ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونىمىز قاتناش تىرانسپورت سىستېمىسى تاكسى كەسپىنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ساپلاشتۇردى

2019.05.16 17:39 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرلىرىمىز جاڭ يەنفاڭ، ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: «قارا كۈچلەر بولسا قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىك بولسا رەزىللىكنى تۈگىتىش، قالايمىقانچىلىق بولسا قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش» خىزمەت تەلىپى بويىچە، نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تاكسى كەسپىدە ساقلانغان قانۇنسىز تىجارەت تىرانسپورتى، يامان غەرەزلىك رىقابەت، يولۇچىلارنى زورلاپ توشۇش، قالايمىقان ھەق ئېلىش ھەمدە مۇنتىزىم بولمىغان توردا چاقىرىدىغان ئاپتوموبىللار تىرانسپورت تىجارىتى بازىرىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈش قاتارلىق قالايمىقان ئەھۋاللارغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانسپورت نازارىتى بىر قاتار مەركەزلىك تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تاكسى كەسپىنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ساپلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانسپورت نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى قاتناش تىرانسپورت تارماقلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى، مال باھا قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە نۇقتىلىق ھالدا پويىز ئىستانسىسى، يولۇچى توشۇش بېكىتى، سودا چەمبىرىكى قاتارلىق جايلاردىكى تاكسى كەسپىدىكى قانۇنسىز قاتناش تىرانسپورتى ۋە كەسىپتىكى قالايمىقانچىلىقلارنى مەخسۇس تۈزىگەن ھەمدە جەمئىيەتكە قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش بويىچە پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلىپ، پاش قىلىنغان يىپ ئۇچلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، تەلتۆكۈس تەكشۈرگەن. 5- ئايدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار 208 «قارا تاكسى»نى تەكشۈرۈپ تۇتۇپ قالغان، قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان 39 كەسىپكارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان، تاكسى ئاپتوموبىللىرى قالايمىقان ھەق ئېلىشتەك ئەھۋاللار ئۈنۈملۈك توسۇلغان.

  ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق قاتناش تىرانسپورت ئىدارىسى تاكسى شوپۇرلىرى ئارىسىدا قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش، جازالاش توغرىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، توپلاپ، كۆپچىلىكنى قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق جىنايەتلىرىگە دائىر يىپ ئۇچلىرىنى ئاكتىپ پاش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك قاتناش تىرانسپورت ئىدارىسى مەركەزنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش نازارەتچىلىكى - يېتەكچىلىكى گۇرۇپپىسى قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلە يىپ ئۇچى بويىچە دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، دەرھال تۈزىتىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ساقچىلىرى ھەم مال باھا تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە تاكسى كەسپىدىكى قانۇنسىز تىرانسپورت تىجارىتى ھەم خېرىدارنى رەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تاكسىدىن 350 ئاپتوموبىل قېتىمنى تەكشۈرۈپ، قانۇنسىز تىرانسپورت تىجارىتى قىلغان 24 ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، قالايمىقان ھەق ئېلىش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان تاكسىدىن 17نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

  بازار زومىگەرلىكى، يولۇچىلارنى زورلاپ توشۇش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق قاتناش تىرانسپورت ئىدارىسى «تاكسى كەسپىدىكى قالايمىقان ئەھۋاللارغا زەربە بېرىش، تۈزەش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تاكسى كەسپىگە قارىتىلغان قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتتى. يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەلىك قاتناش تىرانسپورت ئىدارىسى تىرانسپورت باشقۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ساقچىلىرى، تەۋەلىك ساقچىخانىلىرى بىلەن بىرلىكتە بىرلەشمە قانۇن ئىجراسى قوشۇنى تەشكىللەپ، پويىز ئىستانسىسى، يولۇچىلار توشۇش بېكىتىنى ئۇزاق مەزگىل چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ تىجارەت قىلغان 22 تاكسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، تىرانسپورت تىجارىتى مۇھىتىنى ساپلاشتۇردى.

  كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانسپورت نازارىتى يىپ ئۇچى ۋە تەرتىپكە سېلىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تۈزەش بىلەن سىستېمىلىق تۈزەش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، قانۇن بويىچە تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈپ، تاكسى كەسپىدىكى قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ساغلام، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك تاكسى يولۇچى توشۇش تىجارەت مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان