ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە تەنتەربىيە ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇندى

دۆلەت دەرىجىلىك ئاۋىياتسىيە ئۇچۇش لاگېرى تۈرى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى

2019.04.13 16:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  مۇخبىرىمىز جېڭ يىيۈەن خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 12- كۈنى، سانجى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئاۋىياتسىيە ئۇچۇش لاگېرى تۈرىدە ئىش باشلاندى، بۇ، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە تەنتەربىيە كەسپىدە يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بار بولغانلىقىدىن، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئاۋىياتسىيە ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ تۈر دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى، دۆلەت مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت تۆت مىنىستىرلىق، كومىتېت بىرلىكتە تەستىقلىغان مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى 15 دۆلەت دەرىجىلىك ئاۋىياتسىيە ئۇچۇش ئۈلگە كۆرسىتىش لاگېرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى دۆلەت دەرىجىلىك ئۇچۇش ئۈلگە كۆرسىتىش لاگېرى بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 2020- يىلى رەسمىي پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

  ئۇچۇش لاگېرى ئىگىلىگەن يەر 500 مو بولۇپ، 150 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان، رايون ئىچىدە ئايروپىلان ئىسكىلاتى، ئايروبىنا، ئاۋىياتسىيە مۇزېيى، ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى ۋە تەنتەربىيە، دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئەسلىھەلەر بولىدىكەن. تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ھاۋا قاتنىشى، ئاۋىياتسىيە ئۇچۇش بويىچە تەربىيەلەش، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بويىچە تەربىيەلەش، كەسپىي ئاۋىياتسىيە تەنتەربىيەسى مەشىقى، ئۇچۇشنى ھېس قىلىش، ئاۋىياتسىيە پەنلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق كەسىپ ھالىتى بىر گەۋدىلىشىپ، «ئاۋىياتسىيە + تەنتەربىيە + ساياھەت» تەرەققىيات ئەندىزىسى تەدرىجىي يېتىلدۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاۋىياتسىيە ھەرىكىتى ۋە ئاۋىياتسىيە قاتنىشى كەسپىدىكى بايراقدار كارخانىغا ئايلاندۇرۇلىدىكەن.

  «ئۇچۇش لاگېرى پۈتكەندىن كېيىن، ئاۋىياتسىيە ھەرىكىتى ھەۋەسكارلىرى ئۇچۇش، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ئاۋىياتسىيە مودېلى، ئايروپىلان قۇراشتۇرۇش قاتارلىقلار بويىچە تەربىيەلىنىپ، شىنجاڭنىڭ تەنتەربىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ.» شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جۈن مۇنداق دېدى: «بىز ئىسسىق ھاۋا شارى، ئۈچ بۇرجەكلىك قاناتلىق پىلانېر، يېنىك ئايروپىلان، يەلكەنسىمان پاراشۇت قاتارلىق ئاۋىياتسىيە ھەرىكىتى تۈرلىرىنى لاگېرغا كىرگۈزىمىز. بۇ تۈرلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ئاممىباب ئاۋىياتسىيە ساھەسى ۋە ئاۋىياتسىيە تەنتەربىيە ھەرىكىتى كەسپىدە ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئاۋىياتسىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىمىز».
مەسئۇل مۇھەررىر : خالىسە