ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاتا قەلبى

(ھېكايە)

ئابدۇرۇسۇل مەمەت

2017.12.12 12:20 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  دەرستىن چۈشۈپ ھەر كۈندىكىدەك ئۇدۇللا يېزا بازىرىدىكى كىچىككىنە مىلىچمال دۇكىنىمىزغا باردىم. دادام دۇكاننى ماڭا قويۇپ، مال تولۇقلىغىلى شەھەردىكى توپ مال بازىرىغا ماڭدى. ھەر كۈنى مۇشۇ چاغدا مەكتەپتىن قايتقان بالىلار شاكىلات، چوكا مۇز، تەييار چۆپ، سېغىز كەمپۈت دېگەندەك ئۇششاق يېمەكلىكلەرنى ئالغىلى دۇكىنىمىزغا كىرەتتى. بۇنداق چاغلاردا دەرھال تاپشۇرۇق دەپتىرىمنى بىر يانغا قويۇپ، سودا قىلىشقا باشلايتتىم.
  − داداڭ قېنى؟ − بىر ئەرنىڭ بوم ئاۋازىدىن چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈردۈم. ئالدىمدا دۇكاننىڭ ئىگىسى بايىز لاڭقا تۇراتتى. ئۇنىڭ بويى خېلىلا ئېگىز بولغاچقا، ھەممىلا ئادەم ئۇنى بايىز لاڭقا دەپ ئاتايتتى. دادام دۇكاننى مۇشۇ كىشىدىن يىللىقىنى 6000 يۈەندىن ئىجارە ئالغانىدى.
  − يوق، بايىلا شەھەرگە كىرىپ كەتكەن، − دېدىم ئۇنىڭ سوغۇق چىرايىدىن ئەيمىنىپ.
  − ھە، داداڭ چىقسا دەپ قوي، يىللىق ئىجارە پۇلىنى تۆلىۋەتسۇن، ھېلىمۇ 15 كۈن ئۆتۈپ كەتتى، − ئۇ غوتۇلدىغاچ ئىشىكتىن چىقتى، − دۇكاننى ئالىدىغان ۋاقتىدا يالۋۇرۇپ ھالى قالمىغان، ئەمدىلىكتە...
  ئۇنىڭ قوپاللىقىدىن ئىچىم ئاچچىق بولدى. ئۆيدىكى بەش جان مۇشۇ كىچىككىنە دۇكانغا قاراشلىق ئىدۇق، ھەدەم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، ئانام كېسەلچان بولغاچقا، ھەدەمنىڭ ئوقۇش پۇلى، ئانامنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش دېگەندەك ئىشلار بىلەن كۈنلۈك تاپقان پۇل كۈنلۈكىمىزگە ئارانلا يېتەتتى. ئۇكام تېخى يەسلىدە ئىدى.
  قاراڭغۇ چۈشۈشىگە دادام لىق مال قاچىلانغان سولياۋ خالتىلارنى ئاران- ئاران كۆتۈرۈپ كەلدى. شۇ ھامان تاپشۇرۇق دەپتىرىمنى قويۇپ، دادامنىڭ قولىدىن خالتىلارنى ئالدىم- دە، ماللارنى تۈرى بويىچە رەتلىك تىزغاچ، بايىز لاڭقىنىڭ بايىقى گەپلىرىنى دېدىم. دادامنىڭ چىرايى سەل ئۆڭگەن بولسىمۇ، بىراق چاندۇرماسلىققا تىرىشىۋاتاتتى:
  − ھە، ھېچ گەپ يوق بالام، يېنىمدا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سودا قىلىپ يىغىپ قويغان 3000 كويدەك پۇل بار، بايا توپ مال دۇكىنىدىكى تونۇشۇمدىن 2800 كوي قەرز ئېلىپ چىقتىم. يەنە بىر كۈن سودا قىلىپ، 200 كوي جۇغلىساقلا، ساق 6000 كوي بولىدۇ، شۇ چاغدا تولۇق بېرىۋېتىمىز.
  دادامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ خېلىلا يەڭگىللەپ قالدىم. دەل شۇ چاغدا 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر كىشى مەكتەپ فورمىسى كىيىۋالغان يەتتە- سەككىز ياشلىق بالىنى يېتىلىگىنىچە دۇكاننىڭ ئالدىغا تىزىپ قويغان داس، چېلەك، سۈپۈرگە، ئورۇندۇقلارغا قارىغىلى تۇردى. دەرھال دۇكاندىن چىقىپ ئۇ كىشىگە قىزغىنلىق كۆرسەتتىم:
  − كەلسىلە ئاكا، ئۆزلىرىگە نېمە لازىمكى؟
  − ۋاي... نېمىسىنى دەيسىز ئۇكام، ئەتە ماۋۇ ئوغلۇمنىڭ مەكتىپىگە باھالىغۇچىلار كېلىدىكەن، ئوقۇتقۇچىسى بىردىن كىچىك ئورۇندۇق ئېلىپ كېلىسىلەر دەپتۇ. بايىدىن بېرى ئورۇندۇق ئېلىپ بېرىسەن دەپ تولا غەلۋە قىلىپ بېشىمنى ئوچاق قىلىۋەتتى... − ئۇ كىشى قاقشىغاچ سولياۋ ئورۇندۇقتىن بىرنى قولىغا ئېلىپ بالىسىغا كۆرسەتتى، − ماۋۇ بولامدىكەن؟
  − مۇشۇ بولىدۇ! − بالىنىڭ چىرايى بىردىنلا ئېچىلىپ كەتتى.
  − ئۇكام، بۇ ئورۇندۇق قانچە پۇل؟
  − ئالتە كوي.
  − ئەستاغپۇرۇللا... ئۇكام، شۇ تاپتا يېنىمغا پۇل سېلىۋالمايلا كەپتىمەن، ئەتە ئەكىلىپ بەرسەم...
  «يا بۇ ئادەمنى تونۇمىسام، ئەگەر ئەتە پۇلنى ئەكىلىپ بەرمەي قالسا...» كاللامدىن لىپپىدە قىلىپ ئۆتكەن شۇ خىيال بىلەن تەڭ كېسىپلا دېدىم:
  − بولمايدۇ، پۇللىرى بولمىسا ئورۇندۇقنى قويۇپ قويسىلا.
  ھېلىقى كىشىنىڭ چىرايى بىر قىسمىلا بولۇپ كەتتى. بالىسى يەنە مىشىلداشقا باشلىدى. ئۇ كىشى بالىسىنى تارتقۇشلىغىنىچە ئېلىپ ماڭدى. ئۇنىڭغىچە دادام يېنىمدا پەيدا بولدى:
  − بالام، نېمە ئىش بولدى؟
  − ئاۋۇ ئادەم ما ئورۇندۇقنى نېسىگە ئالىمەن دەيدۇ. بەرمىدىم تازا، − شۇ تاپتا دادام مېنى ماختايدۇ دەپ ئويلىدىم.
  دادام ماڭا بىرنى ھومىيىپ قويۇپ ھېلىقى كىشىنى چاقىردى:
  − ئۇكام، بۇياققا كەلسىلە!
  ھە دەپ يەر تىرەجەپ تۇرۇۋالغان بالىسىنى تارتقۇشلاۋاتقان ھېلىقى كىشى ئىلدام مېڭىپ دۇكاننىڭ ئالدىغا كەلدى. دادام ئورۇندۇقنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى:
  − ئۇكام، بايا ئوغلۇم ئەدەپسىزلىك قىپتۇ، بۇنى ئالسىلا، پۇل دېگەننىڭ كارايىتى چاغلىق، تاپقاندا ئەكىلىپ بېرەلا.
  − بەك سەت بولدى ئۇستام، − ئۇ كىشى دادامنىڭ قولىدىن ئورۇندۇقنى ئالدى، − بۇ ئوغلۇممۇ تازا جاھىل دېسىلە، ئادەمنى خىجىل قىلىپ... − ئۇ ئوڭايسىزلىنىپ گەدىنىنى قاشلىدى، − پۇللىرىنى ئەتىلا بېرىۋېتىمەن، − ئۇ قايتا- قايتا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، دادام بىلەن خوشلاشتى. دادىسىنىڭ قولىدىن ئورۇندۇقنى ئالغان بالا تايچاقتەك سەكرىگىنىچە يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتى. مەن ھەيرانلىقتىن دادامغا تىكىلدىم:
  − دادا، ئۇ كىشىنى تونۇمسىز؟
  − تونۇمايمەن، − دېدى دادام پەرۋاسىزلا.
  − ئەمىسە نېمىشقا ئورۇندۇقنى نېسىگە بېرىسىز؟ − شۇ تاپتا كۆڭلۈمدىكى نارازىلىقنى يوشۇرالمايۋاتاتتىم.
  − بالام، − دېدى دادام ماڭا بۇرۇلۇپ، − بىر ئاتا ئۈچۈن پەرزەنتىنىڭ ئالدىدا باشقىلارغا يالۋۇرۇشتىن ئارتۇق خىجىلچىلىق يوق، − دادامنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ، سەل خىرقىراپ قالدى، − 5- سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا بوۋاڭ- موماڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك بىلەن ئارقا- ئارقىدىن تۈگەپ كېتىپ، يۇقىرىلاپ ئوقۇيالمىغان. تاغا- ھاممىلىرىم، يۇرت- مەھەللىدىكىلەر مېنى بېقىپ چوڭ قىلدى. ئەمدى كۈنلىرىمىز ياخشىلىنىپ، باشقىلارغا كىچىككىنە بولسىمۇ ياخشىلىق قىلالىغۇدەك بولغاندا، ئۆزىمىزنى چەتكە ئالساق توغرا بولماس!
  − ئۇ ئادەم ئەتە پۇلنى ئەكىلىپ بەرمىسە قانداق قىلىمىز؟ − پۈتۈن خىيالىم بايىز لاڭقىنىڭ بايا دېگەن گېپىدە ئىدى، − دۇكاننىڭ ئىجارىسىنى تۆلەپ بولالمايۋاتساق...
  دادام كۈلۈپ كەتتى:
  − ئەمىسە باغلىشايلى، ئەتە پۇلنى چوقۇم ئەكىلىپ بېرىدۇ، ئۇنى بالىسى ئالدىدىكى خىجىللىقتىن قۇتۇلدۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ چوقۇم ئەكىلىپ بېرىدۇ. ئەگەر ئەتە ئەكىلىپ بەرمىسە، خەجلىشىڭ ئۈچۈن ساڭا ئالتە كوي بېرىمەن.
  − بولىدۇ، قېنى كۆرىمىز، − تاپشۇرۇق دەپتىرىمنى يىغىشتۇردۇم- دە، كۈندىكىدىن بۇرۇنراق ئۆيگە ماڭدىم. بۇ، دادامنىڭ بايىقى كۆڭۈلچەكلىكىگە، ياق، ئەخمەقلىقىگە كۆرسەتكەن نارازىلىقىم ئىدى.
  ئەتىسى كەچتە دەرستىن چۈشۈپ ئۇدۇل دۇكانغا چاپتىم. دادام شۇ تاپتا قولىدىكى پۇلنى ساناپ «5956» دېگەن ساننى دەپتەرگە يېزىۋاتاتتى. «يەنە 44 كويلۇق سودا قىلساقلا دۇكان ئىجارىسىنى تۆلىيەلىگۈدەكمىز» دەپ ئويلىدىم. شۇنداقتىمۇ دادامدىن ئۇدۇللا سورىدىم:
  − پۇلنى ئەكىلىپ بەردىمۇ؟
  دادام ئىشەنچ بىلەن كۈلۈمسىرىدى:
  − ئالدىرىما بالام، بۈگۈننىڭ ۋاقتى- سائىتى تېخى توشمىدى.
  شۇ تاپتا ھېلىقى كىشىنىڭ دۇكانغا بۈگۈن كەلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلاتتىم. ئۇ بۈگۈن كەلمىسىلا، مېنىڭ قىلغانلىرىمنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلىناتتى، ئۇ چاغدا دادام يېڭىلەتتى. گەرچە دادامدىن ئالتە كوي ئېلىپ خەجلىۋېلىش نىيىتىم بولمىسىمۇ، بىراق بىرخىل يېڭىش تۇيغۇسى ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالغانىدى. تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلەشكە تۇتۇندۇم. بىراق ئەس- يادىم شۇ كىشىدە بولغاچقىمىكىن، بىردەم- بىردەم ئىشىككە قارايتتىم. دادام بولسا دۇكاندىكى ماللارنى رەتلەش، توپا- توزانلارنى سۈرتۈش بىلەن ئاۋارە ئىدى.
  − تىچلىقمۇ؟ − ھېلىقى كىشى بالىسىنى يېتىلىگىنىچە دۇكانغا كىرىپ كەلدى. «ئىم، دادامنىڭ گېپى توغرا چىقتى!» غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلسىمۇ، چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ، تاپشۇرۇق ئىشلىگەن بولۇۋېلىپ بېشىمنىمۇ كۆتۈرمىدىم. ئۇ كىشى دادام بىلەن ئىككى قوللاپ كۆرۈشتى:
  − ئۇستام، تۈنۈگۈن سەت ئىش بولدى، بەك خىجىل بولدۇم. دېھقان خەق دېگەننىڭ يانچۇقىدا نەق پۇل بولۇپ تۇرمايدىكەن. بۈگۈن مانا ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئوغۇت تەييارلىقىنى قىلىۋالاي دەپ، پەيشەنبە بازاردا بىر توپاقنى سېتىپ يانچۇقنى تومپايتىۋالدىم، مانا بۇ تۈنۈگۈن سىلىدىن نېسى ئالغان ئورۇندۇقنىڭ پۇلى، ۋاقتىدا بېرىۋېتەي دەپ كېلىشىم، − ئاندىن بالىسىغا بۇيرۇدى، − بالام ماڭ، دۇكاندىن ئۆزۈڭ ئامراق تاتلىق- تۇرۇملەردىن تاللا، سوپۇن، تۇز، ئاچچىقسونى ئۇنتۇپ قالما، سىڭلىڭغا، ئاناڭغا ئوبدانراق نەرسىلەرنى تاللا.
  بالا دۇكاندا پىرقىراپ يۈرۈپ تاتلىق- تۇرۇم، ئويۇنچۇق دېگەندەك نەرسىلەرنى تاللاشقا باشلىدى. دادام ئۇ كىشى بىلەن كونا تونۇشلاردەك بىر ھازا قىزغىن پاراڭلاشتى. ئۇنىڭغىچە بالا بىر قۇچاق نەرسىنى كۆتۈرۈپ كەلدى. دادام نەرسىلەرنىڭ باھاسىنى ھېسابلاپ، سولياۋ خالتىلارغا ئەپلىككىنە قاچىلاپ بەردى. ئۇ كىشى دادامغا 100 كويلۇق پۇلدىن ئىككىنى ئۇزاتتى. دادام ئاشقان پۇلنى چىرايلىق قاتلاپ ھېلىقى كىشىگە ياندۇرۇپ بەردى. ئۇ كىشى دادام بىلەن قىزغىن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى.
  شۇ تاپتا ئاتا- بالىنىڭ خۇشال ھالىتىگە مەستلىكىم كېلىپ تۇرۇپلا قاپتىمەن. بىر چاغدا ئېسىمگە كېلىپ دادامغا قارىدىم، دادام ئارتۇق گەپ قىلماي كۈلۈمسىرىگىنىچە ماڭا «قانداق؟» دېگەن مەنىدە تىكىلدى، يۈزلىرىم ۋىللىدە قىزىرىپ، كۆزلىرىمنى ئېلىپ قاچتىم...
مەسئۇل مۇھەررىر : روشەنگۈل