ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى %84.8كە يەتكۈزۈلىدۇ

2019.05.10 17:01 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ليۇ شياڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىپ، تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى پۈتۈن جەريانلىق، ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنى %84.8كە، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنى %69كە يەتكۈزىدىكەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى سىجىل ئېشىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلات سۈپىتى ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەرەققىياتى ئومۇمىي جەھەتتىن تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن پۈتۈن جەريانلىق، ئومۇميۈزلۈك ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش تەڭ مەۋجۇت بولۇش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. 2018- يىلى، شىنجاڭدا 694 مىڭ تىراكتور، 1 مىليون 299 مىڭ (يۈرۈش) يۈرۈشلۈك دېھقانچىلىق سايمانلىرى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى %84.6كە يەتتى، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى %68كە يەتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش ئىنژېنېر پېي شىنمىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلىشىشىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماشىنىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

  «بۇغداي، كۆممىقوناق، پاختا، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، بېدە قاتارلىق ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئاچقۇچلۇق ھالقىلىرىنى چۆرىدەپ، نۇقتىلىق ھالدا پاختا يىغىش، كۆممىقوناق يىغىش، خاس دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى يىغىش ھەم ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى يىغىۋالغاندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىش، دەسلەپكى پىششىقلاش قاتارلىق ھالقىلارنىڭ ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەنئەنىۋى تېرىش، يىغىش ھالقىلىرىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا ئۇزارتىلىدۇ.» پېي شىنمىن مۇنداق دېدى: بىز شۇنىڭ بىلەن بىللە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق كەسىپلىرىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى پائال كېڭەيتىپ، خاس ئىقتىسادىي زىرائەتلەر ۋە باغ - ئورمانچىلىق، چارۋا باقمىچىلىقى، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى دەسلەپكى پىششىقلاش قاتارلىق ماشىنىلىشىشتىكى ئاجىز ھالقىلارنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ كۈچەيتىپ، ھەممىبابلىقى كۈچلۈك ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا ماشىنا ئىشلىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە