ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

قوش چاق بىلەن تۈرتكە بولۇش يېڭى بوشلۇق ئاچتى

− «1- ئاۋغۇست» پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش خاتىرىسى

مۇخبىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېي

2019.05.10 17:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  4- ئاينىڭ 29- كۈنى، شىنجاڭ گۆھەر زېمىن كەسىپ شەھەرچىسى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى(قىسقارتىلىپ گۆھەر زېمىن شىنجاڭ شىركىتى دېيىلدى)نىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ قۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن، جۇڭگو باۋۋۇ گۇرۇھى شىنجاڭدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باۋگاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر چەكلىك شىركىتى(قىسقارتىلىپ «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتى دېيىلدى) پولات - تۆمۈر ئاساسىي كەسپىنى باشقۇرۇش، گۆھەر زېمىن شىنجاڭ شىركىتى شەھەر يېڭى كەسىپلىرىنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت قوش چاق بىلەن تۈرتكە بولۇش يېڭى ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى.

  ئۇدا ئۈچ يىل زىيان تارتىشتىن 2017- يىلى زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرۇشقىچە ھەم 1 مىليارد يۈەن پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، ئاندىن 2018- يىلىغا كەلگەندە 1 مىليارد 40 مىليون يۈەن پايدا ئېلىشقىچە. قوش چاق بىلەن تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى خۇددى بىر كۈچلۈك موتوردەك «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتىنى قايتا تەرەققىيات تېز يولىغا سالدى.

   كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممەتنى ئۆستۈرۈش

  «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى شياۋ گودۇڭنىڭ ھازىرغىچە يەنىلا ئېسىدە، «ئەڭ كاسات مەزگىلدە، ھەر توننا پولات ماتېرىيالىنىڭ پايدىسى ئاران 1.6 يۈەن بولدى، باش ئىشتابنىڭ 8 مىليون توننىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئاران تۆتتىن بىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتى ھايات - ماماتلىق سىناققا دۇچ كەلگەنىدى».

  كەسكىن خىرىس ئالدىدا، ئاپتونوم رايون ۋە باۋگاڭ گۇرۇھىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىدا، «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتى كارخانىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىسلاھاتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قوش چاق بىلەن تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش − پولات - تۆمۈر يادرولۇق ئاساسىي كەسپىنى كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش، كۆپ مەنبەلىك كەسىپلەرنى تېز سۈرئەتتە راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇردى، بۇنىڭ بىلەن يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

  پولات - تۆمۈر ئاساسىي كەسپىدە، «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتى بازار يۆنىلىشىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، مەھسۇلاتلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتتى. «بىز ئەسلىدە دەسلەپكى قۇرۇلۇش ماتېرىيالى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلاتتۇق، لېكىن بازار رىقابىتى كەسكىن، پايدا ئاز بولدى. شۇڭا بىز ئۆز ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، تاختا ماتېرىيال، قېلىپلاشقان ماتېرىيال، ئەلا سۈپەتلىك پولات مەھسۇلاتلىرىنىڭ نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتتۇق» دېدى شياۋ گودۇڭ.

  5- ئاينىڭ 6- كۈنى، «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ قىزىق پىروكاتلانغان نېپىز پولات تاختا زاۋۇتىدا، ئىستانوكلار گۈرۈلدەپ، ئىسسىق ھارارەت ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، چوغ بولۇپ قىزىپ كەتكەن پولات تاختىلار ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئۇياقتىن - بۇياققا بېسىلىپ نېپىزلىتىلمەكتە ئىدى. «بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بىز ئىشلەپچىقارغان قىزىق پىروكاتلانغان يۆگەلمە تاختىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ھەر يىلى %15لىك سۈرئەت بىلەن ئاشتى ھەم تەمىنلەش تەلەپنى قاندۇرالمىدى. لايىھەدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 3 مىليون توننا بولۇپ، بۇ يىل مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 2 مىليون 800 مىڭ توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەندى» دېدى بۇ زاۋۇتنىڭ زاۋۇت باشلىقى گۇ شياۋلىن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتى ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، ئاقىل ياسىمىچىلىق، يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى، يۇقىرى قوشۇلما قىممەتكە ئىگە مەھسۇلاتلارنىڭ نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. 2018- يىلى، تاختا ماتېرىيال، قېلىپلاشقان ماتېرىيال، ئەلا سۈپەتلىك پولات مەھسۇتلىرىنىڭ ئومۇمىي سېتىلىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 2017- يىلىدىكى %59تىن %68كە ئۆرلىدى؛ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 2017- يىلىدىكى %39تىن %30كە تۆۋەنلىدى.

   تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تىجارەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش

  ئىگىلىك باشقۇرۇش جەھەتتە، «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتى پولات - تۆمۈر ئاساسىي كەسپىنى ئىخچاملاپ ساغلاملاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى.

  «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتى باش ئىشتابى باشلامچىلىق بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، باشقۇرۇش قاتلام - دەرىجىسىنى قىسقارتىپ، ئاپپاراتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ئىخچاملاپ، فۇنكسىيەلىك كەسىپلەرنى رەتكە سېلىش ئاساسىدا، باش ئىشتابنىڭ 19 فۇنكسىيەلىك تارمىقىنى بىرلەشتۈرۈپ 11گە قىسقارتتى. «شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز باش ئىشتابتىكى تارماقلارنىڭ فۇنكسىيە تىپىنى ئۆزگەرتىپ، يۇقىرى دەرىجىدە مەركەزلىك باشقۇرۇش - تىزگىنلەشتىن <سۇپا تەسىس قىلىش، قائىدە بېكىتىش، باھالاشنى باشقۇرۇش>قا قاراپ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق» دېدى شياۋ گودۇڭ.

  ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىدە، «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتى «كەسىپلەر مۇناسىۋەتلىك بولۇش، رايونلار يېقىن بولۇش، ئىش تەرتىپى ئۆزئارا ئۇلانغان بولۇش» ئاساسىي پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مەشغۇلات رايونى دەرىجىسى بويىچە ئاپپاراتلارنى بىرلەشتۈرۈش، خىزمەتلەرنى ئەلالاشتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، كەسىپ باشقۇرۇش قاتلىمىنى ئازايتتى، كەسىپلەرنى يولغا قويۇش تەرتىپىنى قىسقارتتى. سوغۇق پىروكاتلاش شۆبە زاۋۇتى كىسلاتالىق پىروكاتلاش مەشغۇلات رايونىنىڭ مەشغۇلات باشلىقى لى جىنباۋ بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلغان بولۇپ، مۇنداق دېدى: «مەشغۇلات رايونى بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەڭ چوڭ پايدىسى شۇ بولدىكى، مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلىدىغان ئىشلار ئازايدى. ئىلگىرى ئىشلەپچىقىرىش، ئۈسكۈنىدىن ئىبارەت ئىككى مەشغۇلات رايونى ماسلاشتۇرىدىغان، پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ ئىدى، ھازىر بىر مەشغۇلات رايونى قىلىپ بىرلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، قاتلامنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئۈنۈم تېخىمۇ يۇقىرى بولدى.» بۈگۈنكى كۈندە، سوغۇق پىروكاتلاش شۆبە زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى %60تىن ئارتۇق ئۆستۈرۈلدى.

  پولات - تۆمۈر ئاساسىي كەسپى خادىملىرىنىڭ ئىش ئورنى ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر. ھەربىر ئىشچى - خىزمەتچىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشلەشنى خالايدىغان ھەربىر ئىشچى - خىزمەتچىنى ئىش ئورنىغا ئىگە قىلىش «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ ۋەدىسى. «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتى كەسىپلەرنى ھۆددىگە ئېلىش، تېخنىكىدىن مەسلىھەت بېرىش، ئۇزاق مۇددەت يۆتكەپ ئىشلىتىش، تەكلىپ قىلىش قاتارلىق ئەندىزىلەر ئارقىلىق، ئەشيا ئوبوروتى، ئامباردا ساقلاش، ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، ئاسراش، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قوغداش قاتارلىق كۆپ خىل يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسىنى پائال قۇرۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يېڭى كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەشكىللەپ، تاشقى بازاردىن ئۈنۈم ياراتتى.

  2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ پولات - تۆمۈر ئاساسىي كەسپىدە، 8000دىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچىنىڭ ئىش ئورنى يۆتكىلىپ، تىپى ئۆزگەرتىلىپ، ئەمگەك ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى، ھەر توننا پولاتنىڭ بىرلىك ئادەم كۈچى تەننەرخى %40 تۆۋەنلىدى.

   كۆپ مەنبەلىك كەسىپلەرنى ئېچىپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش

  كۆپ مەنبەلىك كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى جەھەتتە، «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتى كەسىپ شەھەرچىسى ئورتاق يۇغۇرما بۆلىكى، خەلقئارا قۇرۇلۇش بۆلىكى، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - ساياھەت بۆلىكى، سانائەت تىجارىتى، يېشىل يەر - مۈلۈك، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ كەسىپ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئالتە چوڭ كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. «خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى سودىسىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۈچ يىل ئىلگىرى بىزنىڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى سودىمىزنىڭ سودا سوممىسى ئاران 1 مىليارد يۈەنلا ئىدى، بۇلتۇر 5 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزدۇق، 2020- يىلى 10 مىليارد يۈەنلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى شياۋ گودۇڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

  كۆپ مەنبەلىك كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش پولات - تۆمۈر ئاساسىي كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشتىن تەڭشەلگەن خادىملارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى چېن يەن ئىش ئورنى تەڭشىلىپ، ماتېرىيال تەقسىملەش ئىشچىسىغا ئايلاندى، تىرىشىپ ئىشلەش ئارقىلىق، ئۇ شىركەت تەرىپىدىن 2017- يىللىق ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولۇپ باھالاندى. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش مېنى كىشىلىك ھاياتىمنى جۇلالاندۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى».

  كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئارقىلىق، ھازىر «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتى ئاساسىي كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %65، كۆپ مەنبەلىك كەسپىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %35 بولدى. «بىزنىڭ نىشانىمىز كەلگۈسىدە كۆپ مەنبەلىك كەسىپلەرنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %50كە يەتكۈزۈش» دېدى شياۋ گودۇڭ. 2017- يىلى «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتى زىياننى پايدىغا ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. «كۆپ مەنبەلىك كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق ھەم پولات - تۆمۈر ئاساسىي كەسپىنى ئىخچاملاشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، ھەم <1- ئاۋغۇست> پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىر ئىشتىن كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق» دېدى شياۋ گودۇڭ.

  گۆھەر زېمىن شىنجاڭ شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشى مۇقەررەر يەنە «1- ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. «خەلقئارا قۇرۇلۇش ۋە زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن سىرت، باشقا تۆت بۆلەك گۆھەر زېمىن شىنجاڭ شىركىتىنىڭ بىرتۇتاش تىجارەت قىلىپ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، بۇ، <1- ئاۋغۇست> پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پولات - تۆمۈر ئاساسىي كەسپىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىشىگە پايدىلىق، يەنە بىر تەرەپتىن <گۆھەر زېمىن شىنجاڭ> ماركىسىنىڭ داڭقىنى چىقىرىپ، بىزنىڭ پولات - تۆمۈر ئاساسىي كەسپى بىلەن كۆپ مەنبەلىك كەسىپلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغىمۇ پايدىلىق» دېدى شياۋ گودۇڭ.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە