ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتى 2- ئومۇمىي يىغىن ئاچتى

يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2019.05.14 16:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتى 2- ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنى، ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسى ۋە مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سىياسىي - قانۇن سىستېمىسىنىڭ چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سىياسىي - قانۇن سىستېمىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز سىياسىي - قانۇن خىزمىتى يىغىنى، ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات - مۇھاكىمە كۇرسى ۋە مەملىكەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەش، ئومۇميۈزلۈك مۇھاكىمە قىلىش دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا يەنىمۇ كۈچەپ، يېڭى دەۋردىكى سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ساقچىلار قوشۇنىنى سىياسىي جەھەتتە قۇرۇش، ساقچىلار قوشۇنىنى ئىسلاھات ئارقىلىق كۈچەيتىش، ساقچىلار قوشۇنىنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يۈكسەلدۈرۈش، ساقچىلار قوشۇنىنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچەپ پولاتتەك غايە - ئېتىقادقا، پولاتتەك مەسئۇلىيەتچانلىققا، پولاتتەك كۈچلۈك قابىلىيەتكە، پولاتتەك ئىنتىزامغا، ئىستىلغا ئىگە سىياسىي - قانۇن پولات قوشۇنىنى قۇرۇش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە زور خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش، تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشقا دىققەتنى يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەنىمۇ كۈچەپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي - قانۇن خىزمىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان