ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى

بۇلتۇر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ھەرقايسى تۈردىكى ئوقۇغۇچىلارغا 4 مىليارد 400 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىلدى مەنپەئەتلەنگەن ئوقۇغۇچى 3 مىليون 60 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى

2019.05.10 17:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز رېن خۇانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات ئىشخانىسى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى زىچ چۆرىدەپ، مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ليۇ يۈگۇاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنۇلارنى دېدى: ئاپتونوم رايون دەل جايىدا سىياسەت تۈزۈپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى. «ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئوقۇغۇچى، قىيىنچىلىقتا قالغان ئوقۇغۇچى، مېيىپ ئوقۇغۇچى»دىن ئىبارەت تۆت تىزىملىك ۋە بىر خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ راست نام تۈزۈمىنى ناھىيەگىچە، يېزىغىچە، كەنتكىچە، مەكتەپكىچە، سىنىپقىچە، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە، مەبلەغ ياردىمىنىڭ تولۇق قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ساپ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.9كە يەتتى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ساپ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %99.3كە يەتتى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىغا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى %97.3كە يەتتى.

  ئاپتونوم رايونىمىز مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى. 2018- يىلى ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىي 4 مىليارد 870 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، «نامرات رايونلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش» ۋە «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»نىڭ مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا 3 مىليارد 350 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى.

  ئاپتونوم رايون يەنە تۈرلۈك مائارىپقا ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت يېتەكچى، مەكتەپ، جەمئىيەت تولۇقلىما قىلىنغان «ئۈچ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن» ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى، 2018- يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ھەر تۈردىكى ئوقۇغۇچىلارغا 4 مىليارد 400 مىليون يۈەن ياردەم مەبلەغ ئاجراتتى، مەنپەئەتلەنگەن ئوقۇغۇچى 3 مىليون 60 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويۇپ، مەكتەپ ئاشخانىسىدا تاماق بىلەن تەمىنلەش، كارخانىلار ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشتىن ئىبارەت تاماق بىلەن تەمىنلەش ئىككى خىل ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئوزۇقلۇق ئەتىگەنلىك (چۈشلۈك) تاماق، دەرس ئارىلىقىدىكى تاماق، تاماق ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت ئوزۇقلۇق تاماق بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 1 مىليون 310 مىڭ ئوقۇغۇچىنى نەپكە ئېرىشتۈردى.

  مائارىپ قوشۇنى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، ئاپتونوم رايون تەكلىپ قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، تەكلىپ قىلىش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ تەكلىپ قىلدى، 2018- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 58 مىڭ 800 ئوقۇتقۇچىنى تولۇقلىدى، مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىدىن 26 مىڭنى تاللاپ ئەۋەتتى. 2 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنى ھەل قىلىشقا مەخسۇس ئىشلەتتى؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 100 مىڭدىن ئارتۇق يېزا ئوقۇتقۇچىسىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بەردى.

  «كېيىنكى قەدەمدە، بىز نامرات رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلەندۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇش يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالماسلىقىغا، ئوقۇشتىن چېكىنمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىسىنىڭ غەلىبىلىك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى ليۇ يۈگۇاڭ.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە