ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

مېۋىچىلىك گۇرۇھى دېباڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشتى

شىنجاڭ يېڭى مېۋە - چېۋە توشۇشتىكى «ئەڭ ئالدىنقى بىر كىلومېتىر»نى تېز راۋانلاشتۇردى

2019.05.10 17:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 5- ئاينىڭ 9- كۈنى، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى دېباڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ شىنجاڭنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى يىغىش، سوغۇق زەنجىر تىرانسپورتى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىشىپ، توشۇشتىكى «ئەڭ ئالدىنقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇپ، يېڭى مېۋە - چېۋىلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە سىرتقا يەتكۈزۈلۈشىگە ھەمدەم بولىدۇ.

  ئۈچىنچى تەرەپ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدا 188 مىليارد 72 مىليون يۈەن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.07 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېزا تورىدا پارچە سېتىلىش سوممىسىدا 7 مىليارد 191 مىليون يۈەن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، %44.5 ئاشقان. شىنجاڭ يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىسى تېز تەرەققىي قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ياردەم بېرىشتىكى يېڭى يولغا ئايلانغان.

  دېباڭ تېز يەتكۈزۈش غەربىي شىمال كەسىپ بۆلۈمىنىڭ باش لىدىرى جاڭ بىن تونۇشتۇرۇپ مۇنۇلارنى دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دېباڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتى قۇرۇق مېۋە - چېۋە بازىرىنىڭ مال تاپشۇرۇۋېلىش نىسبىتىنى ئۇدا %60 لىك ئېشىش سۈرئىتىدە ساقلاپ، ھەر يىلى توشۇشنى ھۆددىگە ئالغان 60 مىڭ توننا شىنجاڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئىچكىرى جايلار ھەم دېڭىز بويىدىكى شەھەرلەرگە يەتكۈزدى. بۇ يىل دېباڭ شىركىتى شىنجاڭ يېڭى مېۋە - چېۋە بازىرىنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپ مىقداردا تىرانسپورت كۈچى، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ بايلىقىنى ئاجرىتىپ، شىنجاڭنىڭ مېۋە - چېۋىلىرىنى توشۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۈچىدى. يېڭى مېۋە - چېۋىلەرنى ئاۋىياتسىيە ئارقىلىق بىۋاسىتە تارقىتىش، پۈتۈن جەريانلىق سوغۇق ساقلاپ بىۋاسىتە تارقىتىش، ھاۋا، قۇرۇقلۇقتا بىرلەشمە توشۇش، كۆپ ئامباردا مال تارقىتىش قاتارلىق ئەندىزىلەرنى قوللىنىپ، ئۆلكە ئىچىدە 24 سائەتتە يەتكۈزۈشنى، پۈتۈن مەملىكەتتە 48 سائەتتىن 72 سائەتكىچە يەتكۈزۈشنى، بېيجىڭ، شاڭخەي، ۋۇخەن، نەنجىڭ، جېڭجوۋ، شىئەن، چېڭدۇ قاتارلىق جايلارغا ئاۋىياتسىيە ئارقىلىق توشۇپ، ئەتىسى يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لوۋ چاۋيىڭ مۇنداق دېدى: 2018- يىلى، مېۋىچىلىك گۇرۇھى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئاساسلىق باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى رايونىغا مەبلەغ سېلىپ توپ سېتىش سودا بازىرىدىن ئالتىنى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتىكى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى. بۇ قېتىم دېباڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىش بىر قىسىم يېڭى مېۋە - چېۋىلەرنى توشۇشتىكى «ئەڭ ئالدىنقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا يېڭى مەھسۇلات سېتىش يولىنى كېڭەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەرلىك دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، يېڭىساردىن چىقىدىغان ئۆرۈكنى مىسالغا ئالساق، قۇرۇتۇلىدىغان ئۆرۈكنىڭ ھەر كىلوگىرامى بىر يۈەندىن سېتىۋېلىنىدىكەن، ھالبۇكى، ئىچكىرىگە توشۇلىدىغان يېڭى ئۆرۈكنىڭ ھەر كىلوگىرامى سەككىز يۈەندىن سېتىۋېلىنىدىكەن، يېڭى مېۋە - چېۋىلەرنى توشۇشتىكى «ئەڭ ئالدىنقى بىر كىلومېتىر» راۋانلاشتۇرۇلسا، شۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ساۋ شياڭ مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق چوڭ تىپتىكى ئەشيا ئوبوروتى كارخانىسى دېباڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتى شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۈلگە كۆرسىتىش كارخانىسى بولغان مېۋىچىلىك گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېڭى مېۋە - چېۋە ئېلېكتىرونلۇق سودىسى بىلەن يېڭى مېۋە - چېۋە توشۇشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ توشۇش ئارىلىقى يىراق بولۇش، تەننەرخ يۇقىرى بولۇش قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توردا سېتىلىشىغا ھەمدەم بولۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، دېباڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ نۆۋەتتە 12 مىڭدىن ئارتۇق ئاپتوموبىلى، 200گە يېقىن پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىتىش مەركىزى، 2 مىليون كىۋادرات مېتىرغا يېقىن ئۆتەڭ مەيدانى مەشغۇلات كۆلىمى بار ئىكەن؛ مەملىكەت بويىچە 11 مىڭ تور نۇقتىسى، 2400گە يېقىن غول لىنىيەلىك تورى بار بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا - بازارلارنى قاپلاش نىسبىتى %94كە يېتىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە