ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ

2019.05.10 17:08 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5- ئاينىڭ 9- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار پەن جيې، ۋۇ يۆ) مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۈ لىن 5- ئاينىڭ 9- كۈنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلىدۇ. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ ھەم مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ باش تېمىسى «ئاسىيانىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى» بولۇپ، ئېچىلىش مۇراسىمى، پاراللېل شۆبە مۇنبەر، ئاسىيا مەدەنىيەت كاتتا مەرىكىسى، ئاسىيا مەدەنىيلىك ھەپتىلىكى پائالىيىتىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، چېتىلىدىغان ئالاقىدار پائالىيەت 110 تۈردىن ئارتۇق بولۇپ، ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ رەڭدار سېھرىي كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ چوڭقۇر ئاساسى تولۇق نامايان قىلىنىدىكەن.

  شۈ لىن مۇنداق دېدى: يىغىنغا كامبودژا، گىرېتسىيە، سىنگاپور، سىرى لانكا، ئەرمېنىيە، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى تەكلىپ قىلىندى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن - مەدەنىيەت تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىدۇ. ئاسىيادىكى 47 دۆلەت ھەمدە رايون سىرتىدىكى باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە مەدەنىيەت، مائارىپ، كىنو - تېلېۋىزىيە، ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ۋەكىللەردىن بولۇپ جەمئىي 2000دىن ئارتۇق ئادەم يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە شۆبە مۇنبەرلەرگە قاتنىشىدۇ.

  «يىغىن مەۋقەنى ئاسىياغا قويۇپ، دۇنياغا يۈزلىنىپ، ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى قاپلايدۇ، شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەرقايسى مەدەنىيلىككە ئېچىۋېتىلىپ، ھەممىنى قوبۇل قىلىدىغان، ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان مەدەنىيلىك ئىدىيەسىنى نامايان قىلىدۇ.» شۈ لىن مۇنداق دېدى: ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆھبىتى يىغىنىدىن ئىبارەت بۇ سۇپا ئارقىلىق، ئاسىيا ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى ياراتقان مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىگە يەنىمۇ ۋارىسلىق قىلىشنى ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ئاسىيا مەدەنىيلىك سۆزلىشىش يىغىنى بۇ يىل 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىدىن كېيىن، جۇڭگو ئۆتكۈزىدىغان يەنە بىر مەيدان مۇھىم دىپلوماتىيە پائالىيىتى بولۇپ، بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە خەلقئارالىق كاتتا مەرىكە، ئۇ ئاسىيا ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش جەريانىدا ئورتاق ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  شۈ لىن مۇنداق دېدى: يىغىندا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىنىش ئاساسىدا، مۇناسىۋەتلىك يىغىن ھۆججەتلىرى ئېلان قىلىنىدۇ، يىغىندا قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەر نامايان قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاراتقۇ، ئاقىللار ئامبىرى، ساياھەت، كىنو - تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردە بىرقاتار كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك تەشەببۇس، كېلىشىملەر ئىمزالىنىدۇ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈر نەتىجىلىرى ۋە تەتقىقات دوكلاتلىرى ئېلان قىلىنىدۇ، يىغىن نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولىدىغان كونكرېت ئەمەلىي تەدبىرلەر چىقىرىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە