ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

لوپنۇر ياۋا تۆگە مۇھاپىزەت رايونىدا ساياھەت قىلىش چەكلەندى

2019.04.21 16:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز يۈ شىنىڭ شىنجاڭ لوپنۇر ياۋا تۆگە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، «1- ماي» دەم ئېلىش مەزگىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، كىشىلەر پائالىيىتىنىڭ ياۋا تۆگىلەرنىڭ نورمال ياشاش ئادىتىگە بولغان دەخلىسىنى ئازايتىش، مۇھاپىزەت رايونىدىكى جانلىقلار كۆپ خىللىقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، قىممەتلىك ۋە ئاز ئۇچرايدىغان تۈرلەرنىڭ ياشاش ئورنىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەزكۇر ئىدارە يېقىندا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلات، ئورۇن ياكى شەخسلەرنىڭ مۇھاپىزەت رايونىغا، بولۇپمۇ قۇمتاغ قۇملۇقى، ئاچچىق جىلغىسى، بايىچۇەن قاتارلىق ياۋا تۆگىلەرنىڭ سۇ مەنبەسى ۋە ياشاش ئورنىغا كىرىپ ساياھەت قىلىش، ئېكسپېدىتسىيە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى چەكلىگەن.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن مۇھاپىزەت رايونىغا كىرىپ ساياھەت قىلغان، ئېكسپېدىتسىيە قىلغان تەشكىلات ۋە شەخسلەر بايقالغان ھامان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى نىزامى» ۋە ئالاقىدار قانۇن - نىزاملار بويىچە قاتتىق جازالىنىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلار قانۇن بويىچە ئەدلىيە تارماقلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، ئۇلارنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ھەقىقەتەن مۇھاپىزەت رايونىغا كىرىپ ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كەلسە، جەزمەن شىنجاڭ لوپنۇر ياۋا تۆگە دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىپ، مۇناسىپ ئىسپات ھەم خادىملار ئۇچۇرى، ئاپتوموبىل ئۇچۇرى، پەن تەتقىقات پىلانىنى كۆرسىتىشى، مەزكۇر ئىدارە تەكشۈرۈپ يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارغا يوللاپ تەستىقلىغاندىن كېيىن، مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ نازارىتىدە مۇھاپىزەت رايونىغا كىرىشى شەرت.

  ياۋا تۆگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قىممەتلىك ۋە ئاز ئۇچرايدىغان تۈرلەر قىزىل تاشلىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن، دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. 2013- يىلىدىن باشلاپ، مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇھاپىزەت رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى سەككىز سۇ مەنبەسى ئورنىغا ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق ئۆزى سۈرەتكە تارتىدىغان 25 فوتو ئاپپارات ئورنىتىپ، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈپ، قەرەللىك ھالدا سانلىق مەلۇمات توپلىدى. ئۆلچەپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياۋا تۆگە توپىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى كۆپەيگەن، ياۋا تۆگە تۈر توپىنىڭ سانى ئەسلىگە كېلىش خاراكتېرلىك ئاشقان.
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە