ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئۈرۈمچى نەنسەن مەنزىرە رايونى:

گۈزەل يۆگىمە رەسىم تەدرىجىي ئېچىلدى

مۇخبىرىمىز يۈ شى

2019.05.13 17:31 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىيات يىرىك پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، تۈرلەرنىڭ مۇھىتقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاش تۈزۈمى قاتتىق ئىجرا قىلىندى، ساياھەتنىڭ مەدەنىيەت تەركىبى، مۇلازىمەت ئىللىقلىقى ئۆستۈرۈلدى... نۆۋەتتە ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ نەنسەن مەنزىرە رايونى بىخەتەر - تەرتىپلىك، ئېكولوگىيەسى گۈزەل، ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، ئاھالىسى مېھماندوست، كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان پۈتۈن رايون ساياھەت مۇھىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلماقتا.

  ساياھەت سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بازارغا گۈللىنىش ئېلىپ كەلدى، 2018- يىلى ئۈرۈمچى ناھىيەسىدىكى ساياھەتچى سانى تۇنجى قېتىم 10 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، 950 مىليون يۈەنلىك ساياھەت كىرىمى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. پۈتۈن رايون ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ يىل بۇ ناھىيەنىڭ نىشانى: ساياھەتچى سانى ۋە ساياھەت كىرىمىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 14 مىليون ئادەم قېتىمغا، 1 مىليارد 330 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش.

  كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىش

  «بىر پەسىللىك ساياھەت» «تۆت پەسىللىك ساياھەت»كە قەدەم قويدى

  «بۇ گۈل دېڭىزىنىڭ كۆلىمى 3000 مو، ھازىر تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ. پات ئارىدا ساياھەتچىلەر رەڭگارەڭ گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ!» دېدى 4- ئاينىڭ 24- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى نەنسەن مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېي جيەنيې مۇخبىرغا كۆز ئالدىدىكى يېشىللىقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

  ۋېي جيەنيې ئېيتقان «گۈل دېڭىزى» نەنسەن مەنزىرە رايونى قۇرۇۋاتقان يىپەك يولى مەدەنىيەت كۆرگەزمە مەركىزىنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى تۈرى. بۇ تۈرگە 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئاساسلىقى ياغلىق ئاپتاپپەرەس، قىچا گۈلى، پارىس سەبدەرگۈلى، مەنتيەنشىڭ، سېرىق ئەتىرگۈل قاتارلىقلار تېرىلىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئالتە يېزا (بازار)دا 10 مىڭ مولۇق گۈل دېڭىزى بەرپا قىلىپ، گۈللەرنىڭ ئەتىيازدىن كۈزگىچە رەڭگارەڭ ئېچىلىپ تۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، «گۈلگە پۈركەنگەن نەنسەن» دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولۇپ، ساياھەتچىلەر كەينى - كەينىدىن كېلىشكە باشلىدى، شۇ جايدىكى دېھقان - چارۋىچىلارمۇ بۇنىڭدىن كۆپ پۇل تاپتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى ناھىيەسى «تۆت پەسىلدە ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىش»تەك ساياھەت يېڭى ئەندىزىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن بەرپا قىلدى.

  بۇلتۇر 11- ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ناھىيەسى قىشلىق قار - مۇز ساياھىتى پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، «قۇياش نۇرىدا قارنى سەيلە قىلىپ، نەنسەندىن خۇشال ھۇزۇرلىنىش»نى باش تېما قىلغان شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولغان ئۆزگىچە تائاملار، مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى، قار - مۇز تەنھەرىكىتى قاتارلىق قىشلىق ساياھەت يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. قار - مۇز تەنھەرىكىتى، ئېكسپېدىتسىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئىستىراھەت - دەم ئېلىش ساياھىتى قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان قار - مۇز تەنھەرىكىتى خاس كىچىك بازىرىغا تايىنىش، بۇنىڭغا يېزا - كەنت چوڭ سەھنىسى، دېھقان - چارۋىچىلار ئۆزى ئىشلەپچىقىرىپ، ئۆزى سېتىش چوڭ بازىرى قاتارلىق باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى قوشۇشتىن ئىبارەت بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنىڭ تۈرتكىسىدە، نەنسەن مەنزىرە رايونى «بىر پەسىللىك ساياھەت»تىن «تۆت پەسىللىك ساياھەت»كە قەدەم قويدى.

  ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ شۇيشىگۇ بازىرى مىئېرگۇ كەنتىدىكى چارۋىچى تالغات سانتاي: نەنسەن مەنزىرە رايونى «بىر پەسىللىك ساياھەت» بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، مېنىڭ دېھقانلار ئارامگاھىمغا تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ساياھەتچىلەر قەدەم تەشرىپ قىلىدىغان بولدى، دېدى.

  خوتنى يۆتكەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش

  «نەنسەن ساياھىتى» پۈتۈن رايون ساياھىتىگە تۈرتكە بولدى

  ئېكولوگىيەلىك ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ تەرتىپلىك بولۇشى، بەلگە تاختىسىنىڭ كۆركەم ۋە مودا بولۇشى، سىمسىز تورنىڭ قاپلىشى ساياھەت تۇيغۇسىنى ئۆستۈردى... ھازىر، «100 چاقىرىملىق ئالتۇن ساياھەت كارىدورى، دالىدىكى ئىستىراھەت - دەم ئېلىش گۈزەل ماكانى» دېگەن چىرايلىق نامى بار تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى يېپيېڭى قىياپەت بىلەن تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالماقتا.

  دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى خاس ساياھەت تۈرلىرىنى ئېچىش ھەم ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەقلىي مەنزىرە رايونى قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ تازىلىقى، يېمەك - ئىچمەك ھەم مۇلازىمەت سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگەچكە، ساياھەتچىلەر تېخىمۇ كۆڭۈللۈك ساياھەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى.

  «ئۈرۈمچى نەنسەن خەلقئارا ساياھەت رايونى ئومۇمىي يىرىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ساياھەت تەرەققىيات چوڭ ئەندىزىسىنىڭ خوتنى يۆتكەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە نەنسەن مەنزىرە رايونىنى تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى ئۈرۈمچى ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ھاكىم فاڭ ئەيگو.

  سەرخىل مەنزىرە رايونى بەرپا قىلىپ، نەنسەن مەنزىرە رايونىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى ناھىيەسى ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇشنى باشلىدى: 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونىنى دۆلەت ئۆلچىمى بويىچە نىشانغا توغرىلاپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تاماملىدى؛ 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى مۇشۈتەي مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارنىڭ دەرىجىسى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ، ئۇل مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈردى؛ 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ئۈرۈمچى ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى جۇغراپىيەلىك مەركىزى مەنزىرە رايونى قاتارلىقلارنىڭمۇ پۈتۈنلەي خوتنى يۆتكەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

  بۇلتۇر، ئۈرۈمچى ناھىيەسى 30 دېھقان (چارۋىچى)لار ئارامگاھىغا قارىتا يۇلتۇز دەرىجىلىك ئارامگاھ بەرپا قىلىش ۋە يۇلتۇز دەرىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتى ئېلىپ باردى، بەلگىلىك كۆلەم ئۈنۈمىگە ئىگە 340 ئائىلىلىك دېھقان (چارۋىچى)لار ئارامگاھىنىڭ ساياھەت كۈتۈۋېلىش نۇقتىسىدا ئۆي ئىچىدىكى سۇ بىلەن چايقىلىدىغان ھاجەتخانىغا ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى... خوتنى يۆتكەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش نەنسەن مەنزىرە رايونىنىڭ ماركىسىنى نۇرلاندۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيە ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە: بۇ يىل 1- ئايدىن 3- ئايغىچە، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنى ساياھەت قىلغان ئادەم سانى 2 مىليون 40 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، ساياھەت كىرىمى 175 مىليون يۈەن بولغان.

  شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىش

  نەنسەن مەنزىرە رايونى ئالقىشلاندى ھەم ساياھەتچىلەر تېخىمۇ كۆپ جەلپ قىلىندى

  ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ «مول ساياھەت كانى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، نەنسەن مەنزىرە رايونى ساياھەت بايلىقىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى زور، خىللىرى كۆپ، تۈرلىرى ئەلا.

  «بىزنىڭ بۇ جايدىكى كەشتىچى ئاياللارنىڭ ھەربىرى ئايدا 2500 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە كىرىم قىلىدۇ». قار - مۇز ھەرىكىتى خاس كىچىك بازىرىنىڭ ئاھالىسى خاتىمە ئەنەيتۇل مىللىي قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى دۇكىنىدا خۇشال ھالدا مۇخبىرغا يۇقىرىقى سۆزلەرنى ئېيتتى.

  يېقىندا، بۇ خاس كىچىك بازار مەدەنىيەت ئېلېمېنتى ۋە ساياھەت ئېلېمېنتىنى بىر گەۋدە قىلغان مەززىلىك تائاملار كوچىسى قۇرغان بولۇپ، نەنسەن مەنزىرە رايونىدىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى. ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركۈملەپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، خاتىمەنىڭ تىجارەت كىرىمىمۇ كۆپەيدى.

  2018- يىلى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك ئون چوڭ مەنزىرە نۇقتىسى، چوقۇم قونۇشقا تېگىشلىك 20 پۇقراۋى قونالغۇ، چوقۇم ئويناشقا تېگىشلىك 30 ساياھەت تۈرى، چوقۇم غىزالىنىشقا تېگىشلىك 50 دېھقان (چارۋىچى)لار مەززىلىك تائاملىرى ئارامگاھىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، نەنسەن مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت ماركىسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى بېيىتتى.

  بىر قاتار تىجارەت تەشۋىقات تەدبىرلىرى نەنسەن مەنزىرە رايونىنىڭ نامىنى چىقاردى ھەم ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ جەلپ قىلدى.

  شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئارامگاھى چاڭغا تېيىلىش مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى خۇاڭ خې مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچى ناھىيەسى سودىگەر چاقىرىش ئارقىلىق ئەمەلىي كۈچى بار شىركەتلەرنى نەنسەن مەنزىرە رايونىنى ئېچىش، بۇ يەردە تىجارەت قىلىشقا قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، بۇ پۈتۈن ناھىيەنىڭ ساياھەت بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئېچىشقا ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۈنۈمنى زورايتتى، بىزنىڭ چاڭغا تېيىلىش مەيدانىمىز دەل بۇنىڭدىن نەپ ئالغان ئورۇنلارنىڭ بىرى».
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان