ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

4- نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا كۆرگەزمىسىدە

شىنجاڭ ئۆمىكى ئىمزالىغان كېلىشىم سوممىسى 23 مىليارد 300 مىليون يۈەندىن ئاشتى

2019.05.13 17:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 12- كۈنى، 4- نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش بويىچە تونۇشتۇرۇش يىغىنى ھەم تۈر كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، شۇ كۈنى جەمئىي 69 ھەمكارلىق تۈرىدە كېلىشىم ئىمزالىنىپ، ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 23 مىليارد 398 مىليون يۈەنگە يەتتى.

  بۇ نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا كۆرگەزمىسىدە باش تېمىلىق مۇنبەر، مۇھىم يىغىن، مەبلەغ سېلىش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى، ساھىبخان - مېھمان دۆلەت پائالىيىتى قاتارلىق جەمئىي ئالتە چوڭ بۆلەكتىكى 30 نەچچە مەيدان پائالىيەت ھەم ئالاقىدار كۆرگەزمىلەر ئۇيۇشتۇرۇلدى. شۇ كۈنىدىكى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ئالتاي ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ئىقتىساد - تەرەققىيات رايونى، قورغاس ئىقتىساد - تەرەققىيات رايونى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى ئايرىم - ئايرىم مەخسۇس تېمىدا تونۇشتۇردى.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ قېتىم كېلىشىم ئىمزالىغان تۈرلەر ئاساسلىقى يېنىك سانائەت، سودا ئەشيا ئوبوروتى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتى، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق سەككىز ساھەگە چېتىلىدۇ، 62 تۈر ئەلئارا كاپىتال سېلىنمىسىدىن كەلگەن، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 20 مىليارد 823 مىليون يۈەن بولۇپ، ئىمزالانغان كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %88.99ىنى ئىگىلىدى، بۇ نىسبەت ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن %16 پوئېنت ئاشتى؛ دۆلەت كاپىتالى سېلىنمىسى تۈرى بەش بولۇپ، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 1 مىليارد 595 مىليون يۈەن بولدى. ئىچكى جەھەتتە بىرلىشىش تۈرلىرىدىن باشقا، بۇ نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا كۆرگەزمىسىدە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە ئىككى تاشقى مەبلەغ تۈرى ئىمزالىدى، ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 980 مىليون يۈەن بولدى.

  شىئەن كۈەنشىتاڭ ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى شۇ كۈنى كېلىشىم ئىمزالىغان كارخانىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار كۈيتۈن شەھىرىدە 350 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ۋېنچۇاڭ ئېسىل تائاملار كوچىسى قۇرۇشنى پىلانلىدى.

  «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولدى، بىز بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزگىچە كوچا رايونى بەرپا قىلىپ، ساياھەتچىلەر، شۇنداقلا شۇ جايدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ مول بولغان ئىستىراھەت ساياھەت ئورنى بىلەن تەمىنلىمەكچى» دېدى بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ما دېيۇڭ.

  شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى تاشقى سېلىنما ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى فۇ چاۋخۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ يېتەكلىشىدە، شىنجاڭ بىلەن شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ھەمكارلىقى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، بۈگۈن ئىمزالانغان نۇرغۇن تۈر دەل ئىككى تەرەپنىڭ ئىلگىرىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنىڭ نامايەندىسى. شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى كارخانىلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ئىقتىساد - سودا ئالماشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان