ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

2019- يىللىق مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەرنى باھالاشنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

ئاپتونوم رايونىمىزدىن 22 ئائىلە باھالاندى

2019.05.16 17:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل ناسىر خەۋەر قىلىدۇ: «15- ماي» خەلقئارا ئائىلە كۈنى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بېيجىڭدا «ھەممە ئائىلە بەختلىك، خاتىرجەم بولۇش قۇرۇلۇشى»نى باشلاش، ئورۇنلاشتۇرۇش ھەم 2019- يىللىق مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەرنى باھالاشنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش يىغىنىنى ئۆتكۈزدى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئائىلىلەرگە مۇكاپات تارقاتتى. ئاپتونوم رايونىمىزدىن 22 ئائىلە مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ باھالاندى. ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىدىن كەلگەن ئارزۇگۈل يۇنۇس ئائىلىسى تەكلىپكە بىنائەن نەتىجە ئېلان قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سەھنىگە چىقىپ مۇكاپات ئالدى.

  «مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەرنى باھالاشنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش يىغىنىغا ۋەكىل بولۇپ قاتنىشالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن. بىر ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پېشقەدەملىك رولۇمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە جەمئىيەتتىكى ياردەمگە موھتاج كىشىلەرگە مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈپ، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رول ئوينايمەن» دېدى ئارزۇگۈل تېلېفوندا مۇخبىرغا.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇ 22 ئائىلە ئىچىدە، 2018- يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە دېگەن نامغا ئېرىشكەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىكرو ئورگانىزم ئەمەلىي قوللىنىش تەتقىقات ئورنى بايلىق تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى گۇ مېييىڭ ئائىلىسى، 2018- يىللىق ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە، مەملىكەت بويىچە ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىدىكى ئىلغار خىزمەتچى، ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس بولغان تېكەس ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پېنسىيەگە چىققان كادىرى شېن جيەنجيا ئائىلىسى، 12- نۆۋەتلىك قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بويىچە ئەخلاق نەمۇنىچىسى، 2018- يىللىق «مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇكاپاتى» بويىچە تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن دۈيشۆن چوكەش ئائىلىسى قاتارلىقلار بار ئىكەن. بۇ ئائىلىلەرنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرى ئىنتايىن تىپىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە چوڭلار مېھرىبان، كىچىكلەر ۋاپادار بولغان، مەرىپەت ۋە ئەخلاققا ئەھمىيەت بەرگەن، ياكى بالىنى ئاقىلانىلىك بىلەن توغرا تەربىيەلىگەن، ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە ياكى خالىس كۆيۈنگەن، ئاممىۋى مەنپەئەت ئىشلىرىدا قىزغىن بولغان، ئەر - خوتۇن ئىناق ئۆتۈش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، بالىنى ئىلمىي تەربىيەلەش، ئائىلىنى تىرىشچانلىق - ئىقتىسادچىللىق بىلەن باشقۇرۇش، قوشنىلار ئۆزئارا ياردەم بېرىشتەك مەدەنىي ئائىلە ئىستىلىنى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرغانلار ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغانلار بار.

  ئارزۇگۈل ئىلگىرى ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس، ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەخس قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن. ئارزۇگۈل ئائىلىسى 2009- يىلى جوۋ جىشيەن چوڭ ئانا بىلەن تونۇشقان، ئەينى چاغدا چوڭ ئانا 72 ياشتا بولۇپ، ئېرى تۈگەپ كەتكەن، پەرزەنتى يوق، ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادىمى يوق ئىدى. ئارزۇگۈل ئەر - خوتۇن موماينى ئۆز ئانىسىدەك كۆرۈپ، ئىشتىن چۈشكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان. 2010- يىلى، خەلق ساقچىلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ ئېرىگە جوۋ جىشيەننى ئېلىپ، چۇڭچىڭ شەھىرىگە بېرىپ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن جەم قىلدۇرۇشنى تاپشۇرۇپ، موماينىڭ 20 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى ئىزدەش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان