ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

پارتگۇرۇپپىنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش

− مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مەسئۇلى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمىتى نىزامى» توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

2019.04.16 16:26 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمىتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مەسئۇلى «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  سوئال: «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى تونۇشتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز.

  جاۋاب: 2015- يىلى 6- ئايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېسىپ تارقاتقان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمىتى نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» پارتگۇرۇپپا خىزمىتى جەھەتتىكى تۇنجى مەخسۇس پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن - نىزام بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتگۇرۇپپىنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، پارتگۇرۇپپا خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. «نىزام» سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە قارىتا بىر قاتار يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتگۇرۇپپا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتگۇرۇپپا فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پارتگۇرۇپپا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە قارىتا نۇرغۇن مۇھىم يوليورۇق ۋە بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چىقىرىلغان «يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىرقانچە مىزان» قاتارلىق پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن - نىزاملاردا پارتگۇرۇپپا خىزمىتىگە قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بولۇپمۇ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى پارتىيە نىزامنامىسى تۈزىتىلمىسىدە پارتگۇرۇپپىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى تولۇقلىنىپ، پارتگۇرۇپپىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى ھەم تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى مەركەزنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى قانۇن - نىزاملارنى تۈزۈش خىزمىتىنىڭ ئىككىنچى بەش يىللىق يىرىك پىلانىغا كىرگۈزدى.

  نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەركەزدىن تارتىپ ناھىيە دەرىجىلىككىچە جەمئىي 102 مىڭدىن ئارتۇق پارتگۇرۇپپا تەسىس قىلىندى. خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، تۈزۈم جەھەتتىن ئىلگىرىلەپ ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدىغان يەنە بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر مەۋجۇت. پارتگۇرۇپپىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەھەتتە، بەزى جايلار ۋە ئورۇنلارنىڭ پارتگۇرۇپپىنىڭ قانداق ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، رەھبەرلىك رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشقا بولغان چۈشىنىشى ۋە ئىجرا قىلىشىدا يەنىلا بەزى پەرقلەر بار، بەزى پارتگۇرۇپپىلار كەسپىي خىزمەتلەردە ئىش - ۋەزىپىلەرنى بولۇشىچە ئۈستىگە ئېلىۋالغان، چوڭ - كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تۇتقان، بەزىلىرى پەقەت كادىرلارنىلا باشقۇرۇپ، كەسپىي خىزمەتلەر بىلەن كارى بولمىغان، بەزىلىرى خاتا ھالدا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش پارتگۇرۇپپا خىزمىتىنىڭ «قوشۇمچە كەسپى» دەپ قارىغان. پارتگۇرۇپپا تەسىس قىلىش جەھەتتە، بەزى جايلاردا تەسىس قىلىش شەرتى، ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى ئىگىلەشتە يەنىلا ئۆز بېشىمچىلىق مەۋجۇت، بەزىلىرى تەسىس قىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ تەسىس قىلمىغان، بەزىلىرى تەسىس قىلىشقا تېگىشلىك بولمىسىمۇ تەسىس قىلغان، بەزى پارتگۇرۇپپىلار پارتگۇرۇپپا ئەزالىرىنى ۋەزىپە سانىدىن ئاشۇرۇپ سەپلىگەن. ئالاقىدار پارتگۇرۇپپا مۇناسىۋىتى جەھەتتە، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىلىرى بىلەن مۇناسىپ ئورگانلار پارتگۇرۇپپىلىرىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق چوڭ، كىچىك پارتگۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى بىلەن ھۆكۈمەت تارماقلىرى، ھۆكۈمەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلار پارتگۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، ھۆكۈمەت تارماقلىرى پارتگۇرۇپپىلىرى بىلەن ئۇ باشقۇرىدىغان ئورۇنلار پارتگۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەمدە بەزى ئورۇنلاردىكى پارتگۇرۇپپىلار بىلەن شۆبە پارتگۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پارتگۇرۇپپا تەسىس قىلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش داۋامىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پارتگۇرۇپپا خىزمىتىنىڭ تۈزۈم كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە مۇھىم رولغا ئىگە.

  سوئال: بۇ قېتىمقى «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىكى ئاساسلىق پىرىنسىپنى تونۇشتۇرۇپ بەرسىڭىز.

  جاۋاب: يېڭى دەۋردىكى پارتگۇرۇپپا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، چوقۇم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا پارتگۇرۇپپا خىزمىتىنى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشكە قويۇپ، پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشتەك سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ تەپسىلىي كۆزىتىپ، پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، پارتگۇرۇپپىنىڭ يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بۇ قېتىمقى «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە، پارتگۇرۇپپا خىزمىتىدە چوقۇم ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم، زور سىياسىي پىرىنسىپ زىچ چۆرىدىلىپ، تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىلدى: بىرىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە يوليورۇقى، تەلەپلىرى «نىزام»غا كىرگۈزۈلۈپ، قاتتىق تۈزۈم - بەلگىلىمە ۋە چىڭ ئىنتىزام تەلىپىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۈزۈم ئاساسى يەنىمۇ پۇختىلاندى. ئىككىنچى، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى پارتىيە نىزامنامىسى تۈزىتىلمىسىدىكى پارتگۇرۇپپىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىگە بولغان يېڭى بەلگىلىمە، يېڭى تەلەپلەر ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، كونكرېتلاشتۇرۇلۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم قانۇن - نىزام ھۆججەتلىرىدىكى پارتگۇرۇپپا خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى بەلگىلىمە، يېڭى تەلەپلەر ئومۇميۈزلۈك گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، پارتگۇرۇپپا تۈزۈمىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۈچىنچى، «نىزام»نى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇشتىكى ئەمەلىي تەجرىبىلەر چوڭقۇر يەكۈنلىنىپ، پارتگۇرۇپپا خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، دىققەت پارتگۇرۇپپا خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىدا يېڭىلىق يارىتىلدى، تۈزۈم كاپالىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. تۆتىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن ياخشى ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، «نىزام»نىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىدىن كېيىنكى پارتگۇرۇپپا خىزمىتىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى تەلەپلەرگە تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان
【1】 【2】  كېيىنكى بەت