ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ گىرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاۋلوپوۋلوس بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئايرىم - ئايرىم ھالدا سىرى لانكا زۇڭتۇڭى، كامبودژا پادىشاھى، سىنگاپور زۇڭتۇڭى، ئەرمېنىيە زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

2019.05.15 15:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ جولۇن، ۋاڭ شياۋجيې) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5- ئاينىڭ 14- كۈنى خەلق سارىيىدا گىرېتسىيە زۇڭتۇڭى پاۋلوپوۋلوس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ پاۋلوپوۋلوسنىڭ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەم ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمەن. گىرېتسىيە ياۋروپادىكى مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت، سىزنىڭ كەلگەنلىكىڭىز ئاسىيا - ياۋروپا مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ۋە دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك سۆزلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىدىغان مىللەت. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ، ۋارىسلىق قىلىنىپ، ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىدى، ئەزەلدىن يەكلەش خاراكتېرىگە ئىگە ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا سىغدۇرۇش ھەم ئۆزئارا توپلاش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ تەرەققىي قىلىپ كەلمەكتە. قەدىمىي يىپەك يولىدىكى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، قەدىمىي گىرېتسىيە مەدەنىيلىكى، قەدىمىي رىم مەدەنىيلىكى، ئوتتۇرا دېڭىز مەدەنىيلىكى ھەمدە بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى، خىرىستىيان دىنى ئارقا - ئارقىدىن جۇڭگوغا كىرىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ، يەرلىكلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئەزەلدىن مەدەنىيلىك توقۇنۇشى ۋە دىن ئۇرۇشى يۈزبەرمىدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ سىرتقا تاجاۋۇز قىلىش ئەنئەنىسى يوق. 600 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا جېڭ خې غەرب دۆلەتلىرىگە سەپەر قىلغاندا، باشلاپ ماڭغىنى ئەينى چاغدىكى دۇنيادىكى ئەڭ زور پاراخوت ئەترىتى، ئېلىپ بارغىنى ئۇرۇش بولماستىن، بەلكى يىپەك، چاي ۋە فارفۇر بۇيۇملار ئىدى، يول بويى بىر سۇڭ يەرنىمۇ ئىشغال قىلىۋالمىغانىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگولۇقلار ئەزەلدىن ئائىلە دۆلەت مۇھەببىتىگە ئىگە، دۆلەت بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، دۆلەت بولمىسا، ئائىلە بولمايدۇ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى، قۇدرەت تېپىشى بولمىسا، ئائىلە خۇشاللىقى ۋە شەخسنىڭ بەختى بولمايدۇ. جۇڭگو خەلقى دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدۇ، مىللەتنىڭ مەنپەئىتى ۋە دۆلەتنىڭ ئىززەت - ئابرۇيىنى قوغداش ئىشەنچى يۈكسەك بىردەك، ئىرادىسى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم. جۇڭگو ھازىر مېڭىۋاتقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى 5000 يىللىق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدىن ئايرىلمايدۇ، شۇنداقلا بۇنى جۇڭگو خەلقى قىيىنچىلىق، جاپا - مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، كۈرەش قىلىپ ئىزدىنىش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەن، بۇ، ماركسىزم ئاساسىي قائىدىسىنىڭ جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە بۈگۈنكى دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۆزئارا بىرلەشكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى، ئۇ، تارىخىي مۇقەررەرلىك، خەلقنىڭ تاللىشى. كىشىلىك تۇرمۇشتا كۈرمىڭ ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدۇ. مەيلى قانچىلىك جاپا - مۇشەققەت، خەتەرلىك توسالغۇ بولسۇن، بىز بۇ يولنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىمىز. جۇڭگو تەرەققىي قىلسا، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا مۇھىم، زور تۆھپە قوشىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا ھەرقايسى دۆلەت خەلقى ئوخشاش بىر يەر شارى كەنتىدە ياشاۋاتىدۇ، بىرى گۈللەنسە، باشقىلارمۇ گۈللىنىدۇ، بىرى زىيانغا ئۇچرىسا، باشقىلارمۇ زىيانغا ئۇچرايدۇ، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش. مېنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشىم ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈندۇر.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيە مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۆزئارا تەبىئىي يېقىنلىق تۇيغۇسى بار. گىرېتسىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپادىكى ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى، جۇڭگو تەرەپ گىرېتسىيە تەرەپ بىلەن بىللە، ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدۇ.

  پاۋلوپوۋلوس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشى دۇنيانىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم، گىرېتسىيەنىڭ تەكلىپكە بىنائەن قاتناشقانلىقىدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن. نۆۋەتتە، خەلقئارادا بەزى كىشىلەر ئاتالمىش «مەدەنىيلىك توقۇنۇشى سەپسەتىسى»نى تەرغىب قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئىنتايىن خاتا. ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي مەدەنىيلىك ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش، قارشىلىشىش يۈزبەرمەسلىكى كېرەك ھەم يۈزبەرمەيدۇ. ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئوتتۇرىسىدا پەرق مەۋجۇت بولۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئارتۇقچىلىقنى قوبۇل قىلىپ، كەمچىلىكنى تۈگىتىش دۇنيانىڭ ئۇزاققىچە تىنچ بولۇش ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈش يولى. بۇ جەھەتتە، گىرېتسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ قارىشى ئوخشاش. بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ دۇنيا ۋە ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسى قانچىلىك ماددىي بايلىق ياراتقانلىقىدىلا بولماي، يەنە قانداق قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدا. گىرېتسىيە رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا مەدەنىيلىك قارىشى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللىغانلىقىغا، خەلقئارادا ۋەدىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەدىسىدە چىڭ تۇرغانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، بۇ، قەدىمىي جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگونىڭ بىر مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇشتەك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. گىرېتسىيە خەلقى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نەچچە يۈز مىليون ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، بۇ، ناھايىتى قالتىس ئىش. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈردى، شۇنداقلا دۇنياغا بەخت ياراتتى. گىرېتسىيە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەم ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ھەمدە ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا پاۋلوپوۋلوس ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. پېڭ لىيۈەن، دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، خۇاڭ كۇنمىڭ، چېن جۇ، ۋاڭ يى، لى بىن، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار بەي جيې، گەي بومىڭ) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5- ئاينىڭ 14- كۈنى خەلق سارىيىدا ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن سىرى لانكا زۇڭتۇڭى سىرىسېنا بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ يېقىندا سىرى لانكىدا يۈزبەرگەن بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەلىرىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ، سىرى لانكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇشنى خالايدۇ، سىرى لانكا تەرەپنىڭ تېررورىزمغا زەربە بېرىشىنى قوللايدۇ، سىرى لانكا تەرەپنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن سىرى لانكا ياخشى قوشنا، ياخشى ھەمراھلار. جۇڭگو تەرەپ سىرى لانكا تەرەپ بىلەن بىللە، ئىككى دۆلەتنىڭ سەمىمىي ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان دوستانە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام دەرىجىلىكلەرنىڭ دائىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى ساقلاپ، دوستانە ھەمكارلىق چوڭ يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆزئارا قەتئىي قوللىشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چوڭ تۈرلەردىكى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، سىرى لانكا خەلقىگە نەپ يەتكۈزىدىغان خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى تېز يولغا قويۇشى كېرەك. بىخەتەرلىك قانۇن ئىجراسى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تېررورىزم قاتارلىق ئەنئەنىۋى بولمىغان خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. سىرى لانكا تەرەپنىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنى سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، سىرى لانكىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇددا دىنى مەدەنىيلىكى ۋە رەڭدار كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  سىرىسېنا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن يېقىندا سىرى لانكىدىكى بىر قاتار تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قازا قىلغانلىقىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، جۇڭگو تەرەپنىڭ سىرى لانكا تەرەپنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. جۇڭگو ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنى مۇھىم رايون ۋە خەلقئارا ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، سىرى لانكىغا نىسبەتەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. سىرى لانكا - جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. سىرى لانكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى قىممەتلىك مەدىتىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، باشتىن - ئاخىر سىرى لانكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ۋە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، خۇاڭ كۇنمىڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار بەي جيې، ۋاڭ شياۋجيې) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5- ئاينىڭ 14- كۈنى خەلق سارىيىدا كامبودژا پادىشاھى سىخامونى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو - كامبودژا دوستلۇقى پۈتۈن دۇنياغا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى، خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەقىقىي دوستلۇقنى نامايان قىلدى، بۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا ئەۋلادمۇئەۋلاد مەدھىيەلىنىدىغان داستانغا ئايلانغۇسى. جۇڭگو تەرەپ كامبودژا خان جەمەتى بىلەن بولغان ئالاھىدە دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ. جۇڭگونىڭ نەچچە ئەۋلاد رەھبەرلىرى شاھىنشاھ سىخانوك بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورناتقان، بىز ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو - كامبودژا دوستلۇقىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كامبودژانىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللايدۇ، كامبودژا تەرەپ بىلەن بىللە جۇڭگو - كامبودژانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ھەرىكەت پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، مەدەنىيلىك ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا ئۈلگە تىكلىشى كېرەك.

  سىخامونى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ كامبودژا خان جەمەتىگە بولغان چوڭقۇر دوستلۇقى ۋە ئۇزاقتىن بۇيان كامبودژا خەلقىنى تەمىنلىگەن قىممەتلىك مەدىتى، ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىمەن. كامبودژا خەلقى ھەرقانداق ئەھۋالدا قەتئىي ھالدا جۇڭگو خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ. كامبودژا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا جارى قىلدۇرغان مۇھىم تەسىرىنى ئالقىشلايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى قەتئىي قوللايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا چۈشىنىشكە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، خۇاڭ كۇنمىڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار بەي جيې، شيې خاۋ) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5- ئاينىڭ 14- كۈنى خەلق سارىيىدا سىنگاپور زۇڭتۇڭى خالىما بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالدىنقى ئايدا زۇڭلى لى شيەنلۇڭ 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ۋە بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، بۇ ئايدا زۇڭتۇڭ خانىمنىڭ يەنە جۇڭگوغا كېلىپ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىشى جۇڭگو - سىنگاپور مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو بىلەن سىنگاپور ئۆزئارا تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلىدى، مەنپەئىتى يۈكسەك دەرىجىدە يۇغۇرۇلدى. ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلامدىكىلەر بېرىش - كېلىش ئەنئەنىسىنى ساقلىشى كېرەك، بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك قىلىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش دەل سىغدۇرۇش، دوستلۇق جەريانى، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى جۇڭگو - سىنگاپور ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ پۇرسەت. ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشنى جۇڭگو - سىنگاپور ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئىسىم كارتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، «قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى» ۋە ئۈچىنچى تەرەپ بازار ھەمكارلىقىدىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، بالدۇرراق نەتىجە ھاسىل قىلىشى كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى ۋە كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوللاپ، ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئاسىيادىن ئىبارەت گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇشى كېرەك. كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيانى بەرپا قىلىش جەريانىدا، بىزنىڭ دوستلار چەمبىرىكىمىز بارغانسېرى زورىيىدۇ.

  خالىما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىشى دەل مۇۋاپىق پەيتكە توغرا كەلگەن بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قانداق قىلغاندا دۇنيا خەلقىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە پايدىلىق. سىنگاپور - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ياخشى راۋاجلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. سىنگاپور تەرەپ باشلىنىشىدىلا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللىدى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد - سودا، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، قائىدە ئاساس قىلىنغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ، بۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك دۆلەتلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ مۇھىم.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، خۇاڭ كۇنمىڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار بەي جيې، ۋاڭ شياۋجيې) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5- ئاينىڭ 14- كۈنى خەلق سارىيىدا ئەرمېنىيە زۇڭلىسى پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەرمېنىيە ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقى قەدىمىي يىپەك يولى ئارقىلىق ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە، جۇڭگو بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلماقتا. جۇڭگو تەرەپ ئەرمېنىيە تەرەپ بىلەن بىللە، ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، رايون تەرەققىياتى، ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللىشى كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسىدا، جۇڭگو بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو تەرەپ ئەرمېنىيە تەرەپ بىلەن ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سېلىنمىسى، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، مېتال تاۋلاش، ھاسىلىي ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئورتاق زەربە بېرىشى كېرەك.

  پاشىنيان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، جۇڭگو تەرەپنىڭ 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. ئەرمېنىيە بىلەن جۇڭگو مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر بولۇپ، تارىختا سودا، مەدەنىيەت ئالاقىسى قويۇق بولغان. ئەرمېنىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ. ئەرمېنىيە تېررورىزم كۈچلىرىگە قەتئىي زەربە بېرىشكە كۈچ چىقىرىدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، خۇاڭ كۇنمىڭ، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان