ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايون ئادەتتىكى سودا - سانائەت ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنى تۆۋەنلەتتى

ئالاقىدار خېرىدارلار ھەر يىلى توك ھەققى چىقىمىنى 400 مىليون يۈەنگە يېقىن تېجەپ قالالايدۇ

2019.05.11 16:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئادەتتىكى سودا - سانائەت ساھەسىدە ھەم باشقا تۈرلەرگە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى سودا - سانائەت ساھەسىدە ھەم باشقا تۈرلەرگە ئىشلىتىلىدىغان توكنىڭ سېتىلىش باھاسى ھەر كىلوۋات سائەتنىڭ 0.02361 يۈەن تۆۋەنلىتىلدى، ئادەتتىكى سودا - سانائەت ساھەسى ھەم باشقا توك ئىشلىتىش تۈرلىرىگە چېتىلىدىغان توك يەتكۈزۈش - تەقسىملەش توك باھاسى مۇناسىپ تۆۋەنلىتىلدى. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئادەتتىكى سودا - سانائەت ساھەسىدە ھەم باشقا تۈرلەرگە ئىشلىتىلىدىغان توكنىڭ سېتىلىش باھاسى ۋاقتىنچە تەڭشەلمىدى، يەنىلا ھەر كىلوۋات سائەت 0.45 يۈەن بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. بىڭتۇەن تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ باھا تۆۋەنلىتىش لايىھەسىدىن پايدىلىنىپ، بىڭتۇەن ئېلېكتىر تورىنىڭ ئادەتتىكى سودا - سانائەت ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ يولغا قويىدۇ. قاراماي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى نېفىت ئېلېكتىر تورىنى دۆلەتنىڭ ئادەتتىكى سودا - سانائەت ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتى ۋەزىپىسىنى ماس قەدەمدە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ. شىنجاڭ يىخې ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى سودا - سانائەت ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىش تەلىپى بويىچە ئىجرا قىلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى توك باھاسىنى تەڭشەش سىياسىتى 2019- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. 4- ئايلىق توك ھەققىنى تاپشۇرۇپ بولغان خېرىدارلارغا ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى 4- ئايدىن باشلاپ ئەمەلىي تەكشۈرۈپ خاتىرىلەنگەن توك مىقدارىنى پەرقلىق توك ھەققىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلاپ قايتۇرىدۇ.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ 1- تۈركۈمدىكى باھا تۆۋەنلىتىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىز ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ چىقارغان بوشلۇقنىڭ ھەممىسىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى سودا - سانائەت ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان توكنىڭ سېتىلىش باھاسى ھەم توك يەتكۈزۈش - تەقسىملەش توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىشكە ئىشلىتىدۇ. باھا تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى سودا - سانائەت ساھەسى ھەم باشقا تۈرلەرگە ئىشلىتىلىدىغان توكنىڭ توك بېسىمى دەرىجىسىنى ئايرىش مۇندەرىجىسى بويىچە توكنىڭ سېتىلىش باھاسى 0.4578- 0.4508 يۈەن كىلوۋات سائەت (باجنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) بولۇپ، ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش نىسبىتى %4.94 بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىچە %10 تۆۋەنلىتىش نىشانىنىڭ يېرىمىگە يېقىنىنى تاماملايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 812 مىڭ 700 ئادەتتىكى سودا - سانائەت ساھەسى ھەم باشقا تۈردىكى خېرىدارلار باھانى تۆۋەنلىتىش پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇپ، ھەر يىلى 400 مىليون يۈەنگە يېقىن توك ھەققى چىقىمىنى تېجەپ قالالايدۇ.

  ئادەتتىكى سودا - سانائەت ساھەسىنىڭ توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتى بۇ يىل گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توك باھاسى قوشۇمچە ھەققىنى ئېنىقلاپ، ياسىمىچىلىقنىڭ توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئادەتتىكى سودا - سانائەت ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان توكنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسىنى يەنە %10 تۆۋەنلىتىش» ئىسلاھات نىشان - ۋەزىپىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شۇنداقلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش، تۈزەش، ھەقنى ئېنىقلاش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلاردىكى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتلىرى، ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرىغا پائال ماسلىشىپ، بارلىق توك يەتكۈزۈش - تەمىنلەش سۇبيېكتلىرىنىڭ بەلگىلىمىدىكى ئۆلچەمگە ھەم ئىجرا قىلىش ۋاقتىغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ھالدا توك باھاسى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، باھانى تۆۋەنلىتىش پايدىسىنى تېرمىنال خېرىدارلارغا ۋاقتىدا، تولۇق سوممىسى بىلەن تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.

  كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ 2- تۈركۈمدىكى ئادەتتىكى سودا - سانائەت ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىش بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئادەتتىكى سودا - سانائەت ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسىنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان