ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ئاراتۈركنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئالمىلىرى قىزاردى

2017.10.04 20:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

    بۇ ئاراتۈرك ناھىيەسى تۇخۇلۇ يېزىسى چوڭ تاش كەنتىدىكى ئالمىلىق باغنىڭ 10-ئاينىڭ 2-كۈنى تارتىلغان سۈرىتى.
  كۈز كىرگەندىن كېيىن قومۇل شەھىرىنىڭ ئاراتۈرك ناھىيەسىدىكى 1800 مودىن ئارتۇق كۆلەمدىكى ئېكولوگىيەلىك ئالمىلىق باغدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ئالمىنىڭ ھەر كىلوگرامى 10 يۈەندىن سېتىلىپ، باغۋەنلەرنى مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدۈردى.
  ئاراتۈرك ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردا دېھقان-چارۋىچىلارنى ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى. ھازىر بۇ ناھىيەدىكى 20 مىڭ مودىن ئارتۇق كۆلەمدىكى ئالما، تاغ ئۆرۈكى، چىلان قاتارلىق ئېكولوگىيەلىك باغلار مېۋىگە كىرىپ، ئېكولوگىيەنى تۈزەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى تەڭ ئەمەلگە ئاشۇردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى، سەي زېڭلې فوتوسى، تورىمىز تەرجىمىسى)
    قومۇل شەھىرى ئاراتۈرك ناھىيەسىنىڭ تۇخۇلۇ يېزىسى چوڭ تاش كەنتىدىكى باغۋەنلەر 10-ئاينىڭ 2-كۈنى باغدا ئالما ئىلغىماقتا.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز