ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى كۆپ ساھەدە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى

بازار تىجارەت مۇھىتىنىڭ رەتلىك، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى

2019.05.15 15:33 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرلىرىمىز ياڭ شۇخەن، جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تېببىي دورا، داۋالاش، مەكتەپلەردىكى يېمەكلىك، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى قاتارلىق كەسىپ، ساھەلەردە ئېنىقلاش، تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەسىپ، ساھەلەردىكى مەنپەئەت زەنجىرى ۋە قارا، رەزىل جىنايەتنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى كۈچەپ يوقىتىپ، بازار تىجارەت مۇھىتىنىڭ رەتلىك، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  5- ئاينىڭ 7- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ساھەسىدە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېببىي دورا، داۋالاش ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان «گۇۋاھنامە ئېسىش» قاتارلىق قالايمىقانچىلىقلارغا قارىتا تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى.

  «دورا پارچە سېتىش كارخانىلىرىدىكى كەسپىي دورىگەرلەرنىڭ <گۇۋاھنامە ئېسىش> قىلمىشىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كەسپىي دورىگەرلەرنىڭ <گۇۋاھنامە ئېسىش>ى ۋە پارچە سېتىش دورىخانىلىرىنىڭ رېتسېپلىق دورىلارنى رېتسېپسىز سېتىشى قاتارلىق قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ بىر تۈركۈم قىلمىشلارنى ئاشكارىلىدۇق.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گەن چۈەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تېببىي دورا، داۋالاش ساھەسىدىكى مەخسۇس تۈزەشنىڭ مۇددىتى يېرىم يىل بولۇپ، ئىدارىمىز ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ، داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى تەمىنلىگەن كەسپىي دورىگەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئۇچۇرى بىلەن ئەمەلىي خىزمەت ئورنى بىردەك بولماسلىق قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، بەش كارخانىنىڭ مەسئۇلى ھەم داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ئىشلەيدىغان، ئەمما «كەسپىي دورىگەرلەرنى رويخەتكە ئېلىش گۇۋاھنامىسى»نى دورا پارچە سېتىش كارخانىلىرىغا ئېسىپ قويغان 20دىن ئارتۇق كەسپىي دورىگەرنى سۆھبەتكە چاقىرتتى ھەم ئۇلارنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى بويىچە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، سەككىز يولغا بۆلۈنۈپ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەكتەپ ئەتراپىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە قارىتا قانۇن ئىجرا قىلىش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى ئارخىپ تەكشۈرۈش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق نۇقتىلىق ھالدا مەكتەپ (يەسلى)لەرنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تۈزۈم قۇرۇلۇشى ھەم ھېسابات تىزىملىكى تۇرغۇزۇش، يېمەكلىك ئەۋرىشكىسى قالدۇرۇش، خۇرۇچ باشقۇرۇش، يېمەك - ئىچمەك قاچا - قۇچىلىرىنى يۇيۇش - دېزىنفېكسىيەلەش ھەم بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردىن تەكشۈردى.

  يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بازىرىمۇ مەخسۇس ئېنىقلاش، تەرتىپكە سېلىشتىكى نۇقتىلىق ساھە. 4- ئاينىڭ بېشىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەلگە ئىشلىتىشكە چېتىشلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى دېلوسىدىن بىرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى، دېلوغا چېتىشلىق مال قىممىتى 1 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى ساھەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك قىزىق نۇقتا، بازاردىكى قىيىن نۇقتا، ئەرز قىلىش قىزىق نۇقتىسى قاتارلىق تۈرلۈك دېلولارنى ھەر تەرەپلىمە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق، مالىمانچىلىققا چېتىشلىق يىپ ئۇچىغا قارىتا، يىپ ئۇچىنى بويلاپ چوڭقۇر قېزىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق جازالاپ، ئېغىر بىر تەرەپ قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۈرلۈك بازار قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى.

  كېيىنكى قەدەمدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى بازار زومىگەرلىكى قىلىش، زورلاپ ئېلىش - سېتىش، ناتوغرا رىقابەتلىشىش، مونوپول تىجارەت قىلىش ھەم ساختا، ناچار تاۋارلارنى ياساش - سېتىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك بازار تەكشۈرۈشىگە بىرلەشتۈرۈپ، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ساھەسىدىكى قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشى خىزمىتىنى يەنىمۇ قانات يايدۇرۇپ، قارا كۈچلەرگە چېتىشلىق، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق يىپ ئۇچىنى ۋاقتىدا يۇقىرىغا مەلۇم قىلىدۇ، ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان