ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.04.16 16:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمىتى نىزامى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 2015- يىلى 6- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمىتى نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» پارتگۇرۇپپا خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى پارتىيە نىزامنامىسى تۈزىتىلمىسىدە پارتگۇرۇپپىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى تولۇقلىنىپ، پارتگۇرۇپپىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ۋە يېڭى تەلەپكە ئاساسەن، نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: «نىزام»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى تۈپ مىزان قىلىنىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى پارتگۇرۇپپا خىزمىتىنىڭ نەزەرىيەدە، ئەمەلىيەتتە ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى تولۇق نامايان قىلىنىپ، پارتگۇرۇپپا خىزمىتىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلە، يېڭى تەلەپلەرگە جاۋاب بېرىلىپ، پارتگۇرۇپپا تۈزۈمىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «نىزام»نى قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، پارتگۇرۇپپىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغدىشىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتگۇرۇپپا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنىڭ سىياسىيلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىنى ئاڭلىق قوللىنىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبەرلىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، رەھبەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ئۇنىڭ تەشكىلات تارماقلىرى، ئالاقىدار پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)لار «نىزام»دىكى بەلگىلىمىگە سېلىشتۇرۇپ، پارتگۇرۇپپىنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا قارىتا، قېلىپلاشتۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشى، تەرتىپكە سېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئەستايىدىل تەرتىپكە سېلىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «نىزام»نى تەشۋىق قىلىش - چۈشەندۈرۈش، ئۆگىنىش - تەربىيەلەش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «نىزام»نى ئىجرا قىلىش داۋامىدىكى مۇھىم ئەھۋاللار ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمىتى نىزامى» جەمئىي سەككىز باب، 45 ماددا.

  بۇ نىزامنى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى بىلەن بىرلىكتە چۈشەندۈرىدۇ.

  بۇ نىزام 2019- يىلى 4- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 2015- يىلى 6- ئاينىڭ 11- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمىتى نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» تەڭلا ئەمەلدىن قالىدۇ. پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)غا ئالاقىدار باشقا بەلگىلىمىلەر بۇ نىزام بىلەن بىردەك بولمىسا مۇشۇ نىزام بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان