ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شان- شەرەپ ئىزدە

(مۇخەممەس)

ئەبەيدۇللا ئابدۇلبارى

2017.12.12 12:33 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

          ئېلىڭگە شان- شەرەپ ئىزدە يولۇڭ ئەسلامۇ تار بولماس،
          ۋەتەننىڭ بۇرچىنى ئاقلا بېشىڭ ئەسلامۇ خار بولماس،
          ياراتساڭ ئەل ئۈچۈن تۆھپە دىلىڭ شەربەتكە زار بولماس،
          ئەقىدە قىل راسا ئىشلەپ گۈزەل ئەتەڭدە ئار بولماس،
          شۇڭا بىر كېرەكسىز تاشنىڭ زېمىندا كارى بار بولماس.

          راسا ئىشلەپ ئانا يەرگە گۈزەل تۇپراقتا مەن باردە،
          ۋەتەن- خەلقىڭ ئۈچۈن جان تىك ئۇنىڭ مېھرىگە مەن زاردە،
          قەدەم ئالماي توساقلاردىن تۇرۇپ قالسام ئۆزۈم خاردە،
          ئاداشساڭ، ئەلدىن ئايرىلساڭ يۈرەلمەيسەن يولۇم تاردە،
          شۇئان بىلسەڭ ھەقىقەتنى يولۇڭ ئەسلامۇ تار بولماس.

          تۈرۈپ يەڭنى راسا ئىشلەپ ھوسۇل ئالغىن چىقىپ قاشتا،
          بولۇر ئاقىل دېمە ئىنسان ئاچار ھېكمەت تولۇپ ياشتا،
          قەدەمنى ئال ئۇزاق ئۆلچەپ ئاتار غەلبە تېڭى باشتا،
          ۋەتەن- خەلقىڭ ئامان بولسا كۆڭۈل توقتۇر ئەمەس ئاشتا،
          يېڭى غەلبە، ئۇتۇق ئىزدە، دىلىڭ ھەسرەتكە يار بولماس.

          ئىلىم ئەييامىدا مەي ئىچ يۈرۈپ كەتتۇق بۈگۈن ئايدىن،
          كېزىپ چۆلنى، ئېلىپ تۆلنى قانائەت ئەيلىمە تايدىن،
          قېنىپ لەززەت تاپالمايسەن ئەجىرسىز ئوتلىغان چايدىن،
          مانا تۆھپەم دېمەي كەتسەڭ قەدىرسىزدۇر تېنىڭ لايدىن،
          يېڭى غەلبە، ئۇتۇق ئىزدە، دىلىڭ شەربەتكە زار بولماس.

          ئېسىڭنىڭ بارىدا قۇت تاپ، ۋەتەنگە شان- شەرەپ ئىزدە،
          چاقىرسا بۇ ئۇلۇغ تۇپراق ئۇنىڭ غەمخانىسى بىزدە،
          شەرەپ مېدالى ئاسقاندا ئەجەب پەخرىم ۋەتەن سىزدە،
          ياشاپ كەتتۇق بۈگۈن ھەممە خۇشال شۇ دەم ئوغۇل- قىزدە،
          كېلەچەك ئۈستىدە ساز چال، يولۇڭ ئەسلامۇ تار بولماس.

          ياشا ئەي دوستۇم بۇ ئەلدە مېنى سايراتقىنى سەن دەپ،
          ياشا ئەي دوستۇم بۇ ئەلدە مېنى يايراتقىنى قەنت دەپ،
          ياشا ئەي دوستۇم بۇ ئەلدە مېنى تايلاتقىنى ئەن دەپ،
          ياشا ئەي دوستۇم بۇ ئەلدە مېنى ئايناتقىنى پەن دەپ،
          ۋەتەن دەپ ناخشا ياڭراتساڭ دىلىڭ ئەسلامۇ خار بولماس.
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل