ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ياشلىقىم

تۇردى ئەبەيدۇللا

2017.09.22 12:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

             ئۆتەر شۇنچە مەنىلىك مېنىڭ،
             ئالتۇن چېغىم گۈزەل ياشلىقىم.
             ياشلىقىمغا ھەمراھ دائىما،
             سۆيگەن يايرىم سۇمبۇل چاچلىقىم.

             قېنىپ ئانا ۋەتەن مېھرىگە،
             ئۆسكەچ تەنگە سىغماس شادلىقىم.
             كۆڭۈل يايراپ بەخت بولغاچ يار،
             چېچەكلىدى ئارزۇ ئاتلىقىم.
            
             كۆزلىرىمدىن ئۇچقۇندايدۇ نۇر،
             چېقىپ تۇرغاچ ياشلىق چاقمىقىم.
             ۋەتەن ئىشقى يالقۇنلار ئەبەد،
             بولسا تەندە دەرمان- ساقلىقىم.

             كۆڭۈللەر توق، غەمدىن ئەسەر يوق،
             يېنىمدىدۇر شېرىن- تاتلىقىم،
             دەۋرىم گۈزەل، ئېيتىشىم غەزەل،
             ھەمراھ ماڭا كۈلكە- چاقچىقىم.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر