ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى يېشىللىق قۇرۇلۇشى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى

− ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتتى

مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن

2019.05.07 15:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5- ئاينىڭ 6- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش 1- قارارلىق قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يۈرۈشلۈك ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى تۈر زاپىسى ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتىنى تاماملىغان، «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش (1- قارارلىق) قۇرۇلۇشى 2019- يىللىق يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ تاماملىغان. يولغا قويۇش لايىھەسىگە ئاساسەن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز 338 مىڭ ئائىلىلىك ئاھالىنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش خىزمىتىنى تاماملاشنى پىلانلىغان.

   ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست كۆمۈر كەمچىل رايونغا تەۋە، شەرقىي جۇڭغار، قومۇل قاتارلىق كۆمۈر چىقىدىغان جايلار بىلەن بولغان ئارىلىقى بىرقەدەر يىراق، توشۇش ئارىلىقى بىرقەدەر ئۇزۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىش پەسلىدە يامغۇر، قار قاتارلىق ھاۋارايى ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدە، توشۇش تەننەرخى ئۆرلەپ، كۆمۈرنىڭ ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلگەندىكى باھاسى نىسبەتەن ئۆرە بولدى. شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئامما ئىسسىنغاندا ئاساسلىقى كۆمۈرنى تارقاق قالاش، ئوتۇن قالاشقا تايىنىدۇ، كۆمۈر قالىغاندا خىراجەت كۆپ كېتىپلا قالماي، يەنە كۆمۈرنى تارقاق قالىغاندا ئاتموسفېرا مۇھىتىنى بۇلغايدۇ؛ ھالبۇكى ئوتۇن قالىغاندا يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، دەل - دەرەخلەر كېسىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاجىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ناھىيە - شەھەرلەردە كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئۆلچەش ۋە ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، كۆمۈر قالاپ ئىسسىنىشقا سېلىشتۇرغاندا، ئادەتتە دېھقان ئائىلىلىرى قىش پەسلىدە كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىپ ئىسسىنسا، ھەر يىلى 1000 يۈەن ئەتراپىدا چىقىمنى تېجەپ قالالايدىكەن.

  پۇقرالارنىڭ پۇلى تېجىلىپ قالدى، ئائىلىسىدە كۆمۈرنى دۆۋىلەپ قويۇپ قالىمايدىغان بولدى، كۈلنى بىر تەرەپ قىلمىسىمۇ بولىدىغان بولدى، مەيلى ئائىلىۋى تۇرمۇش كىچىك مۇھىتى بولسۇن ياكى كەنت، بازار چوڭ مۇھىتى بولسۇن ھەممىسى ياخشىلاندى. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، ئاممىنىڭ دەل - دەرەخنى كېسىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا كەلتۈرىدىغان بۇزغۇنچىلىقى ئازايدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسرالدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش خىزمىتىنى تېزلىتىش دۆلەتنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىشنى كېڭەيتىش سىياسەت تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاجىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراپ، پۇقرالارنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلىتىشكە پايدىلىق.

  كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىلىپ پاكىز ئىسسىنىش يولغا قويۇلسا، ئاھالىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە توك ئىشلىتىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، بۇ، ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ئۈچۈن غايەت زور خىرىس. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش يۈرۈشلۈك ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ئۈچ دەرىجىلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى مەخسۇس قۇرۇپ، خىللانغان قابىل كۈچلەرنى ئاجرىتىپ، كەسىپكە يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئەۋەتىپ قۇرۇلۇشنى نەق مەيداندا تەكشۈرگەن ۋە كەسىپكە يېتەكچىلىك قىلغان. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتىمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، شەرقىي قىسىمدىكى ئۆلكىلىك شىركەت قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنى ياردەم بېرىشكە، يۆلەشكە ماسلاشتۇرۇپ، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر نىجات ئىسمايىل مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش 1- قارارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلۇشى، توك ئىشلىتىش يۈكىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە شىركىتى بىلەن بازارلاشقان ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودا لايىھەسىنى تۈزۈپ، پاكىز ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش بويىچە بىۋاسىتە سودىلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

   ئاھالىلەرنى ئېلېكتىرلەشكەن يېڭى تۇرمۇشتىن بەھرىلەندۈرۈش

  كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئاممىنى تېخىمۇ راھەت، قولاي، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مۇلازىمىتىدىن بەھرىلەندۈرىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاستلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاھالىلەرگە توك پارنىڭ بىخەتەر، قولاي بولۇش، مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە تېجەش ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلىك تەشۋىق قىلىپ، دېھقانلارنىڭ تەننەرخ ھېساباتى، ئىقتىساد ھېساباتىنى ياخشى قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئاممىغا توك پار ئىشلىتىش ئارقىلىق چىقىمنى تېجىگىلى بولىدىغانلىقىنى، مەشغۇلاتنىڭ ئاددىي، قولاي ئىكەنلىكىنى، ۋاقىتنى، كۈچنى تېجىگىلى بولىدىغانلىقىنى، پاكىز، مۇھىت ئاسرايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توك پار ئىشلىتىش قاتارلىق ئېلېكتىرلەشكەن تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر، يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر لى خۇڭبىن مۇنداق دېدى: «بىز <يېزىلاردىكى تۇرالغۇ قۇرۇلۇشلىرىدا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشى تېخنىكا قوللانمىسى> <شىنجاڭنىڭ توك بىلەن ئىسسىنىش ئەسلىھەلىرىگە خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتى تېخنىكا بەلگىلىمىسى> قاتارلىق ئۆلچەملەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش بىلەن بىللە، يەنە پېتىنقى ئېلېكتىر ماگنىتلىق ئوچاق قاتارلىق ئاشخانا ئېلېكتىر ئەسلىھەلىرىگە تېخنىكىلىق تەلەپ قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ توك پارنى بىخەتەر، قولاي ئىشلىتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق».

  قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى پەرھات روزى مۇنداق دېدى: قەشقەر ۋىلايىتى بۇ يىل 5000دىن ئارتۇق كىشىنى كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشى ئاساسىي بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەشنى تاماملاپ، تەشۋىق قىلىش، سەپەرۋەر قىلىش خىزمىتىنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، سىياسەتنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، «بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش» «تۆتنى مۇھاكىمە قىلىش، ئىككىنى ئاشكارىلاش» قاتارلىق خىزمەت مېخانىزملىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقان ئائىلىلىرىنى پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەشنى پىلانلىدى.

   مەھسۇلات ۋە قۇرۇلۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش

  «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، توك پار مەھسۇلاتلىرىغا بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى ئاشتى، بىز كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىپ ئىسسىنىش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇشۇ جايدىكى كارخانىلار بىلەن ئىچكىرى جايلاردىكى چوڭ كارخانىلار بىرلىشىپ تىجارەت قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىپ ئىسسىنىش مەھسۇلاتلىرى جابدۇق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك، پۇختا، چىداملىق ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىمىز» دېدى نىجات ئىسمايىل.

  ئاپتونوم رايونلۇق بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شۈ شياۋنىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 3- ئايدىن بۇيان، ئىدارىمىز دۆلەت دەرىجىلىك نوپۇزلۇق ئاپپاراتلارنى باشلامچى بولۇشقا تەكلىپ قىلىپ، مەخسۇس بەن شەكىللەندۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشىغا تەتبىقلىنىدىغان تېخنىكا ئىشلىتىش ئۆلچىمىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزدى، ھازىر «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان گىرافىتلاشقان كاربون ئاساسىي تۈرىدىكى ئېلېكتىر رادىياتور ھەممىباب تېخنىكا شەرتى» «جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان گىرافىتلاشقان كاربون ئاساسىي تۈرىدىكى ئېلېكتىر رادىياتور كارخانىلىرى، زاۋۇتلىرىنىڭ سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى تەلىپى»نى شەكىللەندۈرۈپ، مەھسۇلاتلار جەزمەن ھازىرلاشقا تېگىشلىك بىخەتەرلىك ئىقتىدارى، ئىشلەپچىقىرىش تېخنولوگىيەسى، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق تەرەپلەردە كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «بىز كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش مەھسۇلاتلىرى ۋە قۇرۇلۇش سۈپىتىدىكى <ئىشتىن ئىلگىرىكى، ئىش داۋامىدىكى، ئىشتىن كېيىنكى> پۈتۈن زەنجىرلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىمىز». شۈ شياۋنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردىكى ئۆتكەللەرنى قاتتىق ئىگىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى، تەمىنلىگۈچى سودىگەرلەر ۋە پۇقرالارنى ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ساختىلىرىغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ناچارلىرىنى تۈزەپ، ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى تەلەپكە يەتمەسلىك، مەھسۇلات سۈپىتى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كەلمەسلىك، لاياقەتسىز مەھسۇلاتلارنى سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بازار تەرتىپىنى قوغداش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان