ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

خىيالىمدا رەڭمۇرەڭ گۈللەر

(نەسىر)

ئايشەمگۈل بارات

2017.09.22 12:26 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مەن كۈچلۈك بىر ھاياجان ۋە چەكسىز پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە جۇڭگو خەرىتىسىگە قاراپ تۇراتتىم. خىياللىرىم قاناتلىنىپ، كۆز ئالدىمدىكى رەڭدار خەرىتە بىردىنلا ئاجايىپ گۈزەللىككە ۋە خۇش پۇراقلارغا تولغان سېھىرلىك بىر باغچىغا ئايلاندى. ئېگىز تاغلار، زۇمرەت ئېقىنلار كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرەتتى. قۇشلارنىڭ يېقىملىق نەغمە- ناۋاسى كۆڭۈللەرنى لەرزىگە سالاتتى. شۇئان نەزەرىم كۈيلەر ئەۋجىدە لەرزان ئۇسسۇل ئويناۋاتقان گۈللەرگە چۈشتى، ئۇلارنىڭ رەڭگى، پۇرىقى بىر- بىرىگە ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما ھەممىسى مۇشۇ بىر باغدا ئۆسۈپ يېتىلگەن بولغاچقا، بىر- بىرىگە بەكمۇ ئېجىل ئىدى. مەن ئۇلارنى ساناپ چىقتىم: بىر، ئىككى، ئۈچ... جەمئىي 56 خىل گۈل ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە رەڭ- جۇلاسى بىلەن بۇ باغ تېخىمۇ ھۆسنىگە تولۇپ، كۆزلەرنى قاماشتۇراتتى.

  مەن مەپتۇنكارلىقى بىلەن جاھان ئەھلىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىۋاتقان بۇ گۈزەل باغچىنى سەير ئەتكەچ، ئۇنىڭ ئۆتمۈشىگە نەزەر تاشلىدىم.

  بىر زامانلاردا بۇ باغ ئوغرى- قاراقچىلارنىڭ خالىغانچە كىرىپ، گۈل- غۇنچىلارنى چەيلەپ ئوينايدىغان بەزمە سورۇنىغا ئايلانغانىدى. ئۇلار بۇلايدىغاننى بۇلاپ، كولايدىغاننى كولاپ، يەيدىغاننى يەپ، يەپ بولالمىغانلىرىنى يۈدۈپ ئەكىتىۋېرەتتى. ئاجىز، ماغدۇرىدىن كەتكەن بىچارە باغۋەن ئۇلارنىڭ بۇنداق زورلۇق- زومبۇلۇقلىرىغا ھاي دېگۈدەك كۈچ- ماغدۇرغا ئىگە ئەمەس ئىدى. گۈللەر بەرگىدە شەبنەم ئەمەس، قان تامچىلىرى يالتىرايتتى. قۇشلار تىلىدىن بەخت ناۋاسى ئەمەس، ھەسرەت نالىسى تۆكۈلەتتى. قارا بورانلار گۈللەرنىڭ ياپرىقىنى مەزگىلسىز بەرگىلىرىدىن ئايرىپ، ھەريان ئۇچۇرۇپ ئوينايتتى. باغ باغقا ئوخشىمايتتى، گۈللەر ئۇسسۇزلۇقتىن سولىشاتتى، قار- شىۋىرغانلارنىڭ دەھشىتىدىن ئاجىز تەنلىرىنى ئاران- ئاران قىمىرلىتىپ، گۈزەل بىر باھارغا ئۇلىشىشنى ئىزدەيتتى.

  گۈللەر چىن يۈرىكىدىن تىلىگەن، كېچە- كۈندۈز تەلپۈنگەن، ئارمان قىلغان ئاسايىشلىق بىر باھار ئاخىر يېتىپ كەلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسىدىن ئىبارەت قابىل بىر باغۋەن زامان- زامانلاردىن بېرى مۇشتۇمزورلۇق قىلىپ كەلگەن ئوغرى- قاراقچىلارنىڭ جاجىسىنى بېرىپ، باغنىڭ قاشا- تاملىرىنى مۇستەھكەملەپ، قىر- توسمىلىرىنى پۇختىلاپ، ئەسىرلەردىن بېرى ۋەيرانچىلىق تۈپەيلىدىن تۈگىشەي دەپ قالغان بۇ باغقا باھار قۇياشىنى باشلاپ كەلدى. ھالىدىن كەتكەن گۈللەر ئىللىق قۇياش تەپتىدىن نۇر ئېمىپ، زەم- زەم ئېقىنلاردىن شەربەت سۈمۈرۈپ، ئاستا- ئاستا ھۆسنىگە تولۇشقا باشلىدى. باغ ئويغاندى، كۆيۈمچان باغۋەننىڭ جاپالىق پەرۋىشى ئارقىسىدا باغنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى بىر تۈسكە كىردى. بىر گۈل بىر گۈلگە ئامراق ئىدى، بىر گۈل بىر گۈلنى يەكلىمەيتتى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش باھار شامىلىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن باغنىڭ يېشىللىقى تېخىمۇ جۇلالىنىشقا باشلىدى. رەڭمۇرەڭ گۈللەر دۇنيا ئاسمىنىدا ھەممىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرماقتا ئىدى. جەننەتتەك بۇ باغ 56 خىل گۈلنىڭ ھۆسن قوشۇشى بىلەن تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىردى. جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن ئىبارەت بۇ باغۋەننىڭ پەرۋىشكارلىقى ۋە قابىللىقى دۇنيا ئەھلىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى. ئاپىرىنلار ئوقۇشقان، باغنىڭ ھۆسنىگە قىزىققانلار ھەرقايسى دولەتلەردىن كېلىپ ساياھەت قىلىشاتتى، ھەيران قېلىشاتتى، بەختىيارلىق ۋە ئىللىقلىققا، ئىناقلىق ۋە كۆيۈمگە قىزغىنىشاتتى. ھەممە باھار شامىلىغا تەڭكەش بولۇپ، خۇشال- خۇرام ئۇسسۇل ئوينايتتى. ھەممە گۈللەر ئۆزىنىڭ ئەڭ گۈزەل رۇخسارىنى نامايىش قىلىپ، باغنىڭ ھۆسنىگە تېخىمۇ ھۆسن قوشۇشقا تىرىشاتتى.

  ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ باغقا كۆز تەگكەندەك بىر ئىش بولدى. قەيەردىدۇر ئۈنۈپ قالغان بىر ئوچۇم شۇمبۇيا گۈللەرنىڭ ئىناقلىقى، جىلۋىسىگە چىدىيالماي، ئۇلار ئارىسىدا ئۆچ- ئاداۋەت پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى. بەزىدە سېسىق غوللىرى بىلەن گۈللەرنىڭ نازۇك ياپراقلىرىغا سوقۇلۇپ، بىر قىسىم نازۇك چېچەكلەرنى نابۇت قىلدى. ھەممەيلەن غەزەپلەندى، شۇمبۇيا نەپرەت قامچىلىرى ئاستىدا قالغىنىغا تەن بەرمەي، يەنىلا جاھىللىق بىلەن تىركىشىپ، باغنىڭ ساپ ھاۋاسىنى بۇلغاش، 56 تۈپ گۈلنى بىر- بىرىگە دۈشمەنلەشتۈرۈپ باغنى ۋەيران قىلىش قەستىدە بولدى. كونىلاردا «نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك» دېگەن گەپ بار. ھازىر پۈتكۈل ئاۋام ھەرىكەتكە كېلىپ، شۇمبۇيا يۇلۇش كۈرىشىنى باشلىۋەتتى. سېسىق پۇرىقى ئالەمنى بىر ئالغان شۇمبۇيىلار چوڭقۇر ئازگاللارغا كۆمۈلدى.

  بۈگۈنكى دۇنيادا تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، باراۋەرلىك، تەرەققىيات، رەھىمدىللىك پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا، تىنچ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئايلاندى. شۇمبۇيىلارنىڭ كۆكلىشىگە دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە بوش يەر قالمىدى، ئۇلار گۈزەللىكنىڭ كۈشەندىسى بولۇپلا قالماي، پۈتكۈل باغۋەنلەر ئۆچ كۆرىدىغان نىجىس گىياھتۇر.

  مەن ھاياجان ئىلكىدە جۇڭگو خەرىتىسىگە قاراپ تۇرماقتىمەن، خىيالىمدا ۋەتىنىمىزدىن ئىبارەت بۇ گۈزەل باغ گۈللەر جۇلاسىغا پۈركىنىپ، تېخىمۇ گۈزەل بىر تۈسكە كىرمەكتە ئىدى...
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر