ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

تارىم دەرياسى «يېشىل كارىدور»ىنىڭ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىش خاتىرىسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋلۇڭ، لى جىخاۋ، ئامان

2019.05.11 16:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئەتىيازنىڭ ئاخىرى، يازنىڭ بېشىدا، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى قۇرغاق بوستانلىقلاردا ئاندا - ساندا قۇم - بوران چىقىپ تۇراتتى، ئەمما كىشىلەر «قارا بوران» توغرىسىدىكى ئەسلىمىلەرنى بارا - بارا ئۇنتۇماقتا ئىدى.

  جۇڭگودىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئەگرى - بۈگرى سوزۇلغان تارىم دەرياسى قۇملۇق بىلەن بوستانلىقنىڭ چېگراسى ھېسابلىنىدۇ. دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا شۇ جايدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن «قارا بوران» دەپ ئاتالغان ئالاھىدە كۈچلۈك قۇم - بوران نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئۈزۈلمەي چىققانىدى.

  «بوران چىققاندا ھېچنېمىنى كۆرگىلى بولمايتتى، بوران توختىغاندا ھېچنېمە قالمايتتى.» 74 ياشلىق ۋاڭ جيەنبېن قولى بىلەن كۆزەينىكىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ، 50 يىل بۇرۇنقى ئىشلارنى ئەسلىدى، ئاڭلىغۇچىلار خۇددى ئاشۇ قارا كۆزەينەكتىن «قارا بوران»نىڭ يەر - جاھاننى قاپلاپ باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بولدى.

  «قارا بوران» يالماپ يۇتۇۋالغانلاردىن يەنە تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تېرىقچىلىق بىلەن كۈن كەچۈرەتتى. «زور كۆلەمدىكى مايسىنى بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەچكە، 5- ئايغىچە، دېھقانلار دائىم ئۈچ - تۆت قېتىم تەكرار تېرىيتتى.» بىر ئۆمۈر سۇ قويۇپ بەرگۈچى بولغان ۋاڭ جيەنبېن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدا دېھقانلار بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى «مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەي جەڭ قىلىش»نىڭ گۇۋاھچىسى بولدى.

  چارا (تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىنىڭ يۇقىرى بۆلىكى)دىن تېتىما كۆلى (تارىم دەرياسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى كۆل)گىچە، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنى بويلاپ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 400 كىلومېتىر كېلىدىغان، قاپلاش كۆلىمى 4000 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان چۆل ئۆسۈملۈكلىرى بەلبېغى بار ئىدى.

  تارىم دەرياسى ھەۋزىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئۆمەرجان ئوبۇل مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: دەريا سۈيى بىلەن سۇغىرىلغان توغراقلىق، يۇلغۇن، سۆكسۆك شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ سوزۇلغان، تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن قۇرۇق تاغ قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىنى مەھكەم توسۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق «يېشىل كارىدور» ئىدى.

  ئەمما، نەچچە ئون يىلدا ھەۋزىدىكى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ يەر ۋە سۇغا بولغان ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. زور كۆلەمدە بوز يەر ئېچىش، تەرتىپسىز سۇ ئىشلىتىش تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا قۇيۇلىدىغان سۇ مىقدارىنىڭ شىددەت بىلەن ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى يەر ئاستى سۈيى «زىيادە تارتىلىپ»، يەر ئاستى سۈيى ئون مېتىر تۆۋەنلەپ كەتتى، سۇ ئىچەلمىگەن توغراقلىق دائىرە بويىچە قۇرۇپ كېتىشكە باشلىدى. سۇ ئىشلىرى تارماقلىرىنىڭ بىر پارچە نەق مەيدان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنى بويىدىكى توغراقلىقنىڭ كۆلىمى 1958- يىلى 810 مىڭ موغا يەتكەن بولۇپ، 1978- يىلى 246 مىڭ موغا تارىيىپ كەتكەن.

  قۇم - بورانغا تاقابىل تۇرۇشتا، توغراقلىقنىڭ جەڭگىۋارلىقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ھالبۇكى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئېكولوگىيە بارغانسېرى ناچارلاشتى. 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىغا كەلگەندە، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا ئېقىن تەلتۆكۈس ئۈزۈلۈپ، «يېشىل كارىدور» يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. «<قارا بوران>لا ئەمەس، ھەتتا پۈتۈن قۇملۇق قىستاپ كېلەي دېدى، كۆچمە قۇم قۇرۇپ كەتكەن دەريا قىنىغا يېقىنلاشتى» دېدى 58 ياشلىق يەرلىك ئاھالە ليۇ سۇڭخۇي. ئۇ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، قۇملۇقنىڭ شەھەر - بازارغا، دەريا قىنىغا قىستاپ كېلىشى تۆۋەن ئېقىندا ئېقىن ئۈزۈلۈپ ئون نەچچە يىلدىن كېيىن يۈزبەرگەن.

  تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى ئەتراپىدىكى تاشيولغا يېقىن جايدا، 100 نەچچە ئورۇندا چوڭ، كىچىك قۇم بارخانلىرى بار، ئېگىزلىكى نەچچە ئون سانتىمېتىر كېلىدۇ، ھەتتا بىر مېتىردىن ئاشىدۇ، ئۇزۇنلۇقى ئون نەچچە مېتىردىن 200 مېتىرغىچە كېلىدۇ. تۆۋەنكى ئېقىن بويىدا تۇرىدىغان پۇقرالارنىڭ كۆڭلى دەككە - دۈككىگە چۈشكەن بولۇپ، تارقالغان گەپ - سۆزلەرگە قارىغاندا، بۇ ئەتراپ ئولتۇراقلىشىشقا ماس كەلمەيدىكەن، ئومۇميۈزلۈك كۆچۈرۈلىدىكەن.

  تارىم دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ ئاخىرقى ئۇچى بولغان تېتىما كۆلىنىڭ 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىكى كۆلىمى 80 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتكەن، 1972- يىلىغا كەلگەندە بىر تېمىممۇ سۇ قالمىغان.

  خەتەرلىك جىددىي پەيتتە، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بۇ يەرگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  2001- يىلى، ئومۇمىي سېلىنمىسى 10 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان تارىم دەرياسى ھەۋزىسىنى يېقىنقى مەزگىللىك ئۇنىۋېرسال تۈزەش تۈرى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىغا ئېرىشتى. سۇ تېجەش، تېرىلغۇدىن چېكىندۈرۈش بىلەن بىللە، شىنجاڭ دائىملىق قائىدىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تارىم دەرياسى ھەۋزىسىنىڭ سۇ بايلىقىغا قارىتا قاتتىق بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى يولغا قويدى.

  كۈچلۈك ھەۋزە باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، تارىم دەرياسى ھەۋزىسىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى پۈتۈن ھەۋزىنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قايتا تەرتىپكە سالدى، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىن ئارىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىشقا سۇ ئىشلىتىش زىددىيىتىنى پەسەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ سۇنى تېجەپ تۆۋەن ئېقىنغا ئون نەچچە قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بەردى. سۇ 30 يىلغا يېقىن قۇرۇپ قالغان تۆۋەن ئېقىندىكى كونا يولنى بويلاپ، قايتىدىن تارىم دەرياسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى تېتىما كۆلىگە قۇيۇلدى، بىر پارچە كۆل قۇملۇقتا قايتا پەيدا بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، تېتىما كۆلى سۇ يۈزىنىڭ ئەڭ چوڭ كۆلىمى 500 كىۋادرات كىلومېتىردىن كۆپرەككە يەتتى.

  تۆۋەن ئېقىندىكى دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى يەر ئاستى سۇ ئورنىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، خېلى كۆپ ساندىكى توغراقلىق قۇرۇپ كېتىش گىردابىدىن قايتا كۆكلەپ، ئەتراپتىكى بوستانلىق بىلەن پۇقرالارنى قايتىدىن قوغدىدى. پەن تەتقىقات تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋە ياخشىلىنىش كۆلىمى تەخمىنەن 2285 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، قۇملۇق يەر كۆلىمى 854 كىۋادرات كىلومېتىر ئازايغان.

  تارقىلىپ يۈرگەن كۆچۈرۈش يولغا قويۇلمىدى، ليۇ سۇڭخۇي بۈگۈنگىچە تۇغۇلغان جايىدا ياشىماقتا.

  نۆۋەتتە، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنى كېسىپ ئۆتكەندە، ھەر ۋاقىت يېشىللىقنى كۆرگىلى بولىدۇ، «قارا بوران»نىڭ ئىزناسىنى ئاللىبۇرۇن ئۇچراتقىلى بولمايدىغان بولدى. ۋاڭ جيەنبېن مۇنداق دېدى: «بۇ ئەسلىمىلەرنىڭ بىز بۇ بىر ئەۋلاد كىشىلەردە توختاپ قېلىشىنى، داۋاملاشماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن».

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 5- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان