ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  
سىپىرلىق گېزىت>>>

ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

− «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نىڭ يەشمىسى

دىلنار جۇماق

2017.07.11 16:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3- ئاينىڭ 29- كۈنى«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نى ماقۇللاپ، شىنجاڭنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. بۇ نىزام جەمئىي يەتتە باب، 50 ماددىلىق بولۇپ، 2- بابنىڭ 9- ماددىسىدا ئەسەبىيلىكنىڭ 14 خىل ئاساسلىق كونكرېت ئىپادىلىنىش شەكلى كۆرسىتىپ بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 10- ماددىسىدا: «پەرزەنتلىرىنىڭ خەلق مائارىپىدا تەربىيەلىنىشىگە يول قويماي، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقا توسقۇنلۇق قىلىش»قا دائىر سۆز- ھەرىكەتلەر ئەسەبىيلىك ئىپادىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى جەزمەن مەنئى قىلىش كېرەك، دەپ ئېنىق بەلگىلەندى.

  1. ئەسەبىيلىك قىلمىشى تۈپەيلىدىن بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقى چېقىلىشقا ئۇچرىدى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، شىنجاڭدىكى قىسمەن رايونلاردا بەزى ئاز سانلىق مىللەت ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە بەرمەسلىك ياكى پەرزەنتلىرىنى ئوقۇشتىن مەجبۇرىي توختىتىۋېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. مەسىلەن، 2014- يىلى خوتەن شەھىرىنىڭ لاسكۇي بازىرىدىكى دېھقان ئاxx تۈرلۈك باھانە- سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ئوغلىنى مەكتەپكە بەرمىگەن، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئاxx كە قايتا- قايتا خىزمەت ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنە ئوغلىنىڭ مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشىنى رەت قىلغان. بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئاxxنى قانۇن بويىچە ئەرز قىلىغان. ئاتا- ئانىلار ئوقۇش يېشىدىكى پەرزەنتلىرىنى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشقا بەرمىگەچكە، نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەر جەمئىيەتتىكى ئىشلەمچىلەر قاتارىغا كىرىشكە مەجبۇر بولغان، بەزىلىرى ھەتتا يوشۇرۇن ۋەزخانىلارغا كىرىپ، ئەسەبىيلەرنىڭ مېڭە يۇيۇش تەشۋىقاتىنى قوبۇل قىلىپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى ئۆتكۈزۈشتەك تۇيۇق يولغا ماڭغان. ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ خەلق مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىنى رەت قىلىش توغرىسىدىكى سۆز- ھەرىكەتلىرى ئاز سانلىق مىللەت ياش- ئۆسمۈرلىرىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، يەنە دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا ئېغىر دەرىجىدە چېقىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  2. بىلىم ئېلىش − ھوقۇق ھەم مەجبۇرىيەت

  دۆلىتىمىزدە بىلىم ئېلىش ھوقۇقى پۇقرالار بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق، شۇنداقلا پۇقرالار ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەت. دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنى، مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنىدا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنىدا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەر، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلىم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيلەرنىڭ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەر، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىش ھەم تاماملاشقا بېرىشتىن ئىبارەت مەجبۇرىيىتى قانۇندا ئېنىق بەلگىلەنگەن. مەسىلەن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»نىڭ 64- ماددىسىدا: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار، دەپ بەلگىلەنگەن. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى» نىڭ 5- ، 11- ۋە 58- ماددىسىدا: ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا- ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا مەكتەپكە كىرىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە بىلىم ئېلىشى ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىنى تاماملىشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك (5- ماددىسى)؛ ئالتە ياشقا توشقان بالىنى ئاتا- ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيلىرى ئۇنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە بىلىم ئېلىشى ھەمدە ئۇنى تاماملىشى ئۈچۈن مەكتەپكە بېرىشى كېرەك؛ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا- ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرىدىن يولسىز سەۋەب كۆرسىتىپ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خلاپلىق قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە بىلىم ئالىدىغان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپكە بەرمىگەنلىرىگە شۇ جايدىكى يېزا- بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى تەنقىد، تەربىيە بېرىدۇ، سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ دەپ ئايرىم- ئايرىم بەلگىلەنگەن. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى»نىڭ 3- ، 13- ، 62- ماددىسىدا: قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا ئىگە، دۆلەت، جەمئىيەت، مەكتەپ ۋە ئائىلە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىدۇ؛ ئاتا- ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئوقۇش يېشىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قانۇن بويىچە مەكتەپكە بېرىشى ھەمدە مەجبۇرىيەت مائارىپى تەربىيەسىنى تاماملاتقۇزۇشى شەرت، مەجبۇرىيەت مائارىپى تەربىيەسى ئېلىۋاتقان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئوقۇشتىن توختىتىۋالماسلىقى كېرەك؛ ئاتا- ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەردىن ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغانلىرى ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە زىيان سالغانلىرىغا خىزمەت قىلىدىغان ئورنى ياكى شەھەر ئاھالە كومىتېتى، كەنت ئاھالە كومىتېتى نەسىھەت قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى توسۇيدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا بېرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. يۇقىرىقى قانۇن بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق شۇنى بىلدۇقكى، ئاتا- ئانىلار ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيلەر ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەر ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مەكتەپكە كىرىپ خەلق مائارىپىنى قوبۇل قىلىشقا بەرمەي، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش قىلمىشىنىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا چېقىلغانلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتكە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ، بۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولۇپ، ئۇلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  3. پەرزەنتلەرنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا چېقىلغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ

  ئاز سانلىق مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئاتا- ئانىسىنىڭ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن خەلق مائارىپىنى قوبۇل قىلالماسلىق ياكى مەكتەپتىن مەجبۇرىي توختاپ قېلىش ئەھۋاللىرىنى توسۇش ئۈچۈن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»دا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى»غا ئەمەل قىلىش ئاساسىدا، شىنجاڭنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن ئەمەلىي مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئاتا- ئانىلارنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن پەرزەنتلىرىنىڭ خەلق مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىغا يول قويماسلىق ياكى دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش سۆز- ھەرىكەتلىرى ئەسەبىيلىكنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ دەپ بېكىتىلىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا مۇشۇ خىلدىكى ئەسەبىيلىك ئىپادىسى بار سۆز- ھەرىكەتلەرگە ئۈنۈملۈك زەربە بېرىشكە قانۇنىي ئاساس يارىتىپ بېرىلدى. بۇ، ئىنتايىن كۈچلۈك قاراتمىلىققا ۋە مۇمكىنچىلىككە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»دا بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى ئېنىق ئايرىلدى. يەنى «نىزام»دا: قىلمىشى يېنىك بولغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تەنقىد- تەربىيە بېرىدۇ ياكى قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسى بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» شۇنىڭدەك «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» بويىچە جازا بېرىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئوقۇشقا بەرمەسلىك ياكى دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىنى يولغا قويۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىش سۆز- ھەرىكەتلىرىدە بولسا، ئەھۋالنىڭ ئېغىر- يېنىكلىكىگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ ھەتتا جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاتا- ئانىلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلماي، پەرزەنتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىغا چېقىلىش قانۇنىي جاۋابكارلىقى يەنىمۇ ئېغىرلىتىلدى.

  4. قانۇنچىلىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەكياشلار، ئۆسمۈرلەر ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى. ھازىر شىنجاڭدا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، قانۇنچىلىق تەشۋىق- تەربىيەسىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بىرىنچىدىن، قۇرامىغا يەتمىگەن ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ئاتا- ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيلىرىگە بولغان قانۇنچىلىق تەشۋىقاتى ۋە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا- ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيلىرىگە مەجبۇرىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلدۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئاز سانلىق مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قانۇنچىلىق تەشۋىقاتى ۋە تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارغا بىلىم ئېلىش ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى، قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقىنى، ئاتا- ئانىلار ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەسىيلەرنىڭ ئۇلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشىگە يول قويمىغاندا ياكى ئۇلارنى مەكتەپتىن توختاپ قېلىشقا مەجبۇرلىغاندا، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغدىسا بولىدىغانلىقىنى تونۇتۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرگە مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئاتا- ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ھەم مەكتەپ ۋە جەمئىيەتنىڭ مەجبۇرىيىتى، شۇڭا بىز جەمئىيەتتە قانۇنچىلىق تەشۋىقاتى ۋە تەربىيەسىنى كۈچەيتىشىمىز، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا بولغان تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ بىلىم ئېلىش ھوقۇقىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم.
    (ئاپتور: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتەپتىن)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەلبىنۇر