ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈردى

2019.04.21 16:48 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 4- ئاينىڭ 19- كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىر گۈەن چياۋچياۋ) بۇلتۇردىن بۇيان، بىر قاتار باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرى شىنجاڭدا تېز ئەمەلىيلىشىپ، ھەرقايسى جايلار ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللاندى ھەم «تېمىتىپ سۇغىرىش شەكلى»دىكى سىياسەت تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇردى، نەپ ئالغان كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

  2018- يىلى دۆلەت يولغا قويغان «باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش» كونكرېت ھالدا «باجنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش» «مەمۇرىي - كەسپىي ھەق ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى توختىتىش»تىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باجنى كېمەيتىش جەھەتتە، دۆلەت باج باش ئىدارىسى بىر قاتار باج يېڭى سىياسىتىنى يولغا قويدى، بۇ قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ باج نىسبىتىنى %17، %11تىن ئايرىم - ئايرىم %16، %10كە چۈشۈرۈشنى، بۇ يىل 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ %13، %9كە چۈشۈرۈشنى؛ كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىنى يېرىمنى كېمەيتىپ يىغىش ئېتىبار دائىرىسىنى كېڭەيتىپ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ يىلدا باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى 300 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈش، تەتقىق قىلىش - ئېچىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىش نىسبىتىنى %50تىن %75كە ئۆستۈرۈش، 5 مىليون يۈەندىن تۆۋەن تۇراقلىق مۈلۈك سېتىۋالسا، بىرلا قېتىم تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر قاتار باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسەتلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى شىنجاڭدىكى كارخانىلارنىڭ سېلىقىنى يېنىكلىتىپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  ئېنېرگىيە كەسپى شىنجاڭنىڭ تۈۋرۈك كەسپى. جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت - خىمىيە شۆبە شىركىتىنىڭ 2018- يىلىدىكى خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش كىرىمى 3 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، بازار باھاسى مۇقىم بولۇش ئالدىنقى شەرتىدە، باج تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىن، بۇ يىل شىركەتنىڭ كىرىمى 93 مىليون 750 مىڭ يۈەن ئاشىدۇ. كارخانا مالىيە باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى لياڭ شىنۋېن مۇنداق دېدى: ياسىمىچىلىق كەسپى قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسىنى كۆردى، خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئېلىش ئىقتىدارى ئۆستى، پايدا بوشلۇقى كېڭەيدى، بۇنىڭ كارخانىلارنىڭ تىجارەت ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىشكە ياردىمى بار.

  باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ «پايدا»سى يەنە ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىن ئىستېمال ھالقىسىغا كېڭىيىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچى بۇنىڭدىن نەپ ئالدى. شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق ياسىمىچىلىق كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شاڭخەي داجۇڭ (شىنجاڭ) ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى يېرىم ئاي ئىلگىرى داجۇڭ ئېسىل ماركىسى، سىكېدا ئېسىل ماركىسىدىكى ئاپتوموبىل تىپلىرىنىڭ زاۋۇت تەكلىپ بەرگەن پارچە سېتىش باھاسىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 مىڭ يۈەن تۆۋەنلەتتى ھەم ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ۋە مۇلازىمەتتە كۆپ قاتلانما ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىستېمالچىلارنىمۇ «باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش»تىن ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى.

  بۇلتۇر شىنجاڭدىكى 185 پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئۆسۈم كىرىمى 5 مىليارد 566 مىليون يۈەن بولۇپ، 1 مىليون 740 مىڭ پۇقراۋى كارخانا ئۆسۈمنى كەچۈرۈم قىلىش، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز كەسپىدىن بەھرىمەن بولدى. قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھات سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، باج ئورگانلىرى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاز سوممىلىق قەرز بېرىدىغان 15 شىركەتنىڭ 19مىليون 211 مىڭ 700 يۈەن ئۆسۈم كىرىمىنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىپ، 1 مىليون 620 مىڭ دېھقان ئائىلىسىنىڭ مەبلەغ قىيىن ئۆتكىلىدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بەردى.

  دۆلەت باج باش ئىدارىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ليۇ پېيپىڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتىن ئىبارەت ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان بۇ كاتتا سوۋغىنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ، كارخانىلارنى «يەڭگىل جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلىنىدىغان» قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە