ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

قۇبۇق دەرياسى بويىدا پورەكلەپ ئېچىلغان ئىتتىپاقلىق گۈللىرى

گېزىتىمىزنىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى چېن چېن، جېن شىشىن، يۈ يىچاڭ

2019.05.11 16:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان قۇبۇق دەرياسى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنى باقماقتا، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاكا - ئىنى، ئاچا - سىڭىللارنىڭ خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دوستلۇق مېھرىگە گۇۋاھ بولماقتا.

  قۇبۇقسار بازىرىدىكى موڭغۇل ئاھالە ئۇلۇمسەن دائىم مۇنداق دەيدۇ: قوشنىلار ئىتتىپاق ئۆتسە، بىر بىنادىكىلەر ئىتتىپاق ئۆتەلەيدۇ؛ قورۇدىكى ئاھالىلەر ئىتتىپاق ئۆتسە، بىر مەھەللىدىكىلەر ئىتتىپاق ئۆتەلەيدۇ.

  بۇلتۇرقى بىر قېتىملىق باھالاشتا، ئۇلۇمسەن ئولتۇرۇشلۇق بايىنشىرگ مەھەللىسىدىكى 11- بىنا ناھىيە دەرىجىلىك «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ياخشى بىنا» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. «بۈگۈنكى كۈندە، مەھەللىمىز پۈتۈن ناھىيە بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيە بازىسىغا ئايلاندى.» 5- ئاينىڭ 9- كۈنى، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ لىپىڭ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر نۇرغۇن مەھەللە بىزنىڭ ياخشى ئۇسۇلىمىزنى ئۆگىنىۋاتىدۇ».

   يەسلىدىكى «مېھرىبان ئانىلار»

  قۇبۇقسار بازارلىق يەسلىدە يەتتە مىللەتتىن بولغان 226 بالا ئوقۇيدۇ، نۇرغۇن بالا بايىنشىرگ مەھەللىسىدىن كەلگەن؛ 31 ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىمۇ كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان.

  مۇشۇنداق چوڭ كوللېكتىپتىكى كىچىك دوستلار ئارىسىدا، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ھېكايىلىرى كۈندە يۈزبېرىپ تۇرىدۇ.

  ئىككى يىل ئىلگىرى، يەسلى چوڭ 1- سىنىپىدىكى قازاق قىزچاق ئاسلاي دامۇنىڭ ئانىسى كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغانىدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، موڭغۇل ئوقۇتقۇچى ئوتخون ئاسلاينىڭ كەيپىياتى ناچار چاغلاردا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بىللە تاماق يەپ، ئۇنى پەپىلەپ ئۇخلىتىپ، ئۇنى ئۆز قىزىدەك كۆرۈپ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.

  ئالاقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاسلاي كۆڭلىدە ئوتخوننى ئانام دەپ بىلدى، ئۇنى كۆرسىلا قۇچاقلاپ، دائىم سۆيۈپ قوياتتى. ئاسلاينىڭ خۇشال بولۇپ كۈلۈمسىرىگىنىنى كۆرگەندە، ئوتخونمۇ ئەگىشىپ كۈلۈمسىرەيتتى. «ئاسلاي بىلەن <ئانا - بالا> بولۇش مەن ئۈچۈن ئەڭ تەلەيلىك ئىش. مەن بۇنى قەدىرلەپ، ئاسلاينىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمەن». ئوتخون مۇنداق دېدى: «مەھەللىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى ناھايىتى كۆپ، مەنمۇ بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم».

  «بايىنشىرگ مەھەللىسىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتى ناھايىتى قويۇق، بۇ ھەر ۋاقىت ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلارغا ئۈلگە بولۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، يەسلىدىكى 31 ئوقۇتقۇچى <مېھرىبان ئانا> بولۇشقا تىرىشىپ، ئوتخونغا ئوخشاش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پۈتۈن زېھنى بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە» دېدى قۇبۇقسار بازارلىق يەسلىنىڭ يەسلى باشلىقى ياڭ جىڭ.

   مەھەللىدىكى ئاچا - سىڭىللىق مېھرى

  قۇبۇقسار بازىرى بايىنبۇلاق مەھەللىسىدە 1400دىن كۆپرەك ئائىلە، 4000 ئادەم بار بولۇپ، موڭغۇل، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان. بايىنبۇلاق مەھەللىسىنىڭ 1- شۇجىسى ما چۇنلۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەھەللە نۆل ئارىلىق مۇلازىمەت، پىدائىيلار مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش، مېھىر - شەپقەت مىكرو ھەرىكىتى قاتارلىق سەككىز سۇپا قۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

  مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نارىنخۇا موڭغۇل مىللىتىدىن. تۆت يىلدىن بۇيان، ئۇ ئۇيغۇر بىنا باشلىقى ئايپاشا قۇربانجان بىلەن ھەم خىزمەتتىكى ياخشى ھەمراھ، ھەم تۇرمۇشتىكى ياخشى ئاچا - سىڭىل بولۇپ كەلدى.

  2017- يىلى 1- ئايدا، ئايپاشا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلدى. ئوپېراتسىيەگە كېتىدىغان نۇرغۇن خىراجەت ئەسلىدىنلا قىيىنچىلىقى بار ئايپاشا ئۈچۈن ئېيتقاندا غەم ئۈستىگە غەم قوشتى. نارىنخۇا بىرىنچى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى. مەھەللىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، نارىنخۇا ئايپاشا ئۈچۈن پائال داۋالاش قۇتقۇزۇش ياردىمى ئىلتىماس قىلىپ، ناھايىتى تېزلا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقىغا ئېرىشتى.

  نارىنخۇا قۇتقۇزۇش ياردەم پۇلى، ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، يەنە بىر قېتىم ئايپاشانىڭ ئۆيىگە باردى، ئۇ ئايپاشاغا مۇنداق دېدى: «ئاچا، سىز چوقۇم روھىي ھالىتىڭىزنى تەڭشەپ دوختۇرنىڭ داۋالىشىغا ماسلىشىڭ، مەن تېخى سىز بىلەن بىللە خىزمەت قىلىشنى ساقلاۋاتىمەن!»

  بۈگۈنكى كۈندە، مەھەللە قورۇسىدا ئاھالىلەر سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئايپاشا بىلەن نارىنخۇانىڭ بىللە ئاممىنى زىيارەت قىلىۋاتقانلىقىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىدۇ. «سىڭلىم نارىنخۇانىڭ ماڭا قىلغان غەمخورلۇقىنى ئۇنتۇمايمەن، مەھەللە خىزمىتى ئۈچۈن چوقۇم بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشىمەن» دېدى ئايپاشا.

  بايىنبۇلاق مەھەللىسى ھەر دۈشەنبە كۈنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىپ، دۆلەت شېئىرى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن، دائىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى تىپىك شەخسلەرنى سەھنىگە چىقىپ مىكروفوننى قولىغا ئېلىپ، ئەتراپىدىكى كىشىلەر، ئەتراپىدىكى ئىشلارنى سۆزلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. مەھەللە كادىرلىرىنىڭ تەسىرىدە، مەھەللىدىكى 127 ھەر مىللەت كادىر 130 نامرات ئاھالە بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تېخىمۇ رەڭدار ئېچىلدۇردى.

   قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ياخشى تۇغقانلار

  بايىن ئوبا يېزىسىدا موڭغۇل، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق بەش مىللەت كەنت ئاھالىسى ياشايدۇ. يېزىلىق پارتكوم بايىنشىرگ مەھەللىسىنىڭ تەجرىبىسىنى ئۆگىنىپ، «بۇ مۇساپىدە سىزنىڭمۇ بولغىنىڭىزغا رەھمەت» قاتارلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى باش تېمىسىدىكى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇردى.

  يېزىلىق پارتكوم «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 198 كادىرنى پۈتۈن يېزىدىكى 198 نامرات ئائىلە بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىشقا تەشكىللەپ، «تۇغقانلىشىش + نامراتلارنى يۆلەش» پائالىيىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشنى ئالغا سىلجىتتى.

  بايىن ئوبا يېزىسىنىڭ كېلىغانات كەنتى ئاپتونوم رايون بويىچە نامراتلارنى يۆلەش - روناق تاپقۇزۇشتىكى نۇقتىلىق كەنت، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تۇغقانلاشقان 13 ئائىلىنىڭ ھەربىرىگە 200دىن چارتوخۇ، 20دىن تۇخۇم توخۇسى، ئوندىن غاز ۋە 250 كىلوگىرامدىن يەم - خەشەك تارقىتىپ بەردى ھەم باقمىچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، تۇغقانلاشقان ئائىلىلەرنى قاراشنى ئۆزگەرتىش، ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بېيىش ماھارىتىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  كەنت ئاھالىسى باغداۋلەت قالالبېك ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە. 2017- يىلىنىڭ يىل بېشىدا، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى گۇەن خەيتيەن باغداۋلەت بىلەن تۇغقانلاشتى. باغداۋلەت ئائىلىسىنىڭ 18 يەرلىك نەسىللىك كالىسى بولسىمۇ، ئىنەكلەرنىڭ بوغاز بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، بىر يىلدا ئاران بىر نەچچىنىلا موزايلايتتى. «ئىنىم، كالىنى بۇنداق باقساڭ بولمايدۇ، چوقۇم نەسىللىك كالا كىرگۈزۈپ نەسىلنى ياخشىلاش كېرەك.» گۇەن خەيتيەن باغداۋلەتكە مۇنداق دېدى: «مەن 6000 يۈەن چىقىراي، بۇنىڭغا ئىلتىماس قىلغان نامراتلارنى يۆلەش ياردەم مەبلىغىنى قوشۇپ، دەرھال بېرىپ نەسىللىك كالا سېتىۋال».

  بۇلتۇر 6- ئايدا، گۇەن خەيتيەن باغداۋلەتنى باشلاپ تارباغاتاي ۋىلايەتلىك نەسىللىك كالا فېرمىسىغا بېرىپ، بىر نەسىللىك كالا سېتىۋالدى. «بۇ يىل 5- ئايدىن باشلاپ، ئۆيۈمدىكى ئالتە ئىنەك ئارقا - ئارقىدىن موزايلايدۇ.» باغداۋلەت كۈلۈمسىرىگەن ھالدا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «گۇەن ئاكامنىڭ ياردىمىدە ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ».
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان