ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى   باۋدىڭ- قەشقەر ئېكسپورت تاۋارلارنى توشۇش مەخسۇس پويىزى رەسمىي قاتناشقا باشلىدى   تۆمۈريولدا يازلىق يولۇچى توشۇش 7- ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىدۇ   شىنجاڭدا كارىزلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، 100دىن ئارتۇق كارىز ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى  

شى جىنپىڭ «مەرتىۋىلىك پېشقەدەملەر جەمئىيىتى» ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

2019.04.02 14:29 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4- ئاينىڭ 1- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر بەي جيې) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4- ئاينىڭ 1- كۈنى خەلق سارىيىدا «مەرتىۋىلىك پېشقەدەملەر جەمئىيىتى» ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۇنيا نۆۋەتتە 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ ئىستىقبالى، يەرشارى خاراكتېرلىك خىرىسنىڭ چىقىش يولى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ كەلگۈسى بارغانسېرى كۆپلىگەن بىلىملىك زاتلارنىڭ ئويلىنىشىنى قوزغىدى. بىز ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇشنى، ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان يەر شارى ماكانىمىزنى ياخشى قۇرۇشنى، ياخشى ئاسراشنى تەشەببۇس قىلىمىز. ئىنسانىيەتنىڭ يىراق كەلگۈسىگە نىسبەتەن، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئۈلۈش مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. جۇڭگو بىر تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت، لېكىن بىز ئادا قىلىشقا تېگىشلىك خەلقئارا مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىمىزنى چەتكە ئالمايمىز. جۇڭگو ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى كۆزلەپ، ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلىشىگىمۇ ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر توغرا بولغان ھەققانىيەت - مەنپەئەت قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، ئۆزى ناھايىتى نامرات چاغدىمۇ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە خالىس ياردەم بەرگەن. بىزنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە يەككە تەرەپچىللىكنىڭ زەربىسى نۇرغۇن دۆلەتنى بېسىم ھېس قىلدۇردى ۋە ئەنسىرەتتى. لېكىن خەلقئارا جەمئىيەتتە كۆپ تەرەپچىللىكنى قوللاش ساداسى يەنىلا يېتەكچى كۈچ بولۇۋاتىدۇ. ھازىرغا قەدەر بار بولغان كۆپ تەرەپلىك مۇساپىنى توختىتىپ قويماسلىققا، ئېرىشكەن نەتىجىلەرنىڭ چېكىنىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭگو خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك سىستېمىسىنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك قارالمىلار ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ. جۇڭگو كۆپ تەرەپلىك ئاپپارات ئىسلاھاتىغا ئەزەلدىنلا ئوچۇق پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلگەن، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئورتاق كېڭىشىپ، ئومۇم ئېتىراپ قىلغان قائىدە بويىچە، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە ئېتىبار بىلەن قاراشنى، شۇنداقلا مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى كۆپ تەرەپچىللىك ۋە خەلقئارا ھەمكارلىققا قوشۇلغان مۇھىم تۆھپە. بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ھەمكارلىق پىكىر يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەمكارلىق ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ ئەمەلىيىتىنى بېيىتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى يەر شارىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ زىممىسىگە ئالاھىدە مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن. جۇڭگو چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ چىقىرىدۇ، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئېجىل - ئىناق ئۆتۈپ، توقۇنۇشماسلىقىنى، قارشىلاشماسلىقىنى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىنى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى. ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇپ، تىزگىنلەپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، كېڭىشىش، ھەمكارلىشىش، مۇقىملىقنى ئاساسىي رىتىم قىلغان جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە كۆزلىمىچانلىق بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخىي تاللىشى. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئىزچىل كۈرەش قىلىپ، ھەر قايسى جەھەتلەردە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز ئۆز تەرەققىيات يولىمىزنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردۇق ھەم «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىۋاتىمىز. جۇڭگونىڭ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلغانلىقى دۇنيا ئۈچۈن ئېيتقاندا تۆھپە قوشقانلىق.

  «مەرتىۋىلىك پېشقەدەملەر جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى، ئىرېلاندىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى روبىنزون، «مەرتىۋىلىك پېشقەدەملەر جەمئىيىتى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى، بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ كېڭەش باشلىقى پەن جىۋېن، مېكسىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى زېدىللو «مەرتىۋىلىك پېشقەدەملەر جەمئىيىتى» ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ۋاكالىتەن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار ئالدى بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئېرىشكەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇھىت ئاسراش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپ تەرەپچىللىك خىرىسقا دۇچ كەلگەن كەسكىن پەيتتە، جۇڭگو مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا پائال ياردەم بەردى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خەلقئارا سورۇنلاردا قىلغان بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاكتىپ ئۇچۇر تارقاتتى. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سىستېمىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا ۋە رايون خەۋپسىزلىكى، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك، جۇڭگونىڭ رەھبەرلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  «مەرتىۋىلىك پېشقەدەملەر جەمئىيىتى» جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ماندېلانىڭ تەشەببۇسى بىلەن 2007- يىلى 7- ئايدا قۇرۇلغان، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سابىق سىياسىي ئەربابلىرى ۋە مۇھىم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ سابىق مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان، ئاساسىي مەقسىتى سۆزلىشىش ئارقىلىق توقۇنۇش، نامراتلىق، كېسەللىك قاتارلىق يەرشارىۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش.
مەسئۇل مۇھەررىر : ياسىنجان