ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى باج قائىدىسى كومىتېتى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ

ئەسلىي ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بىر قىسىم ئىمپورت تاۋارلاردىن قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى باج نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى قارار قىلدى

2019.05.14 17:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى باج قائىدىسى كومىتېتى 5- ئاينىڭ 13- كۈنى مۇنداق ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلدى: 2019- يىلى 5- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2019- يىلى 5- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 200 مىليارد دوللارلىق تىزىملىكتىكى تاۋاردىن قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى باج نىسبىتىنى ئەسلىدىكى %10تىن %25كە ئۆستۈرۈشنى جاكارلىدى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ يۇقىرىقى تەدبىرى جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشى دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى تەرەپ كېڭىشىش ئارقىلىق سودا ئىختىلاپىنى ھەل قىلىش ئورتاق تونۇشىغا خىلاپ بولۇپ، ئىككى تەرەپ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، ئۆزىمىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، جۇڭگو تەرەپ ئەسلىي ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بىر قىسىم ئىمپورت تاۋارلاردىن قوشۇپ ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى تەڭشەش تەدبىرىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى سودا قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت تاموژنا بېجى نىزامى» قاتارلىق قانۇن - نىزام ۋە خەلقئارا قانۇن ئاساسىي پىرىنسىپىغا ئاساسەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن تاموژنا بېجى باج قائىدىسى كومىتېتى 2019- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ، تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش يولغا قويۇلغان 60 مىليارد دوللارلىق تىزىملىكتىكى ئامېرىكا تاۋارلىرىنىڭ بىر قىسمىدىن قوشۇپ باج ئېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا %25، %20 ياكى %10 قوشۇپ باج ئېلىشنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى %5 تاموژنا بېجى قوشۇپ باج ئېلىنىدىغان باج ئوبيېكتى تاۋارلىرىدىن داۋاملىق %5 تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىنىدۇ.

  جۇڭگو تەرەپنىڭ تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشنى تەڭشەش تەدبىرى ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىر تەرەپچىللىكى، سودا قورۇقچىلىقىغا قايتۇرغان جاۋابى. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد - سودا كېڭىشىشىنىڭ توغرا يولىغا قايتىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئالىدىغان كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان