ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ 2019-يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى  ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ گۈزەل يەر شارى يۇرت - ماكانىنى ئورتاق قۇرۇشىنى تەكىتلىدى

2019.04.29 17:04 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  4- ئاينىڭ 28- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ يەنچىڭدا 2019- يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «يېشىل تۇرمۇشنى ئورتاق كۆزلەپ، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ( شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)
   ھازىر، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭگونىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈلۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش جۇڭگو خەلقى تەلپۈنىدىغان كۈرەش نىشانىغا ئايلاندى. جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىپ، ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرى تېخىمۇ سۈزۈك بولغان ھالەت ئۈزلۈكسىز ھالدا كىشىلەر ئالدىدا نامايان بولماقتا.

   يەر شارى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى بىردىنبىر يۇرت - ماكانى. بىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىمىز، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئاساسىنى بىرلىكتە سېلىپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا بىرلىكتە مېڭىشىمىز كېرەك. بىرىنچى، بىز ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقىغا ئىنتىلىشىمىز كېرەك. ئىككىنچى، بىز يېشىل تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشكە ئىنتىلىشىمىز كېرەك. ئۈچىنچى، بىز تەبىئەتنى قىزغىن سۆيۈش مۇھەببىتىگە ئىنتىلىشىمىز كېرەك. تۆتىنچى، بىز ئىلمىي تۈزەش روھىغا ئىنتىلىشىمىز كېرەك. بەشىنچى، بىز قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشقا ئىنتىلىشىمىز كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى،بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلار خەن جيې، ۋېي مېڭجيا، خوۋ شۆجىڭ) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4- ئاينىڭ 28- كۈنى بېيجىڭ يەنچىڭدا 2019- يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «يېشىل تۇرمۇشنى ئورتاق كۆزلەپ، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، تەبىئەتكە ماسلىشىش، ئېكولوگىيەنى ئاسراشتىن ئىبارەت يېشىل تەرەققىياتنىڭ كەلگۈسىدىن بېشارەت بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. يەر شارى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى بىردىنبىر يۇرت - ماكانى. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە، گۈزەل يەر شارى يۇرت - ماكانىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  4- ئاينىڭ ئاخىرىدىكى بېيجىڭدا بارلىق مەۋجۇدات ئويغىنىپ، ھەممە يەر گۈل - گىياھلارنىڭ خۇش ھىدى بىلەن تولغانىدى. ھەيۋەتلىك سەددىچىن سېپىلى ئېتىكىدە، گۈزەل گۇيشۈي دەرياسى ساھىلىدا، ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ ئاساسىي يىغىن مەيدانى بولغان گۈيرۈي تىياتىرخانىسى قانىتىنى يېيىپ تۇرغان رەڭلىك كېپىنەككە ئوخشايتتى.

  كەچ سائەت 8 ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ھېلىلا 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقان چېخ زۇڭتۇڭى زېمان، جىبۇتى زۇڭتۇڭى گېللې، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ، نېپال زۇڭتۇڭى باندارى، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن، بىرما دۆلەت ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئاڭشەن سۇجى، پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان، سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ، ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ئېرجيې جۈنبو قاتارلىق چەت ئەل تەرەپ رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بىلەن بىللە يىغىن مەيدانىغا كىردى.

  نەق مەيداندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى ئورۇنلىنىپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى. ھەيۋەتلىك مۇزىكا ئاۋازىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا كۆرگەزمە ئىدارىسىنىڭ ئىدارە بايرىقى، خەلقئارا باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت بايرىقى، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە بايرىقى تەرتىپ بويىچە چىقىرىلدى.

  قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، يىراقتىن كەلگەن ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: گۈزەل جۇڭخۇا زېمىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىش يۇرت - ماكانى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق شانلىق مەدەنىيلىكىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەبىئەت بىلەن ئادەمنىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىنتىلىشىنى بارلىققا كەلتۈردى. ھازىر، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭگونىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈلۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش جۇڭگو خەلقى تەلپۈنىدىغان كۈرەش نىشانىغا ئايلاندى. جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىپ، ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرى تېخىمۇ يېشىل، سۇلىرى تېخىمۇ سۈزۈك بولغان ھالەت ئۈزلۈكسىز ھالدا كىشىلەر ئالدىدا نامايان بولماقتا.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئېكولوگىيە گۈللەنسە، مەدەنىيلىك گۈللەنگەن، ئېكولوگىيە خارابلاشسا، مەدەنىيلىك خارابلاشقان. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ تۇخۇمىنى ئېلىش، كۆلنى قۇرۇتۇپ بېلىق تۇتۇشتەك تەرەققىيات ئۇسۇلى ئاخىرقى چەككە يەتتى، تەبىئەتكە ماسلىشىش، ئېكولوگىيەنى ئاسراشتىن ئىبارەت يېشىل تەرەققىيات كەلگۈسىدىن بېشارەت بېرىۋاتىدۇ. يەر شارى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى بىردىنبىر يۇرت - ماكانى. بىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا ھاياتىمىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشىمىز، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئاساسىنى بىرلىكتە سېلىپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا بىرلىكتە مېڭىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، بىز ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقىغا ئىنتىلىشىمىز كېرەك. تەرتىپسىز ئاچقاندا، قوپاللىق بىلەن تالان - تاراج قىلغاندا، ئىنسانىيەت مۇقەررەر تەبىئەتنىڭ رەھىمسىز ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچرايدۇ؛ مۇۋاپىق پايدىلانغاندا، دوستانە ئاسرىغاندا، ئىنسانىيەت مۇقەررەر تەبىئەتنىڭ سېخىيلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشىغا ئېرىشەلەيدۇ. بىز يەر شارى ئېكولوگىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، ئەۋلادلىرىمىزنى ھەم مول ماددىي بايلىقتىن بەھرىلىنىش، ھەم يىراقتىكى يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا نەزەر سېلىش، يېشىل تاغلارنى كۆرۈش، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدىنى پۇراش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچى، بىز يېشىل تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشكە ئىنتىلىشىمىز كېرەك. سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغانلىق. ياخشى ئېكولوگىيە ئەسلىدىلا ئۈزلۈكسىز ئۇنىۋېرسال ئۈنۈم يارىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  ئۈچىنچى، بىز تەبىئەتنى قىزغىن سۆيۈش مۇھەببىتىگە ئىنتىلىشىمىز كېرەك. بىز ئاددىي، مۇۋاپىق، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز؛ مۇھىت ئاسراش ئېڭى، ئېكولوگىيە ئېڭىنى تەشەببۇس قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئورتاق قاتنىشىدىغان مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسى بەرپا قىلىشىمىز؛ تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان، تەبىئەتنى ئاسرايدىغان يېشىل قىممەت قارىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، چوڭقۇر ئادىمىيەت مۇھەببىتىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  تۆتىنچى، بىز ئىلمىي تۈزەش روھىغا ئىنتىلىشىمىز كېرەك. ئېكولوگىيەنى تۈزەشتە چوقۇم قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، ئىلمىي پىلانلاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، كۆپ مەنبە ئورتاق مەۋجۇت بولغان ئېكولوگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. ئېكولوگىيەنى تۈزەشتە يول توسۇق ھەم ئۇزۇن بولسىمۇ، ماڭساقلا مەنزىلگە يېتەلەيمىز. بىزدە ھەم مىنۇت - سېكۇنتنىمۇ قولدىن بەرمەيدىغان روھ بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغان قەتئىيلىك بولۇشى كېرەك.

  بەشىنچى، بىز قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشقا ئىنتىلىشىمىز كېرەك. ئېكولوگىيە خىرىسى ئالدىدا، ئىنسانلار بىرى گۈللەنسە باشقىلارمۇ گۈللىنىدىغان، بىرى زىيانغا ئۇچرىسا باشقىلارمۇ زىيانغا ئۇچرايدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىدۇر. پەقەت قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلاشساقلا، بىز ئاندىن كىلىمات ئۆزگىرىشى، دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ بۇلغىنىشى، جانلىقلارنى قوغداش قاتارلىق يەر شارى خاراكتېرلىك مۇھىت مەسىلىلىرىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030- يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرەلەيمىز، يەر شارىۋى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۈنۈگۈن 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېپىلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا بىر ئوچۇق تەرەققىيات يولى بەرپا قىلىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر يېشىل تەرەققىيات يولىنىمۇ بەرپا قىلىش شەرت. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە گۈزەل يەر شارى يۇرت - ماكانىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىشنىڭ تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ. بىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن، ھازىردىن باشلاپ، كۈچ ئۇلاش تايىقىنى بىر - بىرلەپ يەتكۈزەيلى.

  شى جىنپىڭ 2019- يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  تىياتىرخانىدا قىزغىن ئالقىش ۋە تەنتەنە ساداسى ياڭرىدى. سەھنىدە پىدائىيلار كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت بايراقلىرى ۋە كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان تەشكىلاتلارنىڭ بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ، سەھنىنى رەڭگارەڭ جۇلالانغان دېڭىز - ئوكيان كەبى بېزىدى.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدا، خەلقئارا كۆرگەزمە ئىدارىسىنىڭ باش كاتىپى لوسېرتالېس، خەلقئارا باغۋەنچىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئوستروم ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇلار جۇڭگونى يېشىل تەرەققىياتنىڭ ئۈلگىسى دەپ تەرىپلىدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ۋە گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇلار جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تارىختىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ زور دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەۋلادلارغا مول يېشىل مىراسلارنى قالدۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىللە، «گۈزەل يۇرت - ماكان» باش تېما قىلىنغان ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكىنى كۆردى.

  ئويۇن بالىلار خورى «قەلبتىكى تەبىئەت ساداسى» ئىچىدە باشلاندى، بالىلار يېقىملىق ناخشا ئاۋازى ۋە ھېسسىياتلىق دېكلاماتسىيەسى ئارقىلىق، كۆپچىلىكنى قول تۇتۇشۇپ مۇھەببەت ۋە ئۈمىد ئۇرۇقىنى چېچىشقا تەكلىپ قىلدى. يېقىملىق پىيانىنو مۇزىكىسى ۋە جانلىق بالېت ئۇسسۇلىدا ئەتىياز، ياز، كۈز، قىشتىكى گۈزەل يېزا - قىشلاقلار ئورتاق نامايان قىلىندى. «شەرقنىڭ سىياھ رىتىمى» جۇڭگونىڭ مىللىي چالغۇلىرى بىلەن ئورۇنلىنىپ، نەپىس، گۈزەل ئايدىڭ كېچە يۆگىمە رەسىمى نامايان قىلىندى. تانگو، تەپمە ئۇسسۇل، ئافرىقا دۇمباق ئۇسسۇلى ۋە جۇڭگونىڭ يەلپۈگۈچ ئۇسسۇلى «رەڭدار قاناتلىق دۆلەت»تە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ شادلىقى ۋە خۇشاللىقى ئىپادىلەندى. «ئاي شولىسىدىكى چوڭقۇر مۇھەببەت» دېگەن ناخشىدا سۇ يۈزىدىكى ئاي شولىسى، خىيالىي تەسەۋۋۇردىكى گۈزەل مەنزىرە ئەكس ئەتتۈرۈلدى. جۇڭگونىڭ كىلاسسىك ئۇسسۇلى «رەڭلىك كېپىنەكلىك ھەسەن - ھۈسەن كۆۋرۈكى»دە، لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەن كېپىنەكلەر تەبىئەتنىڭ رەڭدارلىقىنى نامايان قىلدى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مودېللىرى كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ داڭلىق گۈل نۇسخىلىرى چۈشۈرۈلگەن كىيىم - كېچەكلەرنى كىيىپ، گۈل تىلى ئارقىلىق دوستلۇقنى ئورتاق بايان قىلدى. باش تېمىلىق ناخشا «گۈزەل يۇرت - ماكان»دا يۇرت - ماكاننى تەرىپلەش، تەبىئەتكە بولغان قىزغىن مۇھەببەت، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد، يېشىللىققا بېرىلگەن ۋەدە بايان قىلىندى. ئېسىل ئويۇن تاماشىبىنلارنىڭ گۈلدۈراس ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئويۇن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ساليۇت نومۇرى بىلەن ئاخىرلاشتى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى، ۋاڭ يى، جاۋ كېجى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  خۇ چۈنخۇا ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  2019- يىللىق جۇڭگو بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسى 2019- يىلى 4- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە بېيجىڭ يەنچىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، «يېشىل تۇرمۇش، گۈزەل يۇرت - ماكان» باش تېما قىلىنغان. تەخمىنەن 110 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە