ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق بولسا

مەمەتتوختى سەببەت

2017.09.22 12:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

             گۈللەر خۇش ھىد چاچار ئەتراپقا،
             جەلپكار ھەم پۇراقلىق بولسا.
             مۈشكۈللەر كۆپ ئاسان بولغۇسى،
             ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق بولسا.

             خۇدۈكسىرەپ يۈرمەيسەن ئەسلا،
             غەم- خاپىلىق كۆرمەيسەن ئەسلا،
             ئازار نېمە بىلمەيسەن ئەسلا،
             ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق بولسا.

             پۈتۈن بولار يېگەن نېنىڭمۇ،
             نەلەرگىدۇر كېتەر غېمىڭمۇ،
             بىكار سېنىڭ پاسىل تېمىڭمۇ،
             ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق بولسا.

             يوقاپ كېتەر نىزا- تالىشىڭ،
             كۆپىيىدۇ ھەمدەم- قاياشىڭ،
             كۈلەر سېنىڭ بەخت قۇياشىڭ،
             ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق بولسا.

             بەرىكەت بار قىلغان ئىشىڭدا،
             ئۆكسىمەيدۇ دوستلار قېشىڭدا،
             ئامەت ئەگىپ يۈرەر بېشىڭدا،
             ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق بولسا.

             ئىللىق مېھىر تارايدۇ يۇرتقا،
             جۇتتا موھتاج بولمايسەن ئوتقا،
             پاك ۋىجدانىڭ تارتمايدۇ سوتقا،
             ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق بولسا.

             يۈكسىلىشتىن داۋان ئاشىسەن،
             ئەجرىڭدىن خۇش جامال ئاچىسەن،
             ھەردەم ئۇتۇق- كامال تاپىسەن،
             ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق بولسا.
            
             ئۇنتۇمايلى ئۆتمۈشىمىزنى،
             قەدىرلەيلى بۈگۈنىمىزنى،
             كۈتىمىز شاد ئۆگۈنىمىزنى،
             ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق بولسا.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر