناردەك جۈپ مەڭزىدە كۈلەر ئىقبال زىياسى،
          يۈكسەك ئىززەت، ھاياسى قوزغار ھامان قايىللىق.
          زېرەكلىكى بەھرىدە تۈزگەن پىلان، قىياسى،
          ئويغىتىدۇ دىللاردا چەكسىز ئىشەنچ، مايىللىق.

          ئاددىي- ساددا جىسمىدىن كۈۋەجىگەن ئىزگۈلۈك،
          گۈزەللىكنىڭ تەختىگە نەقىش بولۇپ ئويۇلار.
          ئەقىدىسى، ۋاپاسى بولۇپ يارقىن بىر مۈلۈك،
          ئەھلى ئىنسان پۇشتىغا بالدەك لەزىز تۇيۇلار.
          
          دېھقان قىزى ئەي گۈزەل ھۆرمەت ئارا يولۇڭغا،
          ئەقىدەمنى بىر ئۆمۈر قىلاي مەزمۇت پايانداز.
          ئىخلاس بىلەن تېۋىنىپ سۆيۈپ تەكرار قولۇڭغا،
          سېنىڭ بىلەن ھاياتتا چالاي ھامان بىللە ساز.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل