ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالدايدىغان «غەلىبە»دىن مەستخۇش بولماسلىق كېرەك

− «تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش پايدىلىق نەزەرىيەسى»نى ئاخىرلاشتۇرايلى

جۇڭ شېڭ

2019.05.15 15:32 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  11- نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كېڭىشىشى ئۆتكۈزۈلگەن پەيتتە، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو ئامېرىكىغا چىقىرىدىغان 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى تاۋاردىن قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى %10تىن %25كە ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا كېڭىشىشى مۇساپىسىنى ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراتتى. ئامېرىكا تەرەپ ئويلىمىغان يەردىن يەنە ماس قەدەمدە «تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش پايدىلىق نەزەرىيەسى»نى ئويدۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق، بۇ قىلمىشنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا بولغان ئېغىر زەربىسىنى يوشۇرماقچى بولدى. كىم بىلسۇن، ئامېرىكا خەلقى بۇنى ئېتىراپ قىلمىدى، تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشقا كۈچلۈك قارشى تۇرۇش ساداسى ئاۋۋال ئامېرىكىدىن تارقالدى.

  «تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش پايدىلىق نەزەرىيەسى» بىر خىل نادانلىقمۇ ياكى بىر خىل نىقابلىنىشمۇ؟

  بۇلتۇرقى «سودا ئۇرۇشى ناھايىتى ياخشى»دىن بۈگۈنكى كۈندىكى «جۇڭگو ئامېرىكىغا غايەت زور سوممىلىق تاموژنا بېجى تۆلەۋاتىدۇ... بۇ غايەت زور سوممىلىق باج ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە تاپشۇرۇلىدۇ» «تاموژنا بېجى بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە تېخىمۇ كۆپ بايلىق ئېلىپ كېلىدۇ، ھەتتا ئەنئەنىۋى تىپتىن ھالقىغان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سودا. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ تېخىمۇ ئاسان ۋە تېخىمۇ تېز» «جۇڭگو سۈرئەتنى زور دەرىجىدە ئاستىلىتىدۇ، بىز ئۆزلۈكىمىزدىن سۈرئەتنى تېزلىتىمىز»نى ئۈزلۈكسىز تەرغىب قىلىشقىچە... ئامېرىكا تەرەپتىكى بەزى ئەمەلدارلارنىڭ قارىشىچە، قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى خۇددى ئاسماندىن چۈشكەن گۆشناندەك ھېچقانداق كۈچ سەرپ قىلمايلا قولغا كېلەرمىش؛ تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش قارشى تەرەپنى ئاجىزلىتىپ، ئۆزىگە ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمەسمىش. بەزىلەر يەنە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكا ئىقتىسادى تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش سەۋەبىدىن گۈللەپ راۋاجلىنىۋاتقاندەك ساختا كۆرۈنۈش پەيدا قىلدى. خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ باھاسى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ پەقەت ئامېرىكا تەرەپنىڭ «ئاساسسىز غەلىبە يارىتىش»نى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر مىسالى.

  ئامېرىكا دۆلەت ئىقتىسادى تەتقىقات ئىدارىسى ئېلان قىلغان تەتقىقات ماقالىسىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2018- يىلى ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ سودا ھەمراھىدىن قوشۇپ ئالغان تاموژنا بېجى ھەمدە قارشى تەرەپ دۆلەتنىڭ ئامېرىكىدىن ئالغان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى سەۋەبىدىن ئامېرىكا ئىقتىسادى 7 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيانغا ئۇچرىغان. تاموژنا بېجى ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىنىڭ ھەر يىلى 68 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق تەننەرخنى ئۈستىگە ئېلىشىغا سەۋەب بولغان. ئامېرىكا سودا ئىشلىرى مەسلىھەتچىلىكى ئاپپاراتىنىڭ «يەر شارىۋى سودا ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى» دېگەن تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو ئامېرىكىغا چىقىرىدىغان 250 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى تاۋاردىن %25 تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش ھەمدە ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات ۋە ئاليومىن مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش ئامېرىكىدا ھەر يىلى 934 مىڭ ئىش ئورنىنىڭ ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ يېقىنقى خەۋىرىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئامېرىكىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، جۇڭگو ئامېرىكىغا چىقىرىدىغان تاۋارلاردىن تېخىمۇ يۇقىرى تاموژنا بېجى ئېلىشى، ھالبۇكى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ ئامېرىكا - جۇڭگو سودا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرماسلىقى ئامېرىكا سودا ساھەسىدىكىلەرنى ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەندۈردى.

  ئامېرىكا تەرەپنىڭ «تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش پايدىلىق نەزەرىيەسى»دە مۇنداق بىر خىل ئەھۋال تەسەۋۋۇر قىلىنغان: تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش جۇڭگونىڭ يانچۇقىدىن بىكارغا پۇل ئالغانغا باراۋەر، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىدۇ. بىراق، ئەمەلىيەت باشقىچە: ئامېرىكىنىڭ ئىمپورت سودىگەرلىرى ۋە پارچە سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ تاموژنا بېجىنى ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى چەكلىك، تاموژنا بېجىنىڭ ئاشقان نورمىسى مۇقەررەر ئەڭ ئاخىرقى ئىستېمالچىنىڭ چىقىم ھالقىسىدا ئەكس ئېتىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كارخانىلارنىڭ باشقا ئىمپورت مەنبەسىنى تېپىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن كۆپلىگەن ئامېرىكىلىق كارخانا ئىگىسى بۇنىڭغا قارىتا مۈرىسىنى قىسىپ، ئىككى قولىنى پۇلاڭلىتىپ: جۇڭگو تاۋارلىرىنىڭ سۈپىتى ياخشى، باھاسى ئەرزان، جۇڭگودىنلا سېتىۋېلىشقا بولىدۇ، ئاشقان تەننەرخنى ئىستېمالچىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەشكە توغرا كېلىدۇ، دېيىشتى. نيۇيورك فېدېراتسىيە زاپاس بانكىسى، پرىنسېتون داشۆسى ۋە كولومبىيە داشۆسىدىكى ئىقتىسادشۇناسلار تەتقىق قىلىپ شۇنى بايقىدىكى، تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرى ۋە ئىمپورت سودىگەرلىرىنى بۇلتۇر ھەر ئايدا 4 مىليارد 400 مىليون دوللار زىيانغا ئۇچراتقان، ئامېرىكا ئالغان تاموژنا بېجى كىرىمى «ئىمپورت تاۋارلىرىنى سېتىۋالغان ئىستېمالچىلار تارتقان زىياننى تولدۇرۇشقا يەتمىگەن». ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ يانچۇقىدىكى پۇلنى چىقىرىپ، ئاسماندىن ياپيېشىل ئامېرىكا دوللىرى چۈشتى دەپ، جار سالدى، لېكىن ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ ھەميېنى قۇرۇقدىلىپ قالدى، كىشىلەر بۇنى قانداقمۇ ئېتىراپ قىلسۇن؟

  بۈگۈنكى دۇنيادا ھېچكىممۇ خىيالىغا كەلگىنىچە ئىش قىلالمايدۇ. ئامېرىكا باشقىلارغا تاموژنا بېجىنى مەجبۇرىي تاڭسا، باشقىلارنىڭ پەرۋا قىلماسلىقى مۇمكىن ئەمەس، مۇقەررەر قارشى جازا قوللىنىدۇ. تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشنىڭ ئامېرىكىغا كەلتۈرگەن ئازابى ناھايىتى روشەن. ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن دېھقان «جاپالىق ئىقتىسادىي پەيت»نى باشتىن كەچۈرمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى يېزا ئىگىلىك تولۇقلىمىسى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىدى، لېكىن ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشى ۋە ئېكسپورتنىڭ ئازىيىشىدىن كېلىپ چىققان زىيانغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ ھېچنېمىگە دال بولالمايدۇ. «بىز بەرداشلىق بېرەلمەي قالدۇق»، كۆپلىگەن ئامېرىكا دېھقانلىرى ۋە كارخانا ئىگىلىرى شۇنداق دېدى. «ئون ئايدىن بۇيان، جۇڭگو ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا ئىزچىل تۈردە سودا ئۇرۇشى ئۈچۈن بارلىق بەدەلنى ئۈستىگە ئالدى.» ئامېرىكىدىكى 150تىن ئارتۇق پارچە سېتىش، تېخنىكا، ياسىمىچىلىق ۋە يېزا ئىگىلىك سودا تەشكىلاتىغا ۋەكىللىك قىلغان ۋەز ئېيتىش كوللېكتىپى − «تاموژنا بېجى ئامېرىكىنىڭ كىندىك رايونىغا زىيان يەتكۈزىدۇ» يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ: «تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش پەقەت ئامېرىكىدىكى دېھقانلار، كارخانىلار ۋە ئىستېمالچىلارنىلا جازالايدۇ» دەپ كۆرسەتتى. لېكىن، ئامېرىكىنىڭ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى ھازىرغىچە يەنىلا بۇ سادالارغا قۇلاق سالمايۋاتىدۇ.

  شۇنى كۆرۈش كېرەككى، «تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش پايدىلىق نەزەرىيەسى»نى بولۇشىغا تەرغىب قىلىش ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالدىغانلىق خالاس. تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش ياكى تەھدىت سېلىپ تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ جۇڭگو - ئامېرىكا سودا سۈركىلىشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇش پۈتۈنلەي خاتا تەدبىر قوللانغانلىق. دونى تاموژنا بېجىغا تىكىش ئەڭ ئاخىرىدا مۇقەررەر بىر مەيدان قۇرۇق خام خىيال بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. بىز شۇنداق نەسىھەت قىلىمىزكى، ئامېرىكا تەرەپ ئەگەر يېتەرلىك ئەقىل - پاراسىتى ئارقىلىق ئۆز مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلماقچى بولسا، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەشنى تاللاپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا، كېڭىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان