ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

بىڭتۇەننىڭ 1- پەسىللىك ئىقتىسادىنىڭ باشلىنىشى تەكشى، مۇقىم بولدى

ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر كۆزلىمىدىن ياخشى بولدى

2019.05.11 16:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋيەننىڭ بىڭتۇەن ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، بىڭتۇەن ئىقتىسادى 1- پەسىلدە تەكشى، مۇقىم باشلىنىپ، ئىشقا ئاشۇرغان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 35 مىليارد 170 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر كۆزلىمىدىن ياخشى بولۇپ، ئاكتىپ ئامىللار جۇغلانغان، بازار ئىشەنچى كۈچەيگەن، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاشقان.

  1- پەسىلدە، بىڭتۇەن ئىقتىسادىدا يۈرۈشۈش تەكشى، مۇقىم بولۇش، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش، ھاياتىي كۈچ ئېشىشتەك ئالاھىدىلىكلەر نامايان بولغان. بىڭتۇەن شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى بويىچە، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، شەكىلنى ئۆزگەرتىش، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولغان، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەيدىغان يۈزلىنىشنى ساقلىغان.

  دەسلەپكى ھېسابلاشتا، 1- پەسىلدە بىڭتۇەننىڭ ئۈچ كەسپى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىگەن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى مۇقىم بولغان، ئىشقا ئاشۇرغان دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 6 مىليارد 242 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئاشقان. سانائەتنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يۇقىرى بولغان، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى 12 مىليارد 573 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2 ئاشقان. كۆلەمدىن يۇقىرى مۇلازىمەتچىلىك كارخانىلىرى ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 2 مىليارد 983 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.6 ئاشقان.

  سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش شىددەت بىلەن ئاشقان. سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىنغان تۈر 753، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 23 مىليارد 895 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %107.8 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تۈر 412، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 12 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %178 ئاشقان؛ داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرى 341، ئەمەلىيلەشكەن مەبلەغ 11 مىليارد 395 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %76.8 ئاشقان.

  دۆلەت ئىلكىدىكى پېيى كونترول قىلىنىدىغان كارخانىلارنىڭ تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كۆرۈنەرلىك بولغان، دۆلەت ئىلكىدىكى پېيى كونترول قىلىنىدىغان كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 5 مىليارد 240 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشقان؛ كۆلەمدىن يۇقىرى كىچىك، مىكرو سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 4 مىليارد 140 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.8 ئاشقان.

  مۇلازىمەت كەسپى ئىشقا ئاشۇرغان قوشۇلما قىممەت 17 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.6 ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %72.9كە يەتكەن. ساياھەتچىلىك چوڭ تەرەققىياتنى كۈتۈۋالغان، ساياھەتچىلىكتە كۈتۈۋېلىنغان ئومۇمىي ئادەم سانى 3 مىليون 720 مىڭ ئادەم قېتىم، ساياھەت كىرىمى 2 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %51.5، %64.2 ئاشقان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان