ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىدا 10 مىڭ توننىلىق يۈك پويىزىنىڭ دائىملىق قاتنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2019.05.12 17:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5- ئاينىڭ 11- كۈنى، كورلا ۋوگزالىدا W82523- قېتىملىق يۈك پويىزى يولغا چىقىش تەييارلىقى قىلماقتا. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئېغىرلىقى 10 مىڭ توننىغا يېتىدىغان W82523- قېتىملىق يۈك پويىزى كورلا ۋوگزالىدىن ئاستا - ئاستا قوزغىلىپ، ئاقسۇ ۋوگزالىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى، بۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىدا 10 مىڭ توننىلىق يۈك پويىزىنىڭ دائىملىق قاتنىشىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
  تۆمۈريول تارمىقىدىكىلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولىدا 3- ئايدا 10 مىڭ توننىلىق سىناق پويىزى قاتناشنى باشلىغان ھەم 5- ئايدا 10 مىڭ توننىلىق يۈك پويىزى رەسمىي قاتناپ، كورلا - قەشقەر، ئاقسۇ - قەشقەر قاتارلىق بۆلەكلەردە دائىملىق قاتناشنى باشلىغان، پىلان بويىچە، كۈندە بىردىن ئىككىگىچە پويىز قاتناپ، يولۇچى ۋە يۈك پويىزلىرىنىڭ راۋان قاتنىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى (دىڭ لېي فوتوسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە