ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

دېھقان ئانامنىڭ كۈنلىرى

تۇراپ ھەسەن شېئىرى، مۇتەللىپ مەتتوختى فوتوسى

2017.09.22 12:22 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

            ئاشلىق تېرىپ، قوغۇن بېقىپ تۆت پەسىل،
            مال قىلىپ، ئاش ئېتىپ، كىر يۇيۇپ ئېسىل،
            ئۆي- باغنى گۈللەتسە كۆپكۆك، ياپيېشىل،
            كۈن كۈلۈپ چىقىدۇ ھەر تاڭ قىپقىزىل.

            ياشايدۇ تىنىمسىز ئېرىم، بالام، دەپ،
            ئوت، سامان توشۇيدۇ قوي ۋە كالام، دەپ،
            قوشنىلار ئۆم ئۆتسەك خۇشال- خۇرام، دەپ،
            ئاغرىسا كىم دەرھال يوقلايدۇ سىجىل.

            يالغاننى قوشمايدۇ ھېچقانداق ئىشقا،
            ھېيت- ئارام كۈنىمۇ ئۆتمەيدۇ بوشقا،
            ئەل- يۇرتنى چاقىرىپ ئوت ياقسا ئاشقا،
            بەختىم دەر ئۆزئارا ئۆتسەك تىنچ- ئېجىل!
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر