ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

كىم «ۋەدىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ»، كىم «ۋەدىسىدە تۇرمايۋاتىدۇ»

− «جۇڭگو گېپىدە تۇرمىدى سەپسەتىسى»نىڭ جىمىقىدىغان ۋاقتى كەلدى

جۇڭ شېڭ

2019.05.16 17:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېقىندا، 11- نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشىشى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكا تەرەپ خەۋەر ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ 200 مىليارد دوللارلىق ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلغان تاۋارلىرىدىن قوشۇپ ئالىدىغان تاموژنا بېجىنى %10تىن %25كە ئۆستۈردى. ئامېرىكا تەرەپ يەنە جۇڭگو تەرەپكە «ئارقىغا قايتىش» «يۈز ئۆرۈش» قاتارلىق بەلگىلەرنى چاپلاپ، «جۇڭگونىڭ ۋەدىسى يىمىرىلىشكە ئۇچرىدى» دەپ جار سېلىپ، جۇڭگو تەرەپنى «ۋەدىسىدە تۇرمىدى» «ئامېرىكا تەرەپنىڭ يادرولۇق تەلىپىنى ئاجىزلاشتۇردى» دەپ ئەيىبلىدى. بۇ پۈتۈنلەي پاكىتقا كۆز يۇمغانلىق.

  ئامېرىكا توقۇپ چىققان ئاتالمىش «جۇڭگو ۋەدىسىدە تۇرمىدى سەپسەتىسى» قالپىقى تامامەن ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلغانلىق. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا كېڭىشىشى ئۆتكۈزگەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل ئەڭ زور سەمىمىيەت بىلەن كېڭىشىشكە تۈرتكە بولۇپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ئاساسىدا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئالىدىغان كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. ئامېرىكا تەرەپ تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئالىمىز دەپ تەھدىت سېلىۋاتقان ئەھۋالدىمۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ خىزمەت ئۆمىكى يەنىلا ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئامېرىكىغا بېرىپ 11- نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشىشى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ سۆھبەتكە تۈرتكە بولۇش سەمىمىيىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە نامايان قىلدى.

  خىزمەت قاتلىمىدا كېڭىشىش پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىدىغان بىر جەريان، ئىككى تەرەپتە ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشنىڭ بولۇشى نورمال، بەزى مەسىلىلەرنى قايتا - قايتا مۇزاكىرە قىلىشىمۇ نورمال. ئەگەر خىزمەت قاتلىمىدا كېڭىشىش جەريانىدىكى ئىختىلاپ ۋە ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرگە ھە دېسىلا «ۋەدىسىدە تۇرماسلىق» بەلگىسىنى چاپلىسا، ئۇنداقتا يەنە كېڭىشىپ نېمە قىلىدۇ؟ مەيلى قايسى دۆلەت بولسۇن، كېڭىشىشتە ھەممىسىنىڭ پىرىنسىپى بولىدۇ. مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپ ھەرگىز يول قويمايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرى جەزمەن ھەل قىلىنىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ خىزمەت ئۆمەكلىرىنىڭ كېڭىشىشىنىڭ ھەممىسى داۋاملىشىۋاتقان ئىشلار، ئىككى تەرەپ رەسمىي كېلىشىم ئىمزالىمىغان تۇرسا، «ۋەدە» دېگەن سۆز قەيەردىن كەلدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ كېڭىشىش جەريانىدا بىردەم ئۇنى، بىردەم بۇنى دېيىشىمۇ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىق ئەمەسمۇ؟ ئامېرىكىنىڭ قاراقچىلىق لوگىكىسى شۇكى، ئامېرىكا نېمە دېسە سىلەر شۇنى دېيىشىڭلار كېرەك، بۇنىڭغا بويسۇنمىساڭلار ۋەدەڭلەردە تۇرمىغان بولىسىلەر، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ دېگەنلىرىگە بويسۇنغانلىق «ۋەدىسىدە تۇرغانلىق»، بويسۇنمىغانلىق «ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىق»!

  ۋەدىسىدە تۇرۇش، دېگىنىنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتى باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئەخلاق مىزانى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش ئېلىپ باردى، پۈتۈن يەر شارى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندى، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى ھەممىگە ئايان. دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ۋەدىسىگە ئومۇميۈزلۈك ئەمەل قىلىپ، كۆپ تەرەپلىك تۈزۈلمىنى قەتئىي قوللاپ، ئىمپورت تاموژنا بېجىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، غەيرىي تاموژنا بېجى قورغىنىنى ئاجىزلىتىپ، يەككە تەرەپچىللىك ۋە قورۇقچىلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، پۈتۈن دۇنياغا مەسئۇلىيەتچان تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتنىڭ ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ئوبرازىنى تولۇق نامايان قىلدى. 2010- يىلىدىلا، جۇڭگو باجنى تۆۋەنلىتىش ۋەدىسىنى تولۇق ئادا قىلىپ تاماملىدى، تاموژنا بېجى ئومۇمىي سەۋىيەسىنى 2001- يىلىدىكى %15.3تىن %9.8كە تۆۋەنلەتتى. مۇلازىمەت، سودا ساھەسىدە، جۇڭگو ئېچىۋېتىش ۋەدىسىنى 2007- يىلىدىلا تولۇق ئادا قىلىپ تاماملىدى، ھازىر تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتى. ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان نۇرغۇن يىللىق دوكلاتلاردىمۇ جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىنكى ئىجابىي باھالار ئاز ئەمەس، ئۇلاردا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋەدىسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلدى، دەپ قارالغان.

  ئەمدى ئامېرىكىنىڭ قانداق قىلغانلىقىغا قاراپ باقايلى، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرتىپ ۋە كۆپ تەرەپلىك تۈزۈلمىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىسى ۋە قاتناشقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەسلىدە ئامېرىكا كۆپ تەرەپلىك قائىدىگە باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىشى كېرەك ئىدى، ئەمما خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن كەينى - كەينىدىن يۈزىنى ئۆرۈپ چېكىنىپ چىقتى، ئۇنىڭ ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، دېگىنىنى قىلمايدىغان ئوبرازى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى: بىر كېلىشىم، شەرتنامە، تەشكىلات ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلگەندە، ئۇنى قوغلىشىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلاندى؛ بىر كېلىشىم، شەرتنامە، تەشكىلات ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىسىز دەپ قارىغاندا، ئۈستەلنى ئۆرۈۋېتىپ كېتىپ قالدى.

  پارىژ كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ - پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتىدىن چېكىنىپ چىقتى، ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىدىن چىكىنىپ چىقتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىقتى... «نەتىجىنى يۆنىلىش قىلىش»تەك «ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» سىياسىتى ئاستىدا، ئامېرىكا خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە كۆپ تەرەپلىك كېلىشىملەردىن داۋاملىق ئۆزىنى تارتىپ، تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن قاچتى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ كۆپ قېتىم ۋەدىسىدە تۇرماسلىقى دۇنيا خەلقىگە ئامېرىكىنىڭ ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان ھەقىقىي ئەپت - بەشىرىسىنى كۆرسىتىپ قويدى.

  ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتە ۋەدىسىدە تۇرمايۋاتقىنىغا خېلى ئۇزاق بولدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇنىڭ زىيىنىغا ئۇچراۋاتقىنىغىمۇ ئۇزاق بولدى. 2001- يىلىدىلا، ئامېرىكا «جىڭدۇ كېلىشىمنامىسى»دىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى، «جىڭدۇ كېلىشىمنامىسى»نىڭ ئۈنۈمى مۇشۇ سەۋەبتىن زور دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ كەتتى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تالاش - تارتىشنى كېسىم قىلىش توغرىسىدىكى تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ھازىرغا قەدەر دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ «قائىدىگە ئەمەل قىلمىغۇچى» بولۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىم قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى ئامېرىكا كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ئىككى يىلدا، ئامېرىكا پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىدىن پايدا ئېلىۋاتىدۇ دەپ قاراپ، «ئامېرىكا بىرىنچى»نى «ئامېرىكا بىردىنبىر»گە ئۆزگەرتىۋالدى. بۇ خىل پەقەت پايدا - مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدىغان، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدىغان زومىگەرلىك قىلمىشىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ غەزىپى ۋە قارشىلىقى خالاس.

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا كېڭىشىشى ئۆتكۈزگەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئامېرىكا تەرەپنىڭ نۇرغۇن قارالمىلاردا ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىمۇ دۇنيا ئەھلىگە ئايان. بۇلتۇر 5- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئېلان قىلغان سودا ئۇرۇشى قىلماسلىق «بىرلەشمە بايانات»ىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىدىغان 50 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى تاۋارلىرىدىن تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ يىل 5- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئامېرىكا تەرەپ يەنە تاموژنا بېجى تەھدىتىنى قايتا باشلاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا كېڭىشىشىنى زور ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراتتى.

  ئامېرىكا ۋەدىسىدە تۇرماي، سودا قورۇقچىلىقى كالتىكىنى پۇلاڭلىتىپ، باج ئېلىش ۋاسىتىسىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، ئاخىرقى چەككىچە بېسىم ئىشلىتىش ۋە قاقتى - سوقتى قىلىش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇپ، خەلقئارا سودا تەرتىپىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ھەمكارلاشقۇچى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدى، ئوخشاشلا ئۆز دۆلىتىدىكى كارخانىلار ۋە خەلقنىڭ مەنپەئىتىگىمۇ زىيان يەتكۈزدى. ئامېرىكىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىقى ۋە تەلۋىلەرچە ئىش كۆرۈشى كەلگۈسى يەر شارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ئېنىقسىزلىقنى ئاشۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. خەلقئارا ئىقتىساد - سودا ئالاقىسى داۋامىدا ئىختىلاپنىڭ بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ھەمكارلىق بىردىنبىر توغرا تاللاش. ھېچقانداق بىر دۆلەت دۇنياغا يالغۇز يېتەكچىلىك قىلالمايدۇ. ئامېرىكا تەرەپنى ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش كۆرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، داۋاملىق ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان ئويۇننى يەنە ئوينىماسلىققا نەسىھەت قىلىمىز!

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان