ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

كۆكتوقاي: كىچىك بازاردا ھېكايە كۆپ

گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ما جيەنلۇڭ، زوۋ يى

2019.05.12 17:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  كۆكتوقاي كىچىك بازىرىدا ئۆزىنى «تاشلاندۇق نەرسىلەرنى يىغقۇچى» دەپ ئاتىۋالغان باقىتبېك جاسىمقاننى بىلمەيدىغان ئادەم يوق. ئۇ بازاردا كونا بۇيۇملارنى، چوڭى ساتىراشخانىنىڭ كونا پاسوندىكى ئورۇندۇقىدىن، كىچىكى جىنچىراغقىچە بولغان نەرسىلەرنى يىغىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان كۆكتوقايدىن كەتكەنلىكى كىشىلەر ئىشلەتمەيدىغان نەرسىلىرىنى باقىتبېككە قالدۇرۇپ كەتتى.

  باقىتبېك كۆكتوقايدىكى «2- ئەۋلاد كانچى»، بۇ يىل 60 نەچچە ياشقا كىردى. ئۇ ئىلگىرى بىر پاراشۇتچى ئەسكەر بولۇپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەندىن كېيىن كۆكتوقايغا قايتىپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ قەلبىدە ھەمىشە بىر پارچە ئۆچمەس ئوت بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ كىچىكىدىن قۇلىقىغا سىڭىپ كەتكەن كۆكتوقايدىكى «1- ئەۋلاد كانچى»لارنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھى ئىدى.

  باقىتبېك يىغقان «ئەسكى - تۈسكى»لەر بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئۆيى لىق تولۇپ، يەنە كۆكتوقاي ئاز ئۇچرايدىغان مېتاللار چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ بىر تاشلاندۇق زالىمۇ توشۇپ كەتكەنىدى. كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنىمۇ ئۇنىڭغا بىر سىنىپنى نەرسە قويۇشقا بوشىتىپ بەردى، ئۇ يىغقان بەزى «ئەسكى - تۈسكى»لەر ھەتتا كۆكتوقاي كۆرگەزمىخانىسىغا قويۇلدى.

  «مېنىڭچە، كۆكتوقايدىكى ھەربىر نەرسىدىن بىر ھېكايە چىقىدۇ، بۇ يەردىكى ھەربىر ھېكايە بولسا تىللاردا داستان بولغۇدەك تارىخ كارتىنىلىرىدۇر» دېدى باقىتبېك «ئەسكى - تۈسكى»لەر دۆۋىلەپ قويۇلغان ئامباردا ئەينى يىلى كان ئىشچىلىرى ئىشلەتكەن كىچىك ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا تۇغۇلغان «3- ئەۋلاد كانچى» فۇ جىڭ بىلەن تەن شېڭلىغا.

  تەن شېڭلى بىلەن فۇ جىڭ ئىككىسى كۆكتوقايدا قېپقالغان «3- ئەۋلاد كانچى»لار بولۇپ، ئىككىلىسى «2- ئەۋلاد كانچى» باقىتبېكنىڭ قەدىناس دوستلىرى.

  باقىتبېكنىڭ سۆزلىرىدىن «كۆكتوقايدىكى جياۋ يۈلۇ» ئەن گۈيخۇەيگە بولغان ھۆرمىتى ۋە سېغىنىشى چىقىپ تۇراتتى.

  بىز باقىتبېكنى زىيارەت قىلغان بۇ كۈنى، ئۇ بىر كىچىك چاي قۇتىسىنى چىقىرىپ، ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئازراق چاي ئېلىپ، «ئەسكى - تۈسكى» قاچىسىدا بىر پىيالە چاي دەملىدى. ئۇ فۇ جىڭ، تەن شېڭلى ۋە مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «بۇ چاي بەك قىممەتلىك، قېنى بىرلىكتە ئىچىپ، بۇ چاينىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىڭلار».

  «بۇ چاينىڭ تەمى بەك قىرتاق ئىكەن!» تەن شېڭلى بىر يۇتۇم ئاغزىغا ئېلىپ، ناھايىتى تەستە يۇتۇۋەتتى.

  باقىتبېك ئۇنىڭ كەينىدىن بىر يۇتۇم ئىچىپ مۇنداق دېدى: «بۇ چاينىڭ تەمى نېمانداق قىرتاق! بۇ مەن ئەن گۈيخۇەي شۇجىنىڭ نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرغاندا چاماداندىن ئېلىۋالغان ئازغىنە چاي ئىدى».

  فۇ جىڭمۇ بىر يۇتۇم ئىچكەندىن كېيىن: «بۇ چاينىڭ تەمى ھەقىقەتەن بەك قىرتاق ئىكەن!» دېدى.

  نۆۋەت مۇخبىرلارغا كەلگەندە، بىر يۇتۇم ئىچىپلا بۇ چاينىڭ تەمىنى تېتىپ: «بۇ كۇدىڭ چېيى، تەمى ناھايىتى ساپ ئىكەن!» دېيىشتى.

  كۇدىڭ چېيىنىڭ تەمى گەرچە قىرتاق بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ئىچكەندىن كېيىن ئېغىزدا سۇس تاتلىق تەم پەيدا بولىدۇ، بۇ خىل تاتلىق تەمنى پەقەت بۇ چاينى ئىچكەن ئادەملا بىلىدۇ. تەن شېڭلى ناھايىتى تېزلا ئاغزىدا بىر خىل تاتلىق تەمنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدى.

  تەن شېڭلى كۆكتوقايدىكى داڭلىق 3- نومۇرلۇق كاننىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولۇپ، ھەر كۈنى ساياھەتچىلەرگە كۆكتوقاينىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

  1987- يىلى تۇغۇلغان فۇ جىڭ ئېيىغا 6000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالىدىغان دىرېكتورلۇق ۋەزىپىسىدىن ۋاز كېچىپ، كۆكتوقاي كادىرلار شۆيۈەنىگە بېرىپ، ئېيىغا 3000 يۈەن كىرىم قىلىدىغان ئوقۇتقۇچى بولدى. فۇ جىڭنىڭ خىزمىتى ناھايىتى ئالدىراش، كادىرلار شۆيۈەنىدە كۇرسانتلارنى تەربىيەلىگەندىن باشقا، ئۇ يەنە بىر نەچچە خىزمەتدىشى بىلەن بىللە كۆكتوقايدىكى كونا ھېكايىلەرنى يىغىپ رەتلەيدۇ.

  4- ئاينىڭ 24- كۈنى كەچ سائەت 11دىن ئاشقاندا، كۇرسانتلارنىڭ ھەممىسى ئارام ئېلىۋاتاتتى، فۇ جىڭ بىلەن بىرنەچچە ياش خىزمەتدىشى يەنە كادىرلار شۆيۈەنىنىڭ ماتېرىيال بۆلۈمىدە ئەن گۈيخۇەي ئەسلىمىسىنىڭ قول يازمىسىنى رەتلەۋاتاتتى.

  «سىز ئەمدى كەلمىسىڭىز، سىزنى ئاپام دېمەيمەن!» زىيارەت داۋامىدا، فۇ جىڭنىڭ ئۈچ ياشلىق ئوغلى ئۈندىداردا ئۇنىڭغا شۇنداق دېگەنىدى، شۇ ھامان ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلدى.

  «سىز كۈندە مۇشۇنداق ئىشلىسىڭىز چارچامسىز؟» سورىدى مۇخبىر.

  «چارچايمەن، ھەقىقەتەن چارچايمەن، بىراق، مەن بۇ ئىشلارنى قىلسام غەيرەتكە تولىمەن، كۆڭلۈم شۇنداق توق تۇرىدۇ!» فۇ جىڭنىڭ ئېيتىشىچە، «3- ئەۋلاد كانچى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ قەلبىدە گويا بىر سادانىڭ داۋاملىق چاقىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدىكەن، ئۇ كۆكتوقاينىڭ ئۇزاق يىللىق ئاشۇ كۈرەش تارىخىغا مەستخۇش بولۇپ، كۆكتوقاينىڭ شۇنچە نۇرغۇن تىللاردا داستان بولغىدەك ھېكايىلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىققاندا، قەلبىنىڭ پاكلانغانلىقىنى ھېس قىلىدىكەن.

  فۇ جىڭنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن دوستلىرى ئۇنى «كالۋا»، شۇنداق ياخشى خىزمەتتىن ۋاز كېچىپ، كۈندە كۆكتوقاينىڭ كونا ھېكايىلىرىنى يىغىدۇ، رەتلەيدۇ، سۆزلەيدۇ، دېيىشتى. «مەن كۆكتوقايدىكى سېپى ئۆزىدىن كالۋا بولۇپ، بۇ يەردىكى ھېكايىلەرنى ئاز - ئازدىن قېزىپ چىقىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە سۆزلەپ بېرىشنى ئويلايمەن!»

  «ھازىر بېشىمنى ئەڭ قاتۇرىدىغىنى، مېنى ئەڭ تىت - تىت قىلىدىغىنى، كۆكتوقايدىن ئىبارەت بۇ كىچىك بازارنىڭ ھېكايىسى بەك كۆپ، بەك كۆپ ئىكەن. <1 - ئەۋلاد كانچى>لاردىن ياشانغانلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى يوق، بىز يېتىشەلمەيۋاتىمىز، زېھنىمىز چەكلىك، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، پەقەتلا قىلىپ بولالمايۋاتىمىز. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ مەنىۋى بايلىقلىرىغا تېخىمۇ كۆپ كىشى ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك» دېدى فۇ جىڭ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: بىر دۆلەت، بىر مىللەتتە روھ بولمىسا بولمايدۇ، دېگەنىدى. باقىتبېك، فۇ جىڭ ۋە تەن شېڭلىلار بۇ چەت، ياقا كۆكتوقاي كىچىك بازىرىدا زور ئىجتىھات بىلەن روھ قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇل خىزمىتىنى ئىشلىمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە