ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

دىققەتنى «تۆت مۇھىم نۇقتا»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

− ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرىنى چۈشەندۈردى

مۇخبىرىمىز رېن خۇا

2019.05.10 16:55 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مائارىپ دۆلەتنىڭ زور تەدبىرى. نۆۋەتتە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە، ئاخىرقى كۈچەش مەزگىلىگە كىردى. كېيىنكى باسقۇچتا، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى نېمە؟ «مەجبۇرىيەت مائارىپىدا كاپالەت بولۇش»نى چۆرىدەپ، قايسى جەھەتلەردە خىزمەت سالمىقى زورايتىلىدۇ؟ كەسپىي مائارىپنىڭ نامراتلارنى يۆلەش جەھەتتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا، ئاپتونوم رايون يەنە قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ؟ 5- ئاينىڭ 9- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ليۇ يۈگۇاڭ بۇ مەسىلىلەرنى چۈشەندۈردى.

   2020- يىلىغا بارغاندا، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلىدۇ

  2020- يىلىغا بارغاندا، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يەسلى يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئۈچ يىللىق يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %80 ئەتراپىغا يەتكۈزۈلىدۇ، توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى %95 ئەتراپىغا يەتكۈزۈلىدۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىغا كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %90كە يەتكۈزۈلىدۇ، ئالىي مائارىپقا كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %40كە يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي نىشانى.

  ليۇ يۈگۇاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى «تۆت مۇھىم نۇقتا»غا مەركەزلەشتۈرىدۇ، يەنى دىققەتنى نۇقتىلىق رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېغىر نامرات ناھىيە(شەھەر)لەر نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندا مائارىپنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا، كەينىگە سۆرىمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ دىققەتنى نۇقتىلىق ئوقۇش باسقۇچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىدا كاپالەت بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ دىققەتنى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيالىشى، ئوقۇيالايدىغان بولۇشى، نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالماسلىقى، ئوقۇشتىن چېكىنمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ دىققەتنى نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلىرى، بولۇپمۇ ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ.

  ليۇ يۈگۇاڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، بىز «تۆتنى كاپالەتلەندۈرۈش»نى ياخشى ئىشلەيمىز، يەنى ئوبيېكتنىڭ دەل جايىدا بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز؛ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش ۋە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمىز؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇشتىن قالغان ئوقۇغۇچى بولماسلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇشتىن قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بويىچە بىرلەشمە كاپالەتلەندۈرۈش، بىرلەشمە تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز؛ مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنىڭ ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، 2020- يىلىغا بارغاندا، نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى تۈپتىن توسۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

   يېزا - بازار ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ قۇرۇلۇشى نۇقتىلىق كۈچەيتىلىدۇ

  نامرات ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇيدىغانغا مەكتەپ بولۇش، ئوقۇيالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ يادروسى.

  «كېيىنكى باسقۇچتا، بىز مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىشىنى مۇۋاپىق پىلانلاش، مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئوقۇشتىن قېلىشنى تىزگىنلەش، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بويىچە بىرلەشمە كاپالەتلەندۈرۈش، بىرلەشمە تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، نامرات رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىغا ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلىك قىلىپ، نامرات رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى سۈپىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرىمىز» دېدى ليۇ يۈگۇاڭ.

  ئاپتونوم رايون يەنە يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش قۇرۇلۇشى، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تا مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، نىشانلىق ياردەم بېرىپ قۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ مەبلىغىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىرىشچانلىق - ئىقتىسادچىللىق بىلەن مائارىپ باشقۇرۇش ۋە «نېمە كەم بولسا، شۇنى تولۇقلاش» پىرىنسىپى بويىچە، يېزا - بازارلارنىڭ ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، بارلىق مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى مەكتەپلەرنىڭ «20 تۈرلۈك تۆۋەن چەك تەلىپى»نىڭ ئاساسىي مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىغا يېتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

   كەسپىي مائارىپ بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالمىقى زورايتىلىدۇ

  كەسپىي مائارىپ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتىن كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى تۇتاشتۇرۇشقىچە بولغان ۋاسىتە بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر ئۇچى مائارىپقا، يەنە بىر ئۇچى كەسىپكە تۇتىشىدۇ.

  ئاپتونوم رايون «دۆلەتنىڭ كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ جايلىشىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ نىسبىتى تۆۋەنرەك رايونلاردا كەسپىي مائارىپ بايلىقىنى نۇقتىلىق كېڭەيتىپ، نوپۇسى كۆپرەك ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ بىر ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇشىنى، نوپۇسى ئازراق ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بىر كەسپىي مەكتەپ ياكى تەربىيەلەش ئاپپاراتىنى ياخشى باشقۇرۇشىنى قوللاپ، نامرات ئائىلىلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھازىرقى ئالاھىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ بىرەر ماھارەتنى ئىگىلىشىنى قوللاپ، تىرىكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

  ليۇ يۈگۇاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايون يەنە كەسپىي مائارىپ بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ «قوش تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش» رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، «ۋاكالىتەن باشقۇرۇش، ياردەم بېرىش - يۆلەش» «ۋەزىپە بويىچە ياردەم بېرىش - يۆلەش» قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسپىي مائارىپىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش - يۆلەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە