ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

يۇرت ئارزۇسى

دىلشات شۆھرەت

2017.09.22 12:25 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

             ماڭا يار بولماقتىدۇر ئىلھاملىرىم،
             ئۈزىمەن سۈتتەك ئايدىڭ ئاخشامدا مەن.
             قۇياشتىن نۇرلانغاندەك ئانا يۇرتنى،
             مەدھىيلەپ سازىم بىلەن ناخشامدا مەن.

             زەپ گۈزەل نەقىش چەككەن ئاي- يۇلتۇزلار،
             بىپايان يۇرتنىڭ گۈزەل دەريا- تېغى.
             ئۆزگە يۇرت ھالاۋىتى ئېزىقتۇرماس،
             ئىپاردۇر مېنىڭ ئۈچۈن گۈلزار بېغى.

             قۇۋۋىتى سىڭىپ كەتكەن قانلىرىمغا،
             دان پۇراپ تۇرغان چەكسىز ئېتىزلىرى.
             يەر سۆيگەن تاپانلىرىم راھىتىدۇر،
             سانجىلغان ئالتۇن باشاق ئېڭىزلىرى.

             قەلبىممۇ سۈزۈك تىنىق بۇلاقلاردەك،
             ياشىدىم ئەجدادىمدىن ئېلىپ ئەندىز.
             سۆيگۈسى ئانا يۇرتنىڭ بەخشەندىدۇر،
             يۈرەكتە يالقۇنلايدۇ ئوتى چەكسىز.

             سامادا پەرۋاز قىلغان لاچىن مىسال،
             ئارمانلار بۈيۈك شۇڭا ئۇچاي دەيمەن.
             يۇرتۇمنىڭ بەرگەن تېمىم سۈت ھەققىگە،
             ئەجرىمدىن شەرەپ- شانلار قۇچاي دەيمەن.

             بۇندا بار گۈزەل سۈرەت سىيما كۈلكە،
             بۇندا بار ئەركەكلەرنىڭ بەردەملىكى.
             بۇندا بار ئېسىل خىسلەت، ئەدەپ، ئېھسان،
             مانا بۇ، دەل يۇرتۇمنىڭ كۆركەملىكى.

             ئۇستازلار ئۆگىتىدۇ بارچىمىزغا،
             ئىلىمدە تاپقىن روناق، گۈللە يۇرتنى.
             دەيدۇكى: ئاتىلارمۇ بىزگە ئۈگۈت،
             ئىلىمدىن ئىزدە نىجات، بەخت- قۇتنى.
            
             نادانلىق، قاششاقلىق ھالاكەتتۇر،
             كۆزۈڭنى توسمىسۇن قارا تۇمان.
             بەخت شۇ يۇرتىمىزنىڭ ئەمىنلىكى،
             مۇھەببەت پورەك ئېچىپ كۈلەر شۇئان.
            
             پاراۋان ھازىرقىدەك ئەۋزەل تۇرمۇش،
             ئاسانلا قولىمىزغا كەپقالمىغان.
             يۇرتىمىز گۈزەللىكى، ئەمىنلىكى،
             ئىناقلىق سۆيگۈسىدىن ئايرىلمىغان.
            
             قاششاقلىق يۇرتىمىزغا بىر بالادۇر،
             ياتمايلى تۇمانلاردا غەپلەت بىلەن.
             تۇتۇشۇپ قولنى قولغا ئىزدىنەيلى،
             يۇرتىمىز گۈللەپ كەتكەي مېھنەت بىلەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر