ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى ئاردئېن بىلەن كۆرۈشتى

2019.04.02 14:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر بەي جيې) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4- ئاينىڭ 1- كۈنى خەلق سارىيىدا يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى ئاردئېن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ يېڭى زېلاندىيەدە يېقىندا يۈزبەرگەن ئېغىر ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن يېڭى زېلاندىيە تەرەپتىن يەنە بىر قېتىم سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: زۇڭلى خانىمنىڭ دۆلەت ئىچى ئالاھىدە مۇھىم قارالمىغا دۇچ كەلگەن ئەھۋالدا ئالايىتەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشى سىز ئۆزىڭىز ۋە يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو ئەزەلدىن يېڭى زېلاندىيەنى سەمىمىي دوستى ۋە ھەمكارلىق ھەمراھى، دەپ قاراپ كەلدى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 47 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتى ئىزچىل جۇڭگونىڭ غەربتىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، كۆپ تۈرلۈك «بىرىنچى»لەرنى ياراتتى. نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىمۇ تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ يېڭى زېلاندىيە تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ جۇڭگونىڭ غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە داۋاملىق «سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشى»غا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش روھىغا ئەمەل قىلىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەك، جۇڭگو تەرەپ ئەمەلىي كۈچى بار كارخانىلارنىڭ يېڭى زېلاندىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى داۋاملىق قوللاشنى خالايدۇ، يېڭى زېلاندىيە تەرەپمۇ جۇڭگو كارخانىلىرىغا ئادىل، باراۋەر بولغان، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئىككى تەرەپلىك ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سۆھبىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ يېڭى زېلاندىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى قۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، يېڭى زېلاندىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، 2019- يىللىق «جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە ساياھەت يىلى»نى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو - يېڭى زېلاندىيە دوستلۇقىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش، ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

  ئاردئېن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يېڭى زېلاندىيەدە يۈزبەرگەن ئېغىر ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەم يېقىندا جۇڭگو جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شياڭشۈي خىمىيە سانائىتى زاۋۇتىدىكى زور ۋەقەنىڭ خادىملارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاردئېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى زېلاندىيە - جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم، ھەمكارلىق ساھەسى كەڭ. يېڭى زېلاندىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۇكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، يېڭى زېلاندىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە كۆپ قېتىم «سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغانلىقى»دىن پەخىرلىنىدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بەرگەن باھاسىنى قۇۋۋەتلەيمەن، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق يېڭى زېلاندىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن شۇنى قايتا تەكىتلەيمەنكى، يېڭى زېلاندىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ. يېڭى زېلاندىيە مۇستەقىل، ئۆز - ئۆزىگە ئىگە دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ئەمەل قىلىدۇ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوللايدۇ، ئەركىن سودىنى قوللايدۇ، خېلى بۇرۇنلا «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قوللاپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىغا قاتناشقان. يېڭى زېلاندىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى جۇڭگوغا پات يېقىندا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. يېڭى زېلاندىيە تەرەپ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق مۇھىم، زور خەلقئارا مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان