ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.04.08 15:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 7- كۈنى تېلېگراممىسى. يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

  «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە.

  ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى جەڭگىۋار قوشۇن، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىشتە مۇھىم رول ئوينىماقتا. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە، تىجارەت - سودا مۇھىتى، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى چىقىرىپ، پائال نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا، دۆلەت ئىچى بازار مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار دۇچ كەلگەن ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى ئۆرلەش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارى كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۈندىن - كۈنگە گەۋدىلەنمەكتە، بۇنىڭغا جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ھازىر تۆۋەندىكىدەك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

  بىرىنچى، يېتەكچى ئىدىيە

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىككى قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىپ، رىقابەتنىڭ نېيتراللىق پىرىنسىپى بويىچە، ئادىل، قولايلىق تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يەنىمۇ قوزغىتىش. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى يېنىكلىتىپ، ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشەنچى ۋە كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كەسىپلەشكەن تەرەققىيات ئىقتىدارى ۋە چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يۈرۈشمە تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

  ئىككىنچى، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش

  (1) بازار ئىجازىتىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىش. تۈرلۈك نامۇۋاپىق بوسۇغا ۋە چەكلىمىلەرنى قەتئىي تۈگىتىپ، بازار ئىجازىتى، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىجازىتى، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش، ئارمىيە - خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئادىل رىقابەت مۇھىتى يارىتىپ، يېتەرلىك بازار بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئىخچاملاپ، «چەكلىمىگەن بولسىلا كىرىشكە بولۇش»نى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجازەتلىك قولايلاشتۇرۇشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  (2) ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا قارىتىلغان «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. سودا تۈزۈم ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىلارنى رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاش، رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇھىتنى باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىت تەسىرىنى تىزىملاش جەدۋىلىنى ئەنگە ئېلىش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقىت چېكىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكىنىڭ يېرىمىغا قىسقارتىش كېرەك. ئادىل رىقابەتنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادىل، ئوچۇق، ئاشكارا بازار مۇھىتى يارىتىپ، بىرلىككە كەلگەن بازارغا ۋە ئادىل رىقابەتكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان تۈرلۈك بەلگىلىمە ۋە ئۇسۇللارنى ئېنىقلاش، بىكار قىلىش كېرەك. كارخانىلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، كارخانىلار تەرەققىياتتا يولۇققان قىيىنچىلىقلارغا قارىتا «بىر كارخانىغا بىر سىياسەت» قوللىنىپ ياردەم بېرىش كېرەك.

  (3) ئادىل، بىرلىككە كەلگەن بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش. نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇلازىمەتكە سىڭدۈرۈش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردە مىكرو جەھەتتە قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى پىشاڭىنى تۈگىتىش جەريانىدا ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا ئاددىي، قوپال بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى قوللىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇشتىكى قانۇن ئىجرا قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. كارخانىلار ھەم مەبلەغ چىقارغۇچىلارنىڭ مال - مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مال - مۈلكى ھەم قانۇنلۇق مەنپەئىتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدىغان، ئۇنى چەكلەيدىغان تۈرلۈك قىلمىشلارنى قاتتىق چەكلەش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش

  (1) ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە دائىر سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى قايتا دىسكونت قىلىپ قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ 5 مىليون يۈەن ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئاز سوممىلىق چەكنى دىسكونت قىلىشىنى نۇقتىلىق قوللاش كېرەك. كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قايتا قەرز پۇل بېرىش سىياسىتىنى تەتبىقلاش دائىرىسىنى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلار (يېڭىچە ئالاقە تورى بانكىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غىچە كېڭەيتىش كېرەك. يەككە مۇئامىلىدارلارنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسى 10 مىليون يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان كىچىك، مىكرو كارخانىلار قەرز پۇلىنى ئوتتۇرا مەزگىللىك قەرز پۇل بېرىش - ئېلىش قولايلىق بولغان لاياقەتلىك كېپىللىك مەھسۇلاتلار دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

  (2) مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىش. زايوم تارقىتىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ زايوم ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاش ۋاسىتىسىنى يولغا قويۇپ، ئىناۋەت خەۋپ - خەتىرىنى ئازايتىش دوكۇمېنتى سېتىش، ئىناۋەت ئىلگىرى سۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تىجارىتى نورمال بولغان، ئوبوروتى ۋاقتىنچە جىددىيچىلىككە دۇچ كەلگەن پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مۇۋاپىق بولغان زايوم ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىنى قوللاش كېرەك. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاش ۋاسىتىسىنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بازارلاشقان مەشغۇلات مەخسۇس فوندى تەسىس قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ قوشۇۋېلىشى، سېتىۋېلىشى ياكى مالىيەگە مەبلەغ سېلىشىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. يۇقىرى پايدىلىق زايوم، خۇسۇسىي قەرز، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مەخسۇس تۈر قەرزى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ۋاسىتىسى، ئىگىلىك تىكلەش سېلىنما فوندى تۈرىدىكى زايوم، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش كارخانىلىرىنىڭ مەخسۇس تۈر زايومى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئېلىم ھېسابىدىكى پۇل، تەمىنلەش زەنجىرى پۇل مۇئامىلىسى، ئالاھىدە ئىجازەتلىك تىجارەت ھوقۇقى قاتارلىقلارغا تايىنىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەتقىق قىلىش كېرەك. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى رەنىلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خەۋپ - خەتىرىنى ئايرىم - ئايرىم ئۈستىگە ئېلىش، تولۇقلىما بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئىناۋەتنى ئاشۇرۇپ، كىرېدىتنى كۆپەيتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇل بېرىشكە، داۋاملاشما قەرز مەھسۇلاتلىرىنى ئېچىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  (3) كاپىتال بازىرىدىن پايدىلىنىپ بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللاش. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پېيىنى تۇنجى قېتىم بازارغا سېلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئاساسىي كەسپى گەۋدىلىك بولغان، مەشغۇلاتى قېلىپلاشقان ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك. تارقىتىش، سودىلىشىش، ئۇچۇرنى ئاشكارىلاش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭى ئۈچ بۆلەكتە ۋىۋىسكا ئېسىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللاش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش شىركەتلىرىنىڭ زايومىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئايلانما قەرزىنى پايغا ئايلاندۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ۋىۋىسكا ئاسقان كارخانىلارنىڭ ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان شىركەت زايومى تارقىتىشىغا ئىجازەت بېرىشنى تەتقىق قىلىش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش سېلىنما فوندى پېيىنى كېمەيتىش نىسبىتىنى سېلىنما مۇددىتى بىلەن تەتۈر يۆنىلىشلىك باغلاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەسلەپكى مەزگىلدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھام بېرىش، مەدەت بېرىش كېرەك. يەرلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تىجارەت فوندى قاتارلىق كەسىپلەشكەن فوندلارنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. پاي چېكى رەنىلىك خەۋپ - خەتىرى ساقلىنىۋاتقان كارخانىلارغا قارىتا، بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئالاقىدار ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك مېخانىزملارنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن، خەۋپ - خەتەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك.

  (4) كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يۈكىنى يېنىكلىتىش. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسى تالونى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى ۋە ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش ئىسچوتىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىپ، ئىمپورت - ئېكسپورت كارخانىلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. دۆلەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك فوندىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، كېپىل ئاپپاراتلىرىنى قارشى كېپىللىكنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا يېتەكلەپ، كېپىللىك ھەق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەندە بېجىرىشى مەجبۇرىي تەلەپ قىلىنىدىغان كېپىللىك، سۇغۇرتا، باھالاش، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قاتارلىق ئىش تۈرلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەريانىدىكى قوشۇمچە چىقىملارنى ئازايتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك؛ ئالاقىدار چىقىملارنىڭ كېمەيتىشكە، كەچۈرۈم قىلىشقا بولمايدىغانلىرىغا قارىتا، يەرلىك مالىيە ئەمەلىيەتكە ئاساسەن، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان مۇكاپات ياردەم تەدبىرلىرىنى تۈزۈشى كېرەك.

  (5) تۈرگە ئايرىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تەكشۈرۈپ باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىش. كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل ئېلىشتا تەۋەككۈل مەبلىغى ئېتىبار بېرىش ھوقۇقى سالمىقىدىن بەھرىلىنىدىغان يەككە مۇئامىلىدارلار سومما چەكلىمىسىنى قويۇۋېتىشنى تەتقىق قىلىپ، سودا بانكىلىرىنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قەرز بېرىشتىكى ئىقتىسادىي كاپىتالىنى يەنىمۇ قويۇۋېتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاش چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، تەكشۈرۈپ باھالاش كۆرسەتكۈچى تەلىپىنى مۇۋاپىق قويۇۋېتىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قارىتىلغان كىرېدىت سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. بانكا كەسپى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى كىچىك، مىكرو كەسىپلەرگە بولغان ئىچكى رىغبەتلەندۈرۈپ يەتكۈزۈش مېخانىزمىنى پۇختىلاشقا يېتەكلەپ، كىرېدىت بايلىقى تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، نەتىجە - ئۈنۈمنى تەكشۈرۈپ باھالاش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پايدىنى تەكشۈرۈپ باھالاش كۆرسەتكۈچىنىڭ ھوقۇق سالمىقىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىپ، مەخسۇس تۈر بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش خىراجىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك؛ كىچىك، مىكرو كەسىپلەرگە قارىتىلغان ئىچكى مەبلەغنى يۆتكەش، باھادا ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك؛ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ناچار قەرزگە تاقەت قىلىش دەرىجىسىنى باشقۇرۇشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئىناۋەت دەرىجىسى، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش، جاۋابكارلىقتىن كەچۈرۈم قىلىش بەلگىلىمىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئاپپاراتلىرىنى پۇقراۋى كارخانىلار، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قەرز پۇل بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، پۇقراۋى كارخانىلار، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ كىرېدىتتە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ كىرېدىت خېيىم - خەتىرىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەتتىن ھەق ئېلىش سىياسىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان
【1】 【2】  كېيىنكى بەت