ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

يۈرەك سۆزۈم

مەمەتجان ئىسمائىل

2017.09.22 12:26 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

            ئۇزاق يىل تەلمۈرۈپ يولباش، سېپىڭگە بىر قېتىلسام دەپ،
            تالاي رەت ئىلتىجا قىلدىم گۈلۈڭ بوپ شوخ ئېچىلسام دەپ.

            ئېسىل خىسلەت، ئەقىدەڭنى دىلىمغا ئەيلىدىم نەقىش،
            ئاداققى غايە- مەقسەتچۈن ساڭا مەھكەم چېتىلسام دەپ.

            ئۆگەندىم جەڭدە، خىزمەتتە زەپەر قۇچقان پىداكاردىن،
            «يېتەرمەن ئارزۇغا بىر كۈن پېشىڭگە چىڭ ئېسىلسام» دەپ.

            يېتەكلەپ ئاشۇ ئۇستازلار مېنى ساپ دىل يىگىت قىلدى،
            ۋۇجۇدۇم تولدى ئارمانغا قۇچاقىڭغا ئېلىنسام دەپ.

            بۈگۈن بۇ غەمگۈزار دەۋران مېنى يەتكۈزدى ئارمانغا،
            ئورۇن ئالدىم قۇچاقىڭدىن يېڭى جەڭگە ئېتىلسام دەپ.

            ئەمەسمەن ئەمدى بىر دېھقان ۋە ياكى ئاددىي خىزمەتچى،
            ئېرىشتىم كوممۇنىست نامغا زەررىچەڭ بوپ چېچىلسام دەپ.

            قورقمايمەن چېلىش- جەڭدە جاپا- مۈشكۈل، توساقلاردىن،
            ئىرادەم جۇش ئۇرار ھەردەم سەپەردە غەلبە قۇچسام دەپ.

            شۇڭا كومپارتىيەم دىلدا ساڭا چىن ھۆرمىتىم بولغاچ،
            تىلىم دەيدۇ: تېنىم رازى يولۇڭدا گەر يىقىلسام دەپ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر