ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

قومۇل قارلىق مۇزلۇقى يادرولۇق رايونىدىكى 572 مىڭ مو ئوتلاقتا يايلىتىپ بېقىش چەكلەندى

2019.04.21 16:46 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خاۋ جىڭنىڭ قومۇل شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، شەرقىي تىيانشاننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، قومۇل شەھىرى بۇ يىلدىن باشلاپ شەرقىي تىيانشاننىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش رايونىدىكى قارلىق مۇزلۇقىنىڭ يادرولۇق رايونىدىكى توققۇز تۇەن - چاڭ، يېزا - بازاردىكى 572 مىڭ مو ئوتلاقنى يايلىتىپ بېقىشنى چەكلەپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن.

  قارلىق مۇزلۇقى قوغداش رايونى قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى ۋە ئارا تۈرۈك ناھىيەسى تەۋەلىكىدە بولۇپ، شەرقتە ئېۋىرغول رايونىنىڭ تاشۋېلىق يېزىسىدىكى سۇلىسۇ دەرياسىنىڭ مەنبەسىدىن باشلىنىپ، غەربتە ئۆلكە يولى 303- لىنىيەسىگىچە، شىمالدا شەرقىي تىيانشان دۆلەت ئورمىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى قومۇل شۆبە ئىدارىسىنىڭ ئورمان رايونى بىلەن ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ نىرىنكىر قازاق يېزىسىنىڭ كېسىشكەن جايىدىكى تىك يانتۇلۇققىچە، جەنۇبتا ئېۋىرغول رايونىدىكى ئۇلاتاي، ئېدىر، تاشۋېلىق يېزىسىنىڭ ئەنلاگوۋغىچە سوزۇلغان. قارلىق مۇزلۇقى شەرقىي تىيانشان تاغ تىزمىسىغا توغرىسىغا سوزۇلغان بولۇپ، قومۇل خەلقىنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى ۋە تىرىكچىلىك سۇ مەنبەسى. مۇزلۇقنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاق ئېۋىرغول رايونى ۋە ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدىكى مۇھىم يازلىق چارۋىچىلىق مەيدانى بولۇپ، يايلىتىپ بېقىشنى چەكلەش رايونىدىكى كۆپ قىسىم ئوتلاقتا قاشا ئەسلىھەلىرى يوق.

  2019- يىلىدىن باشلاپ، قومۇل شەھىرى قارلىق مۇزلۇقىنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقتا يايلىتىپ بېقىشنى چەكلەپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، مۇزلۇقنىڭ چېكىنىشى، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ناچارلىشىش يۈزلىنىشىنى توسۇپ، چارۋىچىلىق تەبىئىي ئوتلىقىنىڭ ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

  نۆۋەتتە، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى، ئارا تۈرۈك ناھىيەسى، بىڭتۇەن 13- شىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا تەۋەلىك دائىرىسىدە قومۇل قارلىق مۇزلۇقىنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقتا يايلىتىپ بېقىشنى چەكلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى ھەم يايلىتىپ بېقىشنى چەكلەش بەلگىسى تەسىس قىلدى. ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەر دېھقان - چارۋىچىلار كەچلىك مەكتىپى ۋە دۈشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، لوزۇنكا ئېسىش، تەشۋىقات ماتېرىيالى بېسىپ تارقىتىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، قومۇل شەھىرى يايلىتىپ بېقىش چەكلەنگەن ئوتلاقلارغا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىما ياردىمى بېرىش، مۇكاپاتلاش مېخانىزمىدىن پايدىلىنىپ تولۇقلىما بېرىشنى ھەم يېقىن جايدا باشقۇرۇش - قوغداش پونكىتى تەسىس قىلىپ، چارۋىچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. ئارا تۈرۈك ناھىيەسى نىرىنكىر قازاق يېزىسى بىلەن تۇزكۆل بازىرىنىڭ كېسىشكەن جايىدا، تۇزكۆل بازىرى يۆخەي سۇ ئامبىرى ۋە تۇخۇلۇ يېزىسىدا باشقۇرۇش - قوغداش پونكىتىدىن تۆتنى قۇردى، ئېۋىرغول رايونى باشقۇرۇش - قوغداش پونكىتى - نۇقتىسىدىن تۆتنى يېڭىدىن قۇرۇش، ئۈچنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنى بېكىتتى.

  چارۋىلارنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىتا، قومۇل شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى چارۋىچىلارنى تەشكىللەپ، يېتەكلەپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھاۋالىلىك بېقىپ بېرىش، قوتاندا بېقىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ يايلىتىپ بېقىلىدىغان چارۋىلارنى ئازايتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، چارۋىلارنىڭ نەسىل قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نەسىل ياخشىلاشنى كېڭەيتىپ، «يايلىتىپ بېقىشنى چەكلىسىمۇ بېقىشنى چەكلىمەسلىك، چارۋىنى ئازايتسىمۇ كىرىمنى ئازايتماسلىق»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە