ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى

«پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى باھالاش خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.04.22 16:36 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 21- كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى باھالاش خىزمىتى نىزامى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كادىرلارنى باھالاش نىزامى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كادىرلارنى باھالاش پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرىدىغان، كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم تۇتقا. «كادىرلارنى باھالاش نىزامى»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى كادىرلارنى باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلەندى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: «كادىرلارنى باھالاش نىزامى»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى كادىرلارنى باھالاشنىڭ دىرىژورلۇق تايىقىلىق، يۆنىلىش بەلگىسىلىك، تۈرتكۈچلۈك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ كادىرلارنى تېخىمۇ ياخشى ھالەت، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، قەدىمىنى بىردەك ئېلىپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، «كادىرلارنى باھالاش نىزامى»نى ياخشى ئۆگىنىشى، ياخشى تەشۋىق قىلىشى، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى كېرەك. بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىي ئۆلچەمنى كادىرلارنى باھالاش خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى باھالاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ياخشى - ياماننى پەرقلەندۈرۈش، ئەلالىرىنى مۇكاپاتلاپ، ناچارلىرىنى جازالاش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كادىرلارنى باھالاش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى قىلىپ، باھالاش مەزمۇنى، كۆرسەتكۈچىنى يەنىمۇ تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، باھالاش شەكلى، ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، باھالاش نەتىجىسىنى تەتبىقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كەڭ كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى تەكىتلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىدىغان، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ئېنىق يۆنىلىش تۇرغۇزۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «كادىرلارنى باھالاش نىزامى»نى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  «كادىرلارنى باھالاش نىزامى» جەمئىي 11 باب، 57 ماددا.

  «كادىرلارنى باھالاش نىزامى»نى چۈشەندۈرۈشكە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى مەسئۇل بولىدۇ، 2019- يىلى 4- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. 1998- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى بېسىپ تارقاتقان «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرىنى باھالاش خىزمىتى ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»، 2009- يىلى 7- ئاينىڭ 16- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى بېسىپ تارقاتقان «پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى يىللىق باھالاش چارىسى (سىناق نۇسخا)» تەڭ بىكار قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى باھالاشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ مۇشۇ نىزام بىلەن بىردەك بولمىغانلىرى بولسا، مۇشۇ نىزام بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان