ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئاڭلاپ ئۆت

مەمەت مۇسا

2017.09.22 12:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

            شائىر بولساڭ ھاياتنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ ئۆت،
            مەنزىللەرگە ئۈندىگەن جاكاسىنى ئاڭلاپ ئۆت.
            
            يۈرەكلەرنى يۈرەككە چاتقان مەھكەم ئۈزۈلمەس،
            ساداقەتمەن جاراڭلىق ناۋاسىنى ئاڭلاپ ئۆت.

            داۋانلاردىن داۋانغا ئېشىپ ماڭغان مەردانە،
            قىز- ئوغۇلغا بەرگەن ھەق باھاسىنى ئاڭلاپ ئۆت.

            گۈل ئېچىلغان باغلاردا بۇلبۇل سايرار بەس- بەستە،
            ئۇندىن دىلغا ئۇرۇلغان ساباسىنى داڭلاپ ئۆت.

            يۇرتۇم ئوخشار گۈلزارغا تەڭدىشى يوق جاھاندا،
            ئۇنىڭ شەربەت تۆككەن كەڭ دالاسىنى داڭلاپ ئۆت.

            گۈل- چىمەنزار باغلىرى، مەدەنگە باي تاغلىرى،
            ئىپار چاچقان دىماققا گىياھسىنى داڭلاپ ئۆت.

            قىز- يىگىتلەر ئىشلەيدۇ، قەنت- ناۋاتلار چىشلەيدۇ،
            تاڭدا ھۆسنى پارلىغان جۇلاسىنى داڭلاپ ئۆت.

            يايلاقلىرى پايانسىز توپ- توپ بولۇپ يايلىغان،
            سان- ساناقسىز قوي ۋە ئات، چارۋىسىنى داڭلاپ ئۆت.

            قاناتلانغان بىلىمدىن ئىجادكار قىز- ئوغلانلار،
            كۆپكە ماھىر، بەك چېۋەر ساپاسىنى داڭلاپ ئۆت.

            مەدەت ئېلىپ دەۋراندىن ئالغا باسقان زەبەردەس،
            ھاللىنىشقا يۈزلەنگەن ئاساسىنى داڭلاپ ئۆت.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر