ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش نىسبىتى %60تىن ئاشتى

2019.05.16 17:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۈجاۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شياۋ جۇڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 4- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا 129 مىڭ 535 ئائىلىدە ئىش باشلىنىپ، ئىش باشلاش نىسبىتى %64.47 بولغان.

  مۇخبىرلارنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز 200 مىڭ ئائىلىلىك يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى بويىچە 162 مىڭ 400 ئائىلە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن يىللىق پىلان ۋەزىپىسىنىڭ %81.2ىنى ئىگىلىگەن. نۆۋەتتە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 5 مىليارد 537 مىليون 303 مىڭ 500 يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزنىڭ تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى 1 مىليارد 94 مىليون 190 مىڭ يۈەن، ئاپتونوم رايوننىڭ تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى 2 مىليارد 950 مىليون يۈەن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ تولۇقلىما ياردەم مەبلىغى 466 مىليون 750 مىڭ يۈەن، ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ يانداش مەبلىغى 44 مىليون 602 مىڭ يۈەن، دېھقانلار ئۆزى جۇغلىغان مەبلەغ 981 مىليون 761 مىڭ 500 يۈەنگە يەتكەن (8 مىليون 340 مىڭ يۈەن بانكا قەرز پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

  بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى نامراتلارنى يۆلەش، خەلق ئىشلىرى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار يوللىغان 2020− 2019- يىلى يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە قاتارلىق تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق ئوبيېكتنىڭ قۇرۇلۇش ئېھتىياج سانلىق مەلۇماتىنى «ئىككىنى يۇقىرىغا يوللاش، ئىككىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش» بويىچە سېلىشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈشكە يوللاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى مۇۋاپىق بېكىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دىققەتنى 9355 ئائىلىلىك ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىگە، بولۇپمۇ 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى 8989 ئائىلىلىك ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «تۇرالغۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

  كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى ئالاقىدار تەلەپلەر بويىچە تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، 2019- يىللىق يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئائىلىلەرگىچە، ئادەملەرگىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «راست نام تۈزۈمى» ھېسابات تىزىملىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇنتىزىملاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ «بىر ئائىلىگە بىر ئارخىپ تۇرغۇزۇش» تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئۆي سالغۇچىلارغا ئالاقىدار سالاھىيەت، نوپۇس، ئىلتىماس، تەستىق، كېلىشىم قاتارلىق ئاساسلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىشىنى قوبۇل قىلىدىكەن؛ دېھقانلارنىڭ ئۆي سېلىش كۆلىمىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، 2020− 2019- يىلى يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە قاتارلىق تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق ئوبيېكتنىڭ ئۆي سېلىش كۆلىمىنى 60- 40 كىۋادرات مېتىر ئىچىدە قاتتىق كونترول قىلىدىكەن؛ مەبلەغ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تولۇقلىما ياردەم مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تولۇقلىما ياردەم مەبلىغىنى دېھقانلار (ھەممىباب كارتىسى)نىڭ ئىسچوتىغا دەل ۋاقتىدا تولۇق ئۇرۇپ بېرىدىكەن؛ قۇرۇلۇش سۈپىتى، بىخەتەرلىكنى قاتتىق باشقۇرۇپ، «تولۇق قاپلاش، يوچۇق قويماسلىق» تەلىپى بويىچە، يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى، بىخەتەرلىكىگە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك قىلىپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلى، بىناكارلىق دېتاللىرىنى ياساش ئۆتكىلى، نەق مەيداندا قۇرۇلۇش قىلىش ئۆتكىلى، پۈتكەن قۇرۇلۇشلارنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان