ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل ئەتىيازدا كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمىنىڭ 1 مىليون 500 مىڭ مودىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى

2019.04.21 16:50 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 19- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى - شۈيشىگوۋ، ئۈرۈمچى - بەنفاڭگوۋ تاشيولىنىڭ ئىككى ياقىسىدا، كۆچەت تىكىش ئۈچۈن قاتار - قاتار ئورەكلەر كولاپ قويۇلغانىدى. «ئەتە 10 مىڭغا يېقىن كىشى بۇ يەردە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ئېكولوگىيەنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ياڭ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: «ھازىرغا قەدەر، بۇ يىل پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدا 46 مىليون 823 مىڭ تۈپ مەجبۇرەن كۆچەت تىكىلدى، مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشكە 3 مىليون 177 مىڭ ئادەم قېتىم قاتناشتى، 2019- يىلى ئەتىيازدا كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش كۆلىمىنىڭ 1 مىليون 500 مىڭ مودىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى».

  ياڭ جيەنمىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭدا سۈنئىي كۆكەرتىلگەن كۆلەم 62 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت پۇختا قەدەمدە ياخشىلانغان. يېقىنقى بەش يىلدا، پۈتۈن شىنجاڭدا مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشكە جەمئىي 32 مىليون 194 مىڭ ئادەم قېتىم قاتنىشىپ، 600 مىليون 174 مىڭ تۈپ مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش تاماملانغان. 2018- يىلى، شىنجاڭدىكى شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلۇپ پۈتكەن رايونلىرىنىڭ يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %39.64كە، قۇرۇلۇپ پۈتكەن رايونلىرىنىڭ يېشىللىق نىسبىتى %36.3كە، شەھەرلەردىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان باغچە يېشىللىق كۆلىمى 12.52 كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، ھەممىسىدە پۇختا قەدەم بىلەن ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  «نۆۋەتتە، شىنجاڭدا دەل - دەرەخ نىسپىي ئوڭاي تۇتىدىغان كۆپ قىسىم جايلارنىڭ ھەممىسىگە كۆچەت تىكىلدى.» ياڭ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: «ئورمان بىنا قىلىپ كۆكەرتىشنىڭ ئاساسلىق جەڭگاھى بوستانلىقنىڭ ئەتراپىغا يۆتكىلىپ، قاقاس تاغقا، قاقاسلىققا، قۇملۇققا، چۆللۈككە قاراپ ئۇزاردى. بۇ رايونلارنىڭ تۇپراق شارائىتى ناچار، سۇ بايلىقى كەمچىل بولغاچقا، ئورمان بىنا قىلىش قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ، تەننەرخى يۇقىرى. شۇڭا پۈتۈن جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى كۆچەت تىكىشكە قاتنىشىشقا كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىشنىڭ مۇھىملىقى تېخىمۇ گەۋدىلەندى».

  2018- يىلى، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىككىنچى تۈركۈمدىكى «ئالاقە تورى + ئومۇمىي خەلق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش» ئالدىن نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا ئايلاندى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىنجاڭدا ئالدىن نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەر قىلىپ بېكىتىلدى. «ئالاقە تورى + ئومۇمىي خەلق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش» دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خەلق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش تورى ئاممىۋى مەنپەئەت سۇپىسىغا تايىنىپ، مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش ئاممىۋى مەنپەئەت بويىچە ئاۋام مەبلەغ چىقىرىش تۈرىنى يولغا قويدى، شەھەر ئاھالىلىرى ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ، شۇ يەردىكى ماس تۈرنى تاللاپ ئىئانە قىلسا بولىدۇ. ئىئانە پۇلى تەرتىپ بويىچە دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا ئائىت تۈرلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

  يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمى ئارقىلىق مەجبۇرەن كۆچەت تىكىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن سىرت، شىنجاڭ يەنە ئېكولوگىيەنى تۈزەش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئورمانچىلىق، باغۋەنچىلىكنى زور دەرىجىدە راۋاجلاندۇرىدۇ. جانلىق مېخانىزم ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى ئىقتىسادىي ئورمان ھەمدە قۇملۇق كەسپى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىپ، چۆللۈك، قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولىدۇ.

  3- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن باشلاپ، بىڭتۇەن 8- شىسىنىڭ 149- تۇەنىدىكى 2000دىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى - خىزمەتچى، بۇ تۇەننىڭ سۈنئىي ئۇسۇلدا توشقانزەدىكى كۆچۈرۈش بازىسىدا 1 مىليون تۈپتىن ئارتۇق سۆكسۆك كۆچىتى تىكتى. بۇ تۇەن 100 مىڭ مو قۇملۇقتا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا تىكىلگەن سۆكسۆك، يۇلغۇننىڭ يىلتىزىغا توشقان زەدىكى كۆچۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمدىن قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشتى.

  ئاقسۇ شەھىرى ئەتراپىدا، ياڭ بىڭچۇەننىڭ 3000 مو يەردىكى ئالما دەرىخى ساغلام ئۆسمەكتە. ئۇ بۇ يەرگە 18 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سالغانىدى. ياڭ بىڭچۇەن مۇنداق دېدى: «مەنلا ئەمەس، ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن كارخانىچى ئېتىبار سىياسەتلەرنىڭ جەلپ قىلىشى بىلەن، ئارقا - ئارقىدىن بۇ يەرگە كېلىپ چۆللۈكنى ھۆددىگە ئېلىپ، كەڭ كۆلەمدە ئىقتىسادىي ئورمان بىنا قىلدى».
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە