ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونىمىز «پىكىر» ئېلان قىلىپ

پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلدى

2019.05.11 16:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «پۇل مۇئامىلىنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، دىققەتنى پۇقراۋى كارخانىلار، بولۇپمۇ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارغا قارىتىلغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتتى.

  «پىكىر»دە پۇقراۋى كارخانىلارغا قارىتىلغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلىكىنى ئۆستۈرۈش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىدىكى توسالغۇنى راۋانلاشتۇرۇش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئوبوروت خەتىرىنى تۈگىتىش قاتارلىق بەش جەھەتتىكى 13 كونكرېت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  پەرقلىق كىرېدىت سىياسىتى جەھەتتە، «پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىنىڭ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىپ قوللاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى قوللايدىغان، كىچىك كارخانىلارنى قوللايدىغان تەكرار قەرز پۇل، تەكرار دىسكونت ۋە ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مەبلىغىدىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، پۇقراۋى كارخانىلارغا كىرېدىت تارقىتىشنى كېڭەيتىشى كېرەك. 2019- يىلى، 5 مىليارد يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان تەكرار قەرز پۇل، تەكرار دىسكونت نورمىسىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ.

  بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە، «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ كارخانىلارنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش سىياسىتىدىكى يېتەكلەش مەخسۇس تۈر مەبلىغىدىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنى ئاساسىي بۆلەك، ئىگىلىك تىكلەش بۆلىكى، يېڭى ئۈچ بۆلەك، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بۆلىكى، دۆلەت (چېگرا) سىرتىدا پېيىنى بازارغا سېلىش قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرىدا پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە ئۇنى يېتىشتۈرۈشى؛ تۈزۈمىنى ئۆزگەرتكەن، يېتەكلەپ ئەنگە ئېلىنغان، ۋىۋىسكا ئاسقان، پېيى بازارغا سېلىنغان ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەن كارخانىلارغا قارىتا، مەخسۇس تۈر مەبلىغى بىلەن مۇكاپاتلاش ئۆلچىمى بويىچە ئايرىم - ئايرىم 200 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگىچە بىر قېتىملىق ياردەم پۇلى بېرىشى؛ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ كارخانا زايومى، شىركەت زايومى تارقىتىشى ھەمدە بانكىلار ئارا بازار قەرزى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قورالى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ خۇسۇسىي قەرزى، ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان قەرز قاتارلىق قەرز ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىشىنى قوللىشى كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۇقراۋى ئىگىلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش + 3 + 3 + 1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى ئىگىلىكنى پۇختىلاپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى رىغبەتلەندۈرۈشى، قوللىشى، يېتەكلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىشى ۋە ياخشىلىشىغا ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش سۈپەت ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان