ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

بايىنشىرگ مەھەللىسى:

ئاھالىلەر قەلبنى ئىللىتىدىغان مۇلازىمەتنى ماختىدى

گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى چېن چېن، جېن شىشىن، يۈ يىچاڭ

2019.05.14 17:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ قۇبۇقسار بازىرىدىكى بايىنشىرگ مەھەللىسىگە بارسىڭىز، يېپيېڭى ئاقارتىلغان بىنالارنى، رەتلىك ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنى، پاكىز، چىرايلىق يوللارنى، يەنە ئىناق ئۆتۈۋاتقان ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنى كۆرىسىز.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنشىرگ مەھەللىسى پۈتۈن بازار، پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئۇنىۋېرسال باھالىشىدا نام چىقاردى، مەھەللە كادىرلىرى بۇنى قانداق ئىشقا ئاشۇردى؟

  5- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچتە، زىيارەت قىلىش ئوبيېكتى بېكىتىلمىگەن ئەھۋالدا، مۇخبىرلار بۇ مەھەللىدىكى 16- بىنا 3- ئىشىك 301- ئۆينىڭ ئىشىكىنى چەكتى، كېلىش مەقسىتىنى ئېيتقاندىن كېيىن، مۇختەربېك ئىرسان بىلەن باقىتقان مۇقان قازاق ئەر - خوتۇن مۇخبىرلارنى قىزغىنلىق بىلەن ئۆيگە تەكلىپ قىلدى، ئارقىدىنلا يەنە قوشنىسى ما فۇچېڭ ۋە داۋ. مۆنگۈننى چاقىردى. سۆھبەت جەريانىدا ئۇلار كېلىشىۋالغاندەكلا مەھەللە كادىرلىرىنى ماختىشىپ كەتتى.

   مۆنگۈن: ئاممىغا رىشتە باغلىغان كادىرلارغا ئامما ئىشىنىدۇ

  موڭغۇل ئاھالە داۋ. مۆنگۈن «مالەنخۇا تەشۋىق قىلىش ئەترىتى»نىڭ مودېل يېتەكچىسى بولۇپ، ھازىر مەھەللىدىكى «داڭلىق شەخس».

  بۈگۈنكى كۈندە، مەھەللىدىكى نۇرغۇن ياشانغان ئاھالە گۈللۈكتە ئاپتاپسىنىۋاتقاندا، پاراڭلىشىۋاتقاندا، مۆنگۈننى كۆرسىلا، بىزگە يەنە قاچان مودېل ئويۇنى ئۆتكۈزۈپ بېرىسىز؟ دەپ سورايدىكەن. «مەن كۈلۈپ تۇرۇپ: رېپېتىتسىيە قىلىۋاتىمىز، ئويۇننى ياخشىراق قويايلى دېدۇق، ئامال بار 5- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە كۆپچىلىككە بىر مەيدان ئويۇن كۆرسەتمەكچى، دېدىم» دېدى مۆنگۈن. «ھازىر مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ 4- قەۋىتىدە ئۇسسۇل ئۆيى، تەنتەربىيە ئۈسكۈنىلىرى چېنىقىش ئۆيى بار. ئۇسسۇل ئويناشنى، چېنىقىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاھالىلەرنىڭ بارىدىغان يېرى بار بولدى».

  مۆنگۈن مۇنداق دېدى: «ھازىر مەھەللە كادىرلىرىنىڭ خىزمەت مىقدارى زور، ئۇلارنىڭ ئامما بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقتىمۇ كۆپ. قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ بايىنشىرگ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى لى چېڭچياڭنى ئېلىپ ئېيتساق، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىنىڭ يۇندى يولىدىن سۇ ئېقىپ قالسا، لامپۇچكىسى كۆيۈپ كەتسە، كېچە - كۈندۈز دېمەي دەرھال بارىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، مەھەللە كادىرلىرى ئاھالىلەرنىڭ <چوڭ ئائىلە باشقۇرغۇچى>سى بولۇپ قالدى».

   ما فۇچېڭ: گېپىدە تۇرىدىغان كادىرلارنى ئامما ياخشى كۆرىدۇ

  مەھەللە كادىرلىرىغا بولغان تەسىرات ئۈستىدە توختالغاندا، مەھەللە ئاھالىسى ما فۇچېڭ توختىماي بېشىنى لىڭشىتىپ: «مەھەللە كادىرلىرى ياخشى» دەپ ماختاپ كەتتى.

  مۇخبىرلار ما فۇچېڭ بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا، ئۇنىڭ قۇبۇقسار ناھىيە بازىرىدا ئاشخانا ئاچقانلىقىنى، 2012- يىلى بۇ مەھەللىدىن بىنا ئۆي سېتىۋالغانلىقىنى بىلدى. لېكىن، ما فۇچېڭ ئائىلىسىنىڭ نوپۇسى چۆچەك شەھىرىنىڭ ئېمىل يېزىسى ليۇشېڭ كەنتىدە ئىكەن. ئىلگىرىكى يىللاردا كېسەل كۆرسىتىش، ئاتچوت قىلىشتا تولا قاتراپ، بەكلا قولايسىز بوپتۇ.

  2017- يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ما فۇچېڭ مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ لىپىڭغا بۇ ئەھۋالنى ئىنكاس قىپتۇ. خۇاڭ لىپىڭ دەرھال ھەل قىلىشقا ياردەملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. ئارقىدىن، خۇاڭ لىپىڭ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئىلتىماس قىپتۇ، ماسلاشتۇرۇپتۇ، 2018- يىلىدىن باشلاپ، ما فۇچېڭ داۋالىنىش، دورا پۇلىنى ئاتچوت قىلىشتا قاتراپ يۈرمەيدىغان بوپتۇ. «مەھەللە مېنى يات كۆرمىدى، مەھەللە مېنىڭ <ئائىلەم>، مەنمۇ بۇ <ئائىلە> ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىپ بەردىم. ئاشخانىغا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغانلار مەھەللىدىكى نامرات ئائىلىنىڭ ئەزالىرى، ھەربىر ئادەمنىڭ ئايلىق مائاشى 2800 يۈەن» دېدى ما فۇچېڭ.

  «مەھەللە كادىرلىرى بىرىنچى سەپتە تۇرغاچقا، ھەربىر سۆز - ھەرىكىتىنى ئامما كۆرۈپ تۇرىدۇ، بىلىپ تۇرىدۇ، ئاممىغا بەرگەن ۋەدىمىزدە چىڭ تۇرساقلا، ئامما ئاندىن چىن كۆڭلىدىن قايىل بولىدۇ، ئاندىن پارتىيەمىز ئامما ئارىسىدا تېخىمۇ ئاممىۋى ئىشەنچكە ئىگە بولىدۇ، ئەل قەلبىنى تېخىمۇ مايىل قىلالايدۇ.» شۇ كۈنى كېچىدە، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ لىپىڭ ئىشخانىسىدا «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نى ئۆگىنىۋاتاتتى، مۇخبىرلار ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۇ مۇخبىرلارغا مەھەللە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچىنى سۆزلەپ بەردى.

   مۇختەربېك: ئاممىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان كادىرلارنى ئامما قەدىرلەيدۇ

  «چېن ئەترەت باشلىقى ياخشى كادىر، ھەر ۋاقىت بىزنى ئويلايدۇ. ھەر ئايدا بىزنىڭ ئۆيگە ئىككى - ئۈچ قېتىم كېلىپ، ئائىلىمىزدە قانداق قىيىنچىلىق بارلىقىنى، يەنە قانداق ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى ئىگىلەپ تۇرىدۇ، ھەر يىلى ھېيت - بايراملاردا ئۆيىمىزگە كېلىپ ھال سورايدۇ. ئۇ مېنىڭ پېشقەدەم كادىرلارنىڭ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، پېنسىيەگە چىققان پارتىيەلىك كادىرلارنى تەشكىللەپ، مەھەللىدە تۇرۇشلۇق <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت ئەترىتى، مەھەللە <ئىككى كومىتېت>ى بىلەن بىللە ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇشۇمغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى» دېدى مۇختەربېك.

  «بۇلتۇردىن باشلاپ، مەھەللىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتىم. مېنىڭ سەپەرۋەرلىك قىلىشىم بىلەن، كەمپىرىم مەھەللە تەشكىللىگەن <مالەنخۇا تەشۋىق قىلىش ئەترىتى>گە قاتناشتى. قىزىم سەۋلېتقان مۇختەربېك ئىلگىرى ناھىيەدە خىزمەت قىلاتتى، مېنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشۈم بىلەن، ئۇ كۇرسقا قاتنىشىپ ئىمتىھان بېرىپ، ھازىر چاغانكۆل يېزىسى دولانتى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدى.» مۇختەربېك مۇنداق دېدى: «پارتىيە بىز پېشقەدەم كادىرلارغا مانا مۇشۇنداق غەمخورلۇق قىلدى، مەن چوقۇم پارتىيەنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن، مەھەللىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايمەن، مەن پېشقەدەم كادىرلارنى تەشكىللەپ ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلەپ، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ئۆگىنىپ، مەھەللە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن!»

  «بىز پېنسىيەگە چىققان پارتىيەلىك كادىرلارغا سىياسىيدا ھۆرمەت قىلىمىز، ئىدىيەدە كۆڭۈل بۆلىمىز، تۇرمۇشتا ھالىدىن خەۋەر ئالىمىز، ۋاقىت بولسىلا، پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى ئىگىلەيمىز ھەم ياردەم بېرىپ ھەل قىلىمىز. پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ھەقىقىي <سىردىشى> بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھال - ئەھۋالىنى كۆڭۈلگە پۈككەندىلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ھەقىقىي ئۇتقىلى بولىدۇ.» مەھەللە ئىشخانىسىدا، مۇخبىرلار ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىدىن ئەھۋال ئىگىلەپ قايتقان «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى چېن ديەننى ئۇچراتتى، ئۇ مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تەسىراتىنى سۆزلەپ بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان